Basic4android
Basic4android بولسا بىر ئاددى لېكىن ئىقتىدارى كۈچلۈك، Android پىروگراممىسى ئېچىش مۇھىتى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
Basic4android بولسا بىر ئاددى لېكىن ئىقتىدارى كۈچلۈك، Android پىروگراممىسى ئېچىش مۇھىتى.
Basic4android نىڭ بارلىققا كېلىشى Android سىستېمىسى ئۈچۈن Java دىلا ئەمەس، تولىمۇ ئاددىي بولغان Basic ئارقىلىقمۇ پىروگرامما لايىھەلىگىلى بولىدىغان بىر ئىمكانىيەتنى ھازىرلاپ بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە Basic4android ئارقىلىق كۆرۈنمە يۈز لايىھەلەش خۇددى (Visual Studio (Visual Basic ياكى Delphi مۇھىتىدا كۆرۈنمە يۈز لايىھەلەشكە ئوخشاش قولايلىق بولغاچقا، پىروگراممېرلارنى پىروگرامما جەريانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا زېھىن ئىسراپ قىلىشتەك پاسسىپ ھالەتتىن قۇتۇلدۇردى.
1. ئاددىي ۋە كۈچلۈك.
2.IDE (توپلاشتۇرۇلغان لايىھەلەش مۇھىتى) ۋە پىروگرامما لايىھەلەش تىلى %100 Android لايىھەسىگە مەركەزلەشكەن.
3. يەرلىك ئىككىلىك سىستېمىلىق كود ھاسىلىيەلەيدۇ. ئىجرا ئامبىرى بىھاجەت. شەكىللەندۈرۈلگەن APK ھۆججەتلىرى Java / Eclipse ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلگەن APK ھۆججەتلىرى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش.
4. ئىجرا بولۇش ئۈنۈمىJava دا يېزىلغان قوللانمىلار بىلەن ئوخشاش.
5. XML ھۆججەتلىرىنى يېزىش بىھاجەت (كۆپىنچە ھاللاردا)
6. ئىشلەتكۈچىلەرJava ئامبىرىنى قوللاش ئالاھىدىلىكى بىلەن زور دەرىجىدە ئىقتىدار كېڭەيتىشكە بولىدۇ
7. كۆلەملەشكەن، ئاكتىپ ۋە دوستانە بولغان لايىھەلىگۈچىلەر توپىغا ئىگە. 16 مىڭدىن ئارتۇق تىزىملاتقان لايىھەلىگۈچىسى بار.
8. Android ئۈچۈن چىقىرىلغان بىردىنبىر ھەقىقىي WYSIWYG What You See Is What) You Get سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسى «نېمە كۆرسەڭ شۇنى ئالىسەن» دېگەن مەنىدە) كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچ. كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچ كۆپ ئېكران ۋە ئېنىقلىق دەرىجىلىرىنى قوللايدۇ
9. 1.6 دىن 4.0 كېچە بولغان بارلىق Android تېلېفونلار ۋە تاختا كومپيۇتېرلارنى قوللايدۇ.
10. ئاپتوماتىك تاماملاش ئىقتىدارىغا ئىگە مودا IDE، ياردەم ھۆججەتلىرى ۋە باشقا ئىقتىدارلار قوشۇۋېتىلگەن.
11. تور ۋە تورسىز ئىزدەش ئىقتىدارىغا ئىگە چوڭ كۆلەملىك ياردەم ھۆججەتلىرى تەمىنلەنگەن.
12. Android نىڭ بارلىق يادرولۇق ئىقتىدارلىرىنى قوللايدۇ (ساندان، تور، ئورۇن بەلگىلەش، تېكىستنى نۇتۇققا ئايلاندۇرۇش، ئاۋاز تونۇش، ئارقا تەرەپ مۇلازىمەتلىرى، كۆكچىش، ھۆججەت مەشغۇلاتلىرى... ۋەھاكازالار)
Basic4android تۆۋەندىكى ئىككى قوشۇمچە (ھەقسىز) قۇرۇلمىغا تايىنىدۇ:
Java JDK
Android SDK
قاچىلاش كۆرسەتمىسى:
Java JDKبىرىنچى قەدەمدە Java JDK v6 نى قاچىلاش كېرەك،Android SKD مۇ شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى،Java نىڭ بىرقانچە نەشرى ئوخشاش كومپيۇتېرغا قاچىلانسىمۇ ھېچنەرسە بولمايدۇ.
توردىنJava JDK v6 نى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. ئاندىنAndroid SDK بىلەن مەلۇم بىر سۇپىنى قاچىلايمىز. API 8 ياكى يۇقىرى نەشرى قاچىلانسا بولىدۇ. API 8 نى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
http://www.basic4ppc.com دىن Basic4android نى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. ئاندىن Basic4android نى ئىجرا قىلىپ، Tools تىزىملىكىدىن Configure Paths نى تاللايمىز.
Android SDKBrowse كۇنۇپكىسىنى بېسىپjavac.exe بىلەن android.jar نىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز.
Windows XP داBasic4android قوزغىلالماي خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈنسە،DotNet Framework 2.0 ياكى يۇقىرى نەشرىنى قاچىلىۋەتسەك بولىدۇ.
يېڭى AVD قۇرۇش Basic4android نى ئىجرا قىلىمىز. Tools تىزىملىكىدىن Manage AVDs نى تاللايمىز.
بۇ چاغدا تۆۋەندىكىدەك AVD Manager كۆرۈنىدۇ.
New كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، چىققان كۆزنەكتىكى رامكىلارنى تۆۋەندىكىدەك تولدۇرىمىز:
بۇ چاغدا تۆۋەندىكىدەك AVD Manager كۆرۈنىدۇ.
Create AVD كۇنۇپكىسىنى باسساق Android تەقلىدلىگۈچ قۇرۇلىدۇ. Start نى باسساق Android تەقلىدلىگۈچ ئېچىلىدۇ.
قۇلۇپ سۈرىتىنى بېسىپ ئوڭغا سۈرسەك، تەقلىدلىگۈچ قۇلۇپى ئېچىلىدۇ. Basic4android دا يازغان پىروگراممىلىرىمىزنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تەقلىدلىگۈچنى قايتا قوزغىتىش ھاجەتسىز. تەقلىدلىگۈچ باشتىن-ئاخىر ئوچۇق ھالەتتە تۇرسا بولىدۇ.
يېڭى پىروگراممىنىڭ ئورنىنىFile تىزىملىكىدىن Save نى تاللاپ بېكىتىمىز. ھەر بىر تۈرنى ئايرىم مۇندەرىجىدە ساقلاش كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىنىدۇ، شۇڭا «Hello World» دەپ مۇندەرىجىدىن بىرنى قۇرىمىز، شۇ مۇندەرىجىنى ئېچىپ پىروگراممىنى «Hello World» نامىدا ساقلايمىز.
تۆۋەندىكى كودنىSub Activity_Create ئاستىغا يازىمىز:
(Sub Activity_Create(FirstTime As Boolean
(Log("Hello world!")
(Msgbox("Hello world?", "First program"
End Sub
F5 بى بېسىپ پىروگراممىنى ھاسىلىلەپ، تەقلىدلىگۈچكە يوللايمىز. بۇ چاغدا بولاق دىيالوگ كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ:
ھەر بىر Android قوللانمىسى بىردىنبىر بولغان بولاق ئىسمى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بولاق ئىسمى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلۈشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن كېيىن قوللانما بەلگىسىنى كىرگۈزۈشىڭىزنى سورايدۇ. بۇ ئىشلەتكۈچىلەر كۆرىدىغان قوللانما ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئاندىن پىروگرامما ھاسىلىلىنىپ تەقلىدلىگۈچكە قاچىلىنىدۇ:
تەقلىدلىگۈچ ھەقىقىي ئۈسكۈنىدىن كۆرۈنەرلىك ئاستا بولىدۇ. شۇڭا بىۋاسىتە ھەقىقىي ئۈسكۈنىنى چېتىپ ئىشلەتسىڭىز، تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ.
ھەقىقىي ئۈسكۈنە ئىشلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەپنى چۈشۈرۈپ،Android ئۈسكۈنىڭىزگە قاچىلايسىز:
http://www.basic4ppc.com/android/files/b4a_bridge.apk
ياكىAndroid بازىرىدىن B4A Bridge نى ئىزدەپ قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ (دىققەت: ئۈسكۈنىڭىزنىڭ تەڭشەك تىزىملىكىدىن قوللانمىلار تىزىملىكىگە كىرىپ «نامەلۇم مەنبە» تۈرىنى ئېچىپ قويۇش كېرەك). ئاندىن ئۈسكۈنىڭىزدىكى B4A-Bridge نى ئىجرا قىلىسىز.
Start نى باسىمىز.
ئاندىن Basic4android نىڭ Tools تىزىملىكىدىن Connect B4A Bridge نى تاللايسىز. ئۈسكۈنە ئېكرانىدا كۆرۈنگەنIP ئادرېسنى كىرگۈزۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. تۇنجى قېتىم ئۇلانغاندا كۆرۈنمە يۈز لايىھەلىگۈچ يېڭىلىنىدۇ. Connected (ئۇلاندى) دېگەن خەت كۆرۈنگەندىن كېيىن، Basic4android تە ھاسىلىلىگەن پىروگراممىلىرىڭىز ئۈسكۈنىڭىزدە ئىجرا بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.