سوزۇلما خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى

سوزۇلما خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى

 تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش، بىئارام بولۇش، ئاق خۇن كۆپىيىش، بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش، ھامىلىدار بولالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى سوزۇلما خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى
خەنزۇچە نامى 慢性输卵管炎
كېسەللىك ئورنى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە تەسىر قىلغاندا توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىدا چۆكمىگە چۈشۈپ، يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تەبىئەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. نەتىجىدە يەرلىك ئورۇنغا يىغىلغان نورمالسىز ماددىلار توقۇلما-ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ زەخىملەندۈرۈپ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ سوزۇلما ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە تەسىر قىلغاندا تەركىبىدىكى ھەرخىل يات، غىدىقلىغۇچى ماددىلار يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھۈجەيرە-توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ زەخىملەندۈرۈپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغىنىڭ ۋاقتىدا ئۈزۈل-كېسىل ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

4. تاشقى زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلىنى قىرىش ئوپېراتسىيىسى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بوغۇش، بويىدىن ئاجراش ياكى قورساق بوشلۇقىدىكى ئوپېراتسىيىدە زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغلىنىپ توقۇلمىلار ئورگانىكلىشىپ ۋە ئۇنىڭدا تاتۇق شەكىللىنىپ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى توم، قاتتىق قىلىپ قويىدۇ. ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار بىلەن چاپلىشىپ قېلىپ سىروز پەردىسىنىڭ ئۈستى قىسمى زەخىملىنىدۇ، پۈرمىلەر چاپلىشىپ قالىدۇ. نەتىجىدە تۇخۇم توشۇش نەيچسىنىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتى ئاجىزلىشىدۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەر تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدە ھامىلىدار بولۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ چۇچىلىرى ياكى نەيچە بوشلۇقى ياللۇغ سەۋەبىدىن چاپلىشىپ قېلىپ توسۇلۇپ قالسا بۇ ئاياللاردىكى تۇغماسلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالىدۇ.. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە سۇ يىغىلىش (سولدا) ، تۇخۇم نەيچە تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى (ئوڭدا) بەزىدە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغلىنىپ يىرىڭلاش بىلەن بىللە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى چۇچىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمى چاپلىشىپ قېلىپ يىرىڭ چىقىپ كېتەلمەي تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدە يىرىڭ يىغىلىپ قالىدۇ. يىرىڭلىق ئىششىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يىرىڭ سۈمۈرۈلۈپ، سۈزۈك سۇيۇقلۇققا ئايلىنىپ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە سۇ يىغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ 

ئاق خۇن كۆپ كېلىش، بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش، تۆۋەنكى قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىش، باسقاندا ئاغرىش، ھامىلىدار بولالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بەل، توققۇزكۆز ساھەسى تېلىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

1. كېسەللىك تارىخى ياكى تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئىلگىرى بىماردا ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى بىلەن ئاغرىش تارىخى ياكى ھامىلىنى قىردۇرۇش، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بوغۇش، بويىدىن ئاجراش قاتارلىق كېسەللىك تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش، ھامىلىدار بولالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 2. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە، يەڭگىلرەك بولغاندا بالىياتقۇ كۆپىنچە ئاغرىق تەرەپكە سۈرۈلۈپ، ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراپ، قوشۇمچە ئەزالىرى قېلىنلايدۇ، ئەگەر سۇ يىغىلغان بولسا، يەرلىك ئورۇندا خالتىلىق ئىششىققا ئوخشاش بىر نەرسە قولغا ئۇرۇلۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولىدۇ.

3. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

2) لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش يەنى قان رايىنى تەكشۈرگەندە ئاق قان دانچىلىرى (WBC) ئۆرلەيدۇ.ئاقىۋىتى: ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. كېسەللىك سەۋەبچىسى يوقىتىلمىسا ياكى داۋالاشقا سەل قارالسا، ياللۇغنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، قورساق پەردىسى، سۈيدۈك يولى ياكى دوۋساققا كېڭىيىدۇ ھەمدە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىق، ئۆسمە قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. بەزىدە جىددىي قوزغىلىپ، جىددىي خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1.خىلىتلارنىڭ غەيرىيي تەبىئىي ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش، ئىششىق ياندۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىپ يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە ئىچى-سىرتىدىن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن چۆپچىن، ئەفتىمۇن، كاسىنە ئۇرۇقى، قەسبۇزەرىرە قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 ~ 80 مىللىلىتىردىن 12 ~ 9 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىر 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى مۇسەپپى خۇن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىر؛ ئەرقى چۆپچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ زىخ شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخ ئەفتىمۇن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىرغا ئەرقى كاكىنەچتىن 50 مىللىلىتىر قوشۇپ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ ياكى تۆۋەندىكى كاشكاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. كاشكاپ: ئەينۇلا، تەمرى ھىندى، زىخ، كۆك ئۈزۈم، چىلان، لىمون، بىنەپشە، قىزىلگۈل قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گىرامدىن ئېلىپ، كاشكاپ تەييارلاپ، ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا بېرىلىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن؛ مەجۈنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن؛ مەجۇنى كاكىنەچ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن؛ قۇرسى كاكىنەچ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 تالغىچە؛ قۇرسى بانادۇق كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 تالغىچە؛ جاۋارىش قەرتۇم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ قان تازىلىغۇچى، قان تەڭشىگۈچى ئەرەقلەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاپ ياللۇغلۇق ماددىلارنى تازىلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ قوللىنىلىدۇ. قورۇلغان تۇز بىلەن قورساق قىسمىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ ياكى قورۇلغان قۇمغا ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ قورساققا تېڭىلىدۇ. قىزىلگۈل، زاراڭزا ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈمى، بابۇنە گۈلى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، زىغىر ئۇرۇقى، پۇنۇس مېغىزى، خىيار شەنبەر قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 01 گىرامدىن ئېلىپ ھۆل كاسىنە سۈيى ياكى گۈل يېغى بىلەن زىمات تەييارلاپ، تۆۋەنكى قورساق قىسمىغا كۈندە بىر قېتىم چېپىلىدۇ. بىنەپشە، ئىكلىلمىلىك، بەدىيان، ئىتئۈزۈمى، بابۇنە، ئانار پوستى، كاكىنەچ، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، زىغىر، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئىسىپغۇل قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن ئېلىپ، تالقانلاپ، گۈل يېغى بىلەن زىمات تەييارلاپ، تۆۋەنكى قورساق قىسمىغا كۈندە بىر قېتىم چېپىلىدۇ ياكى يۇقىرىقى دورىلارنى مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ، ئىسسىق ھالەتتە كۈندە ئىككى قېتىم ئابىزەن قىلىنىدۇ. بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، شاھتەررە، موزا، مامىرانچىنى، سېمىزئوت ئۇرۇقى، شۇمشا، سېرىقچېچەك قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گىرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، ۋاننا تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئەتتىگەن-كەچتە ۋاننا قىلىنىدۇ. بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، موزا، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، شۇمشا، سېرىقچېچەك، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن، تەرەنجىبىن 30 گىرام، خىيار شەنبەر 20 گىرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ، 200 مىللىلىتىر قايناتما تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئەتتىگەن ۋە كەچتە كىلىزما قىلىنىدۇ. داس بوشلۇقىدا سۇلۇق ئىششىق، خالتىلىق ئىششىق بولسا توسالغۇلارنى ئېچىپ، ئىششىقنى قايتۇرۇش مەقسىتىدە يۇقىرىقى دورىلارغا بىرلەشتۈرۈپ مەجۈنى خىيار شەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن؛ مەجۈنى رەۋەن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن؛ مەجۈنى ئاساناسىيا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 گىرامدىن؛ دىنار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ تال شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ ياكى تۆۋەندىكى دورىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ. مائۇلئۇسۇل شەربىتى: بادىيان يىلتىزى، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، كەرەپشە يىلتىزى، ئەنجۈر قېقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 30 گىرام، بىخ كەبىر، ئىزخىر، سۆرۇنجان، بەدىيان، بابۇنە، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، شەتىرەنجى ھىندى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گىرامدىن، گۈلقەنت 150 گىرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ، قاينىتىپ، شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 40 ~ 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، ئوغرىتىكەن، بابۇنە، زاراڭزا ھەر بىرىدىن 20 گىرام، ئىتئۈزۈمى، بەدىيان، رەۋەن، سوزاپ، سېرىقچېچەك ھەر بىرىدىن 15 گىرام، شېكەر 300 گىرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~ 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. سېرىقچېچەك، ئىنەكپۇشتى مېغىزى، قىچا ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گىرام، ئەنجۈر 10 دانە، بابۇنە 50 گىرام. كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا گۈل يېغى قوشۇپ زىمات تەييارلاپ، دوۋسۇن ساھەسىگە چېپىلىدۇ. رەئىس ئەزالار ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە مائۇلجەبىن شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 50 مىللىتىردىن؛ ئانار شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن؛ ماددەتۇلھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن؛ لوبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن؛ ئامىلە نۇشدارى لۆئلۇۋى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن؛ ھەسەل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 20 مىللىلىتىردىن؛ داۋائىمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، 5 ~ 3 گىرام؛ ئەۋرىشىم شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، 10 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە سىڭىدىغان، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: لازا، ئاچچىقسۇ، قارىمۇچ، كالا گۆشى، ئۆچكە گۆشى قاتارلىقلار ھەمدە ياللۇغ قايتقىچە تۇخۇم، قوي گۆشلىرىدىنمۇ پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن توخۇ گۆشى، كەپتەر گۆشى، بانان، ئانار، ياڭاق، بادام …… قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ.

 3. بەدەن چېنىقتۇرۇپ بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 4. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى ۋە باشقا جىنسىي ئەزالاردىكى ئۆتكۈر ياللۇغلۇق كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا ئۈزۈل-كېسىل داۋالاپ ساقايتىش لازىم.

 5. بىمار ياللۇغنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېرىم يېتىش ھالىتىدە بېشىنى ئېگىز قىلىپ يېتىپ ئارام ئېلىشى، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

 6. تۇغۇت، بويىدىن ئاجراش، ھەيز مەزگىللىرىدىكى تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، كېسەلگە بولغان قارىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ساقىيىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1301

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1301

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#