ئەس–ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش

ئەس–ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش

ئەس–ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بولسا قۇۋۋىتى نەفسانىينىڭ خىزمىتى بۇزۇلۇش بىلەن قۇۋۋىتى مۇھەررىكە(ھەرىكەتنى باشقۇرغۇچى قۇۋۋەت) ۋە قۇۋۋىتى مۇدرىكە (سېزىمنى باشقۇرغۇچى قۇۋۋەت)نىڭ بىرسى ياكى بىر قانچىسىنىڭ خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراشتى كېلىپ چىققان نورمالسىز ھالەتتىن ئىبارەتتۇر. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەس–ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بولسا قۇۋۋىتى نەفسانىينىڭ خىزمىتى بۇزۇلۇش بىلەن قۇۋۋىتى مۇھەررىكە(ھەرىكەتنى باشقۇرغۇچى قۇۋۋەت) ۋە قۇۋۋىتى مۇدرىكە (سېزىمنى باشقۇرغۇچى قۇۋۋەت)نىڭ بىرسى ياكى بىر قانچىسىنىڭ خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراشتى كېلىپ چىققان نورمالسىز ھالەتتىن ئىبارەتتۇر. كلىنكىدا ئەس –ھۇشى توسۇلۇش، ھەركەت سىزىمى ۋە رىفلىكىسلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ھەر خىل غىدىقلىنىشلارغا ئويغۇنۇشى بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

نورمال ئەھۋال ئاستىدا مىڭىدىكى قۇۋۋۈتۈ نەفسانۈينۈڭ خىزمەت پائالىيتى كىشىلەرنىڭ ئەس-ھۇشىنىڭ ئوچۇق-تۇتۇقلىقىغا قوماندانلىق قىلىدۇ. ئەگەر قۇۋۋۈتۈ نەفسانۈينۈڭ خىزمىتى بۇزۇلسا مىڭە قان ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ماددا ئالمىشىشى بۇزۇلۇپ، ياكى ىوفۇنەتلۈنۈپ ئەس-ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەس-ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش تۆۋەندىكى سەۋەپلەردىن كىلىپ چىقىدۇ.

ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن

قان چىرىش كېسىلى، ئۆپكە ياللۇغى، ئۆتكۈر باكتىرىيەلىك تولغاق، ئەسۋىلىك كىزىك، سەرسام، مىڭە قىل قۇرۇت كېسىلى قاتارلىقلار

 مېڭىنىڭ يۇقۇملۇنۇشسىز كېسەللىرىدىن

مىڭە قاناش، مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك، مېڭە تىقىلمىسى، يۇقۇرى قان بىسىملىق مېڭە كېسىلى، قاتارلىقلار.

مېڭىدىكى ئورۇن ئىلىش خارەكتىرلىك كېسەللىكلەر

مىڭە ئۆسمىسى، مىڭە يىرىڭلىق ئىششىغى قاتارلىقلار.

باش قىسىمنىڭ تاشقى زەخمىلىنىدىن

ھەرخىل ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش ، بىسىلىشلار.

ئىچكى ئاجراتما خىزمىتى بۇزۇلۇشتىن

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، قالقان بەز خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشى، قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشى، قەنت سىيىش كېسىلىدىن كىيىنكى ھۇشسىزلىق قاتارلىقلار.

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى تەسىرىدىن

يۈرەك ھەركىتىنىڭ تۇتقاقلىق تىزلىشىپ كېتىشى، ئېغىر دەرۈجىلىك شوك قاتارلىقلار.

ھەر خىل فىزىكا-خىمىيىلىك ئامىللار

ئىسسىق، سوغۇق ئۆتۈپ كىتىش، سۇدا تۇنجۇقۇش، توك سوقىۋىتىش قاتارلىقلار. ئەس- ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش تۆۋەندىكى تۆت دەرىجىگە بۆلىنىدۇ. ئۇيقۇچانلىق: ئەس-ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ ئەڭ يىنىك دەرىجىسى بولۇپ بىماردا كېسەللىك مەنبەلىك ئۇيقۇسىراش بولىدۇ، ھەر خىل يەڭگۈل گەپ سۆزلەرگە، ھەركەت، غىدىقلىنىشلارغا نىسبەتەن ئىنكاسى بولىدۇ، ئاستا بولىدۇ، غىدىقلىنىش توختىغاندىن كىيىن يەنە ئۇيقىسىرايدۇ. ئەس–ھۇشى تۇتۇقلۇشۇش: ئۇيقۇچانلىققا قارىغاندا ئەس-ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ سەل ئىغىرراق ئۆتىدىغان تىپى بولۇپ، بىمارنىڭ يۆلۈنۈشنى بەلگىلەش ئىختىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، گەپ سۆزلىرى باغلاشمايدۇ،خاتا سىزىم، خىيالى سىزىم بولىدۇ، بىئارام بولىدۇ. جۆيلۈيدۇ، روھى كەيپىياتى بۇزۇلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار ئۆتكۇر يۇقۇملۇق كېسەللەردە كۆرلىدۇ. بولۇپمۇ كىزىك كېسىلىنىڭ يۇقۇرى قىزىتمىنىڭ داۋاملىشىش دەۋرىدە كۆرلىدۇ. بىخۇت ئۇخلاش: ھۇشسىزلىققا يىقىن بولغان ئەس –ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ تىپى بولۇپ بىمار كېسەللىك مەنبەلىك ئۇخلايدۇ، ئاسانلىقچە ئويغاتقىلى بولمايدۇ، ئويغاتقان تەقدىردىمۇ يەنە تىزلا ئۇخلاپ قالىدۇ. سورىغان سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابى ئىنىقسىز، قالايمىقان بولىدۇ. ھۇشسىزلىق: ئەس–ھۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ ئەڭ ئپغىر دەرىجىسى بولۇپ دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ يىنىك ھۇشسىزلىق، ئوتتۇرھال ھۇشسىزلىق، ئپغىر ھۇشسىزلىقدىن ئىبارەت 3 تۈرگە بۆلىنىدۇ. يىنىك ھۇشسىزلىق: ئۈزە ھۇشسىزلىق ياكى يپرىم ھۇشسىزلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىماردا ئىختىيارى ھەركەتلىرىنى يوقىتىدۇ، ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە، سۆز، ئاۋاز، نۇرغا بولغان رىيەكسىسى يوقايدۇ. ئاغرىش سىزىمىغا نىسبەتەن ئويغۇنۇش بولىدۇ، سۇس بولىدۇ. يەنى كۆز ئويمىنى ئۈستى نپرۋىسىنى باسقاندا بىمادا چىرايىنى پۈرۈشۈرۈش، پۇت-قوللىرىنى يىغىش ئىپادىلىرى بولىدۇ. ئوتتۇرھال ھۇشسىزلىق: بۇ دەۋىردە بىمارنىڭ ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە شۇنداقلا بارلىق غىدىقلىنىشلارغا بىردەك ئىنكاسى بولمايدۇ، كۈچلۈك غىدىققا نىسبەتەن رىيەكسىسى بولىشى مۇمكىن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە رىفلىكىسلىرىدا سۇسلۇشۇش بولىدۇ، نەپەس، قان بپسىم، پولىس، ۋە نەپەسلەردە ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئېغىر ھۇشسىززلىق: پۈتكۈل بەدەن مۇسكۇللىرى بوشىشىپ، ھەرقانداق غىدىقلىنىشقا بىردەك رىيەكسىسى بولمايدۇ، ئۈزە-چوڭقۇر رىفلىكىسلىرى يوقايدۇ، نەپەس تەرتىپسىزلىنىدۇ، قان بىسىم تۆۋەنلەيدۇ. چوڭ كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدۇ، پەقەت ئورگانىزىمنىڭ ئاساسلىق ماددا ئالمىشىشىلا قالىدۇ. ئەگەشمە ئالامىتى: قىزىتما قوشۇلۇپ كىلىدۇ. نەپەستە ئۆگۈرۈش بولىدۇ. كۆز قارچۇغىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. يۈرەك ھەركىتىدە تىزلىشىش بولىدۇ. قان بېسمىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. شوكلۇق قوشۇلۇپ كىلىدۇ. سوراپ تەكشۈرۈش مەزمۇنى: كېسەللىك باشلانغان ۋاقىت، قوزغاشتىن بۇرۇنقى ئەھۋاللار، كۈچەيتكۈچى ئامىللار، كېسەللىك جەريانى، ۋە دەرىجىسى قاتارلىقلار سورىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قىزىتما بولسا ئۇنىڭ دەرىجىسى، يىپى، داۋاملىشىش ۋاقتى، باش ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، تىرە شىللىق پەردىلەرگە قان تولۇش، سىزىم توسقۇنلۇققا ئۇچراش، قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلۇقى، ئۆتكۈر يۇقۇملۇنۇش، شوك، قانبپسىم يۇقۇرىلاش، قان تومۇر قپتىش، قەنىت سىيىش كېسەللىگى بىلەن ئاغرىش، جىگەر، بۆرەك، مىڭە كېسەللىگى، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى ،باش قىسىمنىڭ تاشقى زەخمىلىنىشى، ئۆسمە، قىل قۇرۇت كېسەللىگى قاتارلىقلارنىڭ بار يوقلۇقى سورىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1032

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#