چوڭ سۈتلۈكئوت
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چوڭ سۈتلۈك ئوت بولسا سۈتلۈك ئوت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزلىق پۈتۈن چۆپى بۇلۇپ. يوپۇرمىقى ئاجىز كېلىدۇ. تەمى چۈچۈمەل،تاغ باغرى، يول بويلىرى، چاتقاللىقلار ئارىسىدا ئۆسىدۇ. كۆپىنچە قۇملۇقلار تۆپىلىرىدە بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەرقى جەنۇبىي ئۆلكىلىرى ۋە دۇنيانىڭ ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ.
ئۆسۈملۈكنىڭ غولى قاتتىق تىكەنلەر بىلەن قاپلانغان، ئادەتتە تۈۋى قىسمىدىن شاخلايدۇ. شاخلىرى ئوچۇق قىزىل رەڭلىك ياكى سۇس سۆسۈن رەڭلىك بولىدۇ. يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ. ئۇزۇنلىقى15–45 سانتىمېتىر كېلىدۇ. يوپۇرمىقى ئىنچىكە، ئۇدۇل ئۆسىدۇ. ھەرە چىشىغا ئوخشاش چىشلىرى بولىدۇ. ياكى بىر نەچچە گىرۋەكلىك كېلىدۇ. ئۇچى ئۇچلۇق، تۈۋى يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىدا بىر دانە رەڭلىك داغ بار. ئىككى يۈزى قىسقا، يۇمران تۈكچىلەربىلەن قاپلانغان. ئارقا يۈزىدە تومۇر بويلاپ تۈكچىلەر زىچ ئۆسكەن، ئۇرۇقى توخۇمسىمان تۆت قىرلىق، يىل بويى گۈلى ئىچىلىدۇ. گۈلى ئۇششاق، كۆپ بولىدۇ.
غـەيـرى تەبـىئىـي بەلـغـەم خىلتـنـى، ھـۆل سوغـۇق كەيپىياتـنـى تەڭشـەش، ماددىـلارنـى يۇمشۇتـۇش، بەلـغـەم بوشـۇتۇش، يۆتـەل پەسەيتـىـش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.
چوڭ سۈتلۈكئوتنى سىناق قىلىش ئۈچۈن چىشى چوشقىغا بەرگەندە سۈت بېزىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشنى كۈچەيتكەن، يەنە مەلۇم دەرىجىدە سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، ئىچنى سۈرۈش تەسىرىمۇ بار، لېكىن باكتېرىيىگە قارشى تەسىرى يوق.
1. چوڭ سۈتلۈكئوت 5 گرام، روم بەدىيان 5 گرام، سېرىق چېچەك10 گرام، دورىلارنى قائىدە بويىچە قاينىتىپ تەرلەنسە تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئېچىپ زۇكامغا شىپا بولىدۇ.
2. سۈتلۈكئوتتىن 5 گرام ئېلىپ قەلەمپۇر قايناتمىسى بىلەن قوشۇپ ئىچسە ھۆل سوغۇقتىن بولغان يۆتەل ۋە كونا زىققا كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
شەربىتى موسەپپى خون ، سىپوپى قابىز.
يۆتـەل، زۇكـام، كـالتـە يۆتەل، تارتىشىـپ قېلىش، نەپەس يولـى كېسەللىكلىرىـگە ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.