ساتار

ساتار ئۇيغۇرلارنىڭ كامانچە بىلەن چالىدىغان بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى. شەكلى تەمبۇرغا ئوخشاپ كېتىدۇ. 7دىن 13 كىچە تارى بولۇپ، ئاۋازى ناھايىتى يېقىملىق، مۇقام ئاھاڭلىرىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. مۇقام ئورۇنلاشتىكى ئاساسلىق چالغۇ بولۇپ، مۇقام ۋە مەشرەپ لەردە مۇقەددىمە قىسىمىنى ئورۇنلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.


ئۇيغۇرچە نامى ساتار
ئەسلى نامى سەرتار
پىنيىنچە يېزىلىشى sà tǎ ěr
خەنزۇچە نامى 萨塔尔
تۈرى كامانچىلىق چالغۇ
ئوزۇنلۇقى 140 سانتىمېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ساتار، كامانچىلىق چالغۇ بولۇپ، گەۋدىسى بىر ئاز ئۇزۇن، بېشى يېرىم يۇمىلاق بولۇپ، ئۈجمە ياكى ئۆرۈك ياغىچىدا ياسىلىدۇ. ماتېرىيال تاللاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، دۇتار غا ماتېرىيال تاللاش بىلەن ئوخشاش تەلەپ قويۇلىدۇ. ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 140 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇ مىللىي ئوركىستېردىكى مۇھىم چالغۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىر تال ئاساسلىق چېلىنىدىغان پولات سىمى ۋە 13 تال قوشۇمچە ئەكس سادا قايتۇرغۇچى سىمى بولىدۇ. دەستىسىگە كىرىچتىن 18 دانە پەدە  ئورنىتىلىدۇ. ئۇ مۇقام ئورۇنلاشتىكى ئاساسلىق چالغۇ بولۇپ، مۇقام ۋە مەشرەپلەردە مۇقەددىمە قىسىمىنى ئورۇنلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى باشلامچى چالغۇ دېيىشكە بولىدۇ. ساتارنىڭ ئەسلى نامى (ئىسىمى) «سەرتار» بولۇپ، «باشلامچى چالغۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ. ساتارنى يەككە چېلىشقىمۇ، باشقا ساز بىلەن تەڭكەش قىلىپ چېلىشقىمۇ ھەم ئۆزى ناخشا ئېيتىپ ئۆزى چېلىشقىمۇ بولىدۇ.

ساتارنى ياساش تەمبۇر غا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ ئاۋاز (سادا) قايتۇرۇش، باش، ساپ، كامالچە، بۇلبۇلەك (خارەك)، ئاساسىي تار قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپىدۇ. باش قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 47 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 18 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۈقمە ياغىچىدا ياسىلىدۇ. باش قىسمىنى ياساشتا ئالدى بىلەن بىر دانە ئۈجمە ياغىچىنى ئۆلچەم بويىچە يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە تەييارلاپ، ئاندىن يۈز قىسىمىدىن باشلاپ ئۇيۇپ، چۆمۈچكە ئوخشاش تەييارلاپ، يۈزىگە ئاۋاز ئۆتكۈزۈشچانلىقى يۇقىرى بولغان ئۈجمە ياغىچىدىن يۈزلۈك تەييارلاپ، يۇمىلاق شەكىللىك يۈزىگە يەملىنىدۇ. ساپ قىسمى بىلەن باش قىسمى تۇتاشتۇرۇلىدىغان بۆلىكى ۋورۇنكا شەكىلدە تەييارلىنىدۇ، ئاندىن ساپ قىسمى ئۇزۇنلۇقى ۋە توملۇقى ماسلاشتۇرۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ. باش قىسمىنىڭ يۈزىگە «T» شەكىللىك بىر دانە بۇلبۇلەك (ياكى خارەك) ئورنىتىلىدۇ.

ساپ قىسىمىنىڭ يۈزىگە 18 دانە پەدە قويۇلىدۇ ۋە ساپ قىسىمىغا بىر تال ئاساسلىق چېلىنىدىغان پولات سىمى ۋە 13 تال قوشۇمچە ئەكس سادا قايتۇرغۇچى سىمى بولىدۇ، ئايرىم-ئايرىم ھەربىر تار ئۈچۈن بىردىن خارەك ئورنىتىلىدۇ ھەم ساپنىڭ سول يان تەرەپكە تەلەپ بويىچە ھەر بىر تار ئۈچۈن بىردىن قۇلاق تەرتىپلىك ئورنىتىلىدۇ. ساتارنىڭ بىرىنچى سىمى ئاساسلىق چېلىنىدىغان تار بولۇپ، ئاساسىي مېلودىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ياكى كامالچە ئاساسلىق سۈركەپ چېلىنىدۇ. قالدى تارلىرى بولسا ئەكس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ساتارنىڭ ساپ قىسمىنىڭ يۈزى، ئارقىسى، يان تەرەپلىرى ۋە باش، بوغۇز قىسمىنىڭ ئارقا، يان، بويۇن قىسمىغا ئۇستىخاندىن ياكى بىرىكمە سۇلياۋدىن ئۆزگىچە نەپىس گۈللەر قويۇلىدۇ. شۇڭا ئۇ خاس مىللىي چالغۇ بولۇپلا قالماي بەلكى، نەپس ئىشلەنگەن ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمىدۇر.

توقسۇ ناھىيەسى قەدىمدە يىپەك يولىدىكى مۇھىم بىر بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرلۈك مەدەنىيەت–سەنئەت ئامىللىرى ئۆزئارا ئۇچراشقان ھەم شەكىللەنگەن. چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ھۈنەر–سەنئىتى ئەنە مەدەنىيەتلەر ئىچىدىكى ئالاھىدە جۇلالىنىپ تۇرىدىغان قىممەتلىك بايلىقتۇر. سەنئەتخۇمار توقسۇ خەلقى ئۆز مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابلار ياساشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ساتار ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

ساتار سول پۇت تېقىمى ئۈستىگە تىك قويۇلۇپ، سول قولدا پەدە بېسىپ، ئوڭ قول بىلەن كامانچە سىيرىش ئارقىلىق چېلىنىدۇ. ساتارنىڭ ئاۋازى سىلىق، مۇڭلۇق بولۇپ، ئۇ مۇقام ئورۇنداشتىكى ئاساسلىق چالغۇدۇر. كۆپىنچە مۇقاملارنىڭ بېشىدىكى مۇقامى ۋە بەزى مۇزىكىلارنىڭ چاچما ئۇدارلىق جايلىرىدا باشلامچىلىق رول ئوينايدۇ. ساتار تەمبۈر ئاساسىدا يېقىنقى دەۋرلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئۇزۇن دەستىلىك كانامچىلىق چالغۇ. قەدىمكى زاماندا ئىشلىتىلگەن ساتار «پەنجىتار» شەكلىدىكى قىسقا ساپلىق، كامانچىلىق چالغۇ بولۇپ، ئۇ ⅧⅩ ئەسىردىن باشلاپ تەدرىجىي ھالدا دەستىسى ئۇزارتىلىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#