كۆكتوقاي بازىرى

كۆكتوقاي بازىرى

كۆكتوقاي بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ شىمالىدىكى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالغا 48 كىلومېتىر ئىچىدىكى ئالتاي تېغىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى كۆكتوقاي بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
نوپۇسى 6014 ئادەم
دىيالېكتى قازاق تىلى، ئۇيغۇر تىلى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 可可托海镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلماتى
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0906

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆكتوقاي بازىرىكۆكتوقاي بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ شىمالىدىكى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالغا 48 كىلومېتىر ئىچىدىكى ئالتاي تېغىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان. ئېرتىش دەرياسى دەل بازار ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. كۆكتوقاي قازاق تىلىدىكى مەنىسى «يېشىل ئورمانلىق». موڭغۇلچە «كۆك دەريا قولتۇقى» دېگەن مەنىدە. بۇ يەرنىڭ قېزىلما بايلىق مول ھەم دۇنياغا داڭلىق، مەملىكەت بويىچە 2-سوغۇق قۇتۇپ، سۇ ئېلېكتىر تارماقلىرى بۇ يەردە نۆلدىن تۆۋەن ℃60 سانلىق مەلۇماتنى ئۆلچەپ چىققان، لېكىن بۇ سانلىق مەلۇمات ئېتراپ قىلىنمىغان. ھالبۇكى بۇ مەزگىلدە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ موخې مېتېئورولوگىيە پونكىتى نۆلدىن تۆۋەن 60 گىرادۇسلۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرانى ئۆلچەپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن موخې جۇڭگونىڭ بىرىنچى سوغۇق رايونى بولغان، كۆكتوقاي ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگودىكى خاسلىققا ئىگە كىچىك بازار قىلىپ بېكىتكەن.

كۆكتوقاي بازىرىكۆكتوقاي بازىرى تۇرۇۋاتقان كان رايونى، كان ئىشلىرى ئىدارىسى نوپۇس كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پۈتۈن بازاردا ئولتۇراقلاشقان ئومۇمىي نوپۇسى 6014 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە غەيرى يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 6014 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى قاتارلىق ئون يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ مىللىتى 2300 ئادەم، %38.24 نى، قازاق مىللىتى 2157 ئادەم، %40.85 نى، ئۇيغۇر مىللىتى 835 ئادەم، %13.88 نى، خۇيزۇ مىللىتى 336 ئادەم، %5.58 نى ئىگىلەيدۇ، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر 86 ئادەم، %1.42 نى ئىگىلەيدۇ. قازاق ۋە موڭغۇل چارۋىچىلار، ئۇلار تۇرغان ياغاچ ئۆينىڭ تاملىرى بەك قېلىن، ئۆينىڭ ئىچىدە لاۋۇلداپ تۇرغان ئوت بار بۇلۇپ، خېلى ئىسسىپ قالدۇ.

مىنېرال بايلىقى

كۆكتوقاي بازىرىكۆكتوقاي بازىرى دۇنياغا داڭلىق «3-نومۇرلۇق» كان تومۇرى بار بۇلۇپ، دۇنيادىكى ئاز ئۇچرايدىغان مېتال «تەبىئىي كۆرگەزمىخانىسى» دەپ ئاتالغان. تانتال، نىئوبىي، بېرىللىي قاتارلىق 86 خىل كان مەھسۇلاتلىرى، كۆكتوقاي بازىرى يەنە دېڭىز كۆكى، تۇرمالىن، ئانار تشى، قىزىلگۈل كۋارتسى، قاشتاش، كۋارتس قاتارلىق كۆپ خىل ياقۇتلارمۇ بار.

ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بايلىقى

كۆكتوقاي بازىرىياۋايى ھايۋان، دورا ئۆسۈملۈكلىرى بايلىقى: كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ غەرب، شىمالىي قىسمىدىكى كەڭ كەتكەن ئىپتىدائىي ئورمانلىق بار بۇلۇپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى كۆپ، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىدىن ئاساسلىقى قۇرتئوت، قار لەيلىسى، سۇغۇر سېسىقئوتى، يالغان مېھرىگىياھ، پىيازگۈل، قىزىل چۇغلۇق، ياۋا ئەپيۇنگۈل، چاكاندا ئوتى، پەربۇن (تار يوپۇرماقلىق پەربۇن)، چاشقان مايىقى قاتارلىقلار؛ ھايۋانلاردىن بۇلغۇن، ئۇلار، بۇغا، ياۋا توڭگۇز، ئىتباش چىپار مۈشۈك، سۇغۇر، قوڭۇر ئېيىق، ياۋا ئاق توشقان، تىيىن، يەنە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان شىمالىي قۇتۇپ سالمون بېلىقى، جې لو سالمون بېلىقى قاتارلىقلار بار.

ساياھەت بايلىقى

كۆكتوقاي بازىرىكۆكتوقاي بازىرى بازار بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا  1931-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى يەر تەۋرەش قالدۇرغان كۆلىمى ناھايىتى چوڭ، يەر تەۋرەش ئۈزۈلمە بەلۋېغى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ئۈزۈلمە بەلبېغىنىڭ بىرى؛ مەلۇم قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون خىل مىنېرال ماددىلارنىڭ 3-نومۇرلۇق كان ئازگىلىدىكى گېئو خارابىلەر؛ جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مەزگىلىدىكى كونا زاۋۇت ئۆيى، كونا ئۈسكۈنىلار؛ 200 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى. ئېرتىش دەرياسى سۇ مەنبەسى تەبىئىي مەنزىرىسى؛ ئىرېگنى ياغاچ كۆلى كۆل سۈيى ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ، ياز پەسلىدە ئىقلىمى سالقىن بولۇپ، دەم ئالىدىغان ياخشى جايغا ئايلانغان؛ قىشلىق قار ـ مۇز بايلىقى ئۆزگىچە، ئىلاھ تېغى، چوڭ تاش ئىشىك، كىچىك تاش ئىشىك، ئارىشاڭ، بۇلاق،تاغ (ئەۋلىيالار) ئۆڭكۈرى، ئاجايىپ-غارايىپ تاغ، غەلىتە تاشلار، تۇرمالىن، خېراند، خرۇستال، قار لەيلىسى، قۇرت ئوت قاتارلىقلار كۆپ بولغان گۆھەر زېمىن.

كۆكتوقاي بازىرىئەتىياز پەسلىدە (4-5-ئاي): قۇرغاق، شامال كۆپ، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى چوڭ. ھۆل-يېغىن ئاز.

ياز پەسلىدە (6-8-ئايغىچە): ياز پەسلى قىسقا، پىژغىرىم ئىسسىق ئاز بولىدۇ. يورۇتۇش كۈچلۈك بولغاچقا كۈن ئۇزاق، تۈن قىسقا. تاغلىق رايوندا يازدا سالقىن بولۇپ، ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃20 دىن تۆۋەن.

كۈز پەسلىدە (9-10-ئاي): سالقىن، ھاۋا ئوچۇق، ھەر ئايدا ھاۋا ئوچۇق بولغان كۈن سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 21 ~ 29 كۈن؛ ھۆل-يېغىن بىر قەدەر ياز پەسلىدىن كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ، ئالتاي تېغى رايونى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا دەسلەپكى قىرو مەزگىلى. تۇنجى قار كۈنى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 1011-ئايغىچە ئالتاي تېغى توڭ توپا رايونى جەنۇبقا قاراپ دەريا ۋادىسىدىكى تۈزلەڭلىك شەكىللىنىدۇ.

قىش پەسلىدە (11-ئايدىن كېيىنكى يىلى 3-ئايغىچە): قىش پەسلىدە قاتتىق سوغۇق ھەم ئۇزۇن، قار قېلىن ياغىدۇ. ئالتاي تېغى رايونىنىڭ شەرقىدىكى چىڭگىل، كۆكتوقاي ئەتراپى قىش پەسلىدە ھەر قايسى ئايلاردىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃20، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆكتوقاي ئەڭ سوغۇق.

كۆكتوقاي بازىرىكۆكتوقاي بازىرى نۇرغۇن رۇسچە ئىمارەت، تارىخىي مەدەنىيەت بازىرى دېگەن چىرايلىق نامى بار، 2004-يىلى دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى دەپ نام بېرىلگەن. بۇ يەرنىڭ ياز پەسلى سالقىن بولىدۇ، ئىلگىرى «جۇڭگونىڭ سوغۇق قۇتۇپى» دەپ ئاتالغان. تومۇز كۈنلىرىدە سالقىنداشقا كۆڭۈلدىكىدەك جاي، ئەتراپىدا ئىنتايىن مول تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە قېزىلما بايلىق، كۆكتوقاي ساياھەت مەنزىرە رايونى بار. 

كۆكتوقاي بازىرى قاتناش قولايلىق، ئۆي-زېمىن خوجىلىقى راۋان. كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئەڭ ئاۋات سودا ئوبوروت يېزا-بازار مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ھەم مەشھۇر قەدىمىي ئىزلار كۆپ، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل. بىناكارلىق ھۈنەر-سەنئىتى كامالەتكە يەتكەن ئۆزگىچە ئۇسلۇب، تەسىرى چوڭقۇر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#