موڭغۇل مىللىتى

موڭغۇل مىللىتى

«موڭغۇل» دەسلىپىدە موڭغۇللار رايونلىرىدىكى نۇرغۇن موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ بىرى ئىدى، كېيىنچە مىللەتنىڭ نامى بولۇپ قالغان. مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، چىڭگىزخان موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، موڭغۇل قاغانلىقىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ قاغانلىق كېيىنچە ياۋروپا ۋە ئاسىيادىن ھالقىغان بۈيۈك ئىمپېرىيە بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇرچە نامى موڭغۇل مىللىتى
نوپۇسى 1000 تۈمەن
خەنزۇچە نامى 蒙古族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

موڭغۇل مىللىتىھەر يىلى 7-، 8-ئايلاردا، موڭغۇل چارۋىچىلار چوڭلارنى يۆلەپ، كىچىكلەرنى يېتىلەپ، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ماشىنىلىق ياكى ئاتلىق يايلاققا يىغىلىپ، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان نادام بايرىمىغا قاتنىشىدۇ، «نادام» موڭغۇلچىدا كۆڭۈل ئېچىش، ئويناش دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەر قېتىم بۇ خىل ئەنئەنىۋى يىغىلىش بولغاندا، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكى تىنچ يايلاق بىردىنلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈلىدۇ. خەتەرلىك، تەسىرلىك ئويۇن − ئات بەيگىسى، ئاتقان ئوقى زايە كەتمەيدىغان ماھىرلارنىڭ ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى، پالۋانلارنىڭ چېلىشىش مۇسابىقىسى قىزىپ كېتىدۇ، ماھىرلارنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى، كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ھەر خىل نومۇرلار كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە تارتىدۇ. 

موڭغۇل مىللىتى«موڭغۇل» دەسلىپىدە موڭغۇللار رايونلىرىدىكى نۇرغۇن موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ بىرى ئىدى، كېيىنچە مىللەتنىڭ نامى بولۇپ قالغان. مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، چىڭگىزخان موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، موڭغۇل قاغانلىقىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ قاغانلىق كېيىنچە ياۋروپا ۋە ئاسىيادىن ھالقىغان بۈيۈك ئىمپېرىيە بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ نەۋرىسى قۇبلايخان يۈەن سۇلالىسىنى قۇرغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، تاشقى موڭغۇلىيىمۇ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى بولغان. موڭغۇللار شەكىللىنىش جەريانىدا ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى ياراتقان. كېيىنچە، يۈەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى دۆلەت ئۇستازى، شىزاڭلىق لاما باسپا كونا موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا يېڭى موڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. بۇ يېزىق بىرنەچچە قېتىم ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، تود موڭغۇل يېزىقى دەپ ئاتالغان بولۇپ، تاكى بۈگۈنگىچە ئىشلىتىلمەكتە. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، موڭغۇللارنىڭ تۇرغۇت قەبىلىسى قاتمۇقات توسالغۇلارنى بۆسۈپ تاشلاپ، چارروسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، ۋولگا دەرياسى بويىدىن ۋەتىنىمىزگە قايتىپ كەلگەن. 2-قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قۇرتچىن خاقانى سېڭگېلىنچىن موڭغۇل ئاتلىق قىسىملىرىغا باشچىلىق قىلىپ، ئەنگلىيە-فرانسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن.

موڭغۇل مىللىتى ھازىر موڭغۇللار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن باشقا شىنجاڭدا ئىككى موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، چىڭخەيدە بىر موڭغۇل، زاڭزۇ ۋە قازاق بىرلەشمە ئاپتونوم ئوبلاستى بار. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا يەتتە موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بار. بۈگۈنكى كۈندە يايلاقتا قوي، ئۆچكە، سەنخې ئېتى، ئۇجۇمچىن كالىسى ۋە ئالاسان تۆگىسى قاتارلىقلار توپ-توپى بىلەن يايلىماقتا ۋە كۆپەيمەكتە. ئوتلاقلارنى قاشالاش، چارۋىلاردا بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ۋە چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەدبىرلەر چارۋىچىلىقنىڭ گۈللىنىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. تۇپرىقى مۇنبەت خېتاۋ(ئوردوس) تۈزلەڭلىكىنىڭ «ئاشلىق ئامبىرى» دېگەن نامى بار، شەرقتىكى جېلىمۇ دېھقانچىلىق رايونى خېتاۋدىن قىلىشقۇسىز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇ يەردە ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، سۈپۈرگە قوناق، قىزىلچا، پۇرچاق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. شىمالدىكى چوڭ ھىنگان تېغىدا ياغاچ ماتېرىياللىرى، دورا ماتېرىياللىرى، ئەتىۋارلىق قۇش ۋە ھايۋانلار ئىنتايىن مول. موڭغۇل خەلقى بۇ تەبىئىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇردى.

موڭغۇللارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇلار قىشتا جۇۋا كىيىدۇ، سىرتىغا يىپەك ياكى پاختىلىق كىيىم كىيىدۇ، يازدا رەختتىن تىكىلگەن يەكتەك كىيىدۇ، يەكتەك كەڭ تىكىلىدىغان بولۇپ، ئۇدۇل چاك ئېچىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئەزەلدىن موڭغۇل يەكتىكى دېگەن نامى بار. ئۇلار بېلىگە بەلۋاغ باغلايدۇ، بەلۋاغقا ھەميان ۋە پىچاق ئاسىدۇ. موڭغۇل ئاياللىرى بېشىغا ياغلىق چېگىشنى ياخشى كۆرىدۇ. موڭغۇللار كالا، قوي گۆشىگە ۋە سۈت يېمەكلىكلىرىگە، شۇنداقلا قىزىل چايغا ئامراق. ئۇلار يۇمىلاق چېدىردا تۇرىدۇ، چېدىرلار كۆپىنچە ياغاچتىن ياسالغان چەمبەرسىمان قورشاۋ تام ۋە كۈنلۈك شەكىلدىكى تېرەكلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، چېدىرنىڭ ئۈستى ۋە چۆرىسى قېلىن كىگىز بىلەن ئورىلىپ، ئارغامچا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. چېدىرنىڭ ئۈستىگە تۈنلۈك قويۇلغان بولۇپ، شامال ئۆتۈشتۈرۈش ۋە يورۇق چۈشۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. دېھقانچىلىق رايونىدىكى موڭغۇللار خەنزۇلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشقاچقا، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغان. ئۇلار بىر مەزگىل لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، كۆپلىگەن بۇتخانىلارنى سالدۇرغان، لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ سانى پۈتكۈل مىللەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېتىدۇ. [0]

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#