تۇتقاقلىق

تۇتقاقلىق

تۇتقاقلىق كېسىلى بولسا مېڭىنىڭ ئۆتكۈزۈش قابىلىيىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ياكى بەدەن مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇق ھەم قۇرۇق سوغۇقلۇقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۇشتۇمتۇت يىقىلىپ چۈشۈپ پۇت-قوللىرى تارتىشىپ قېلىش، ئاغزىدىن كۆپۈك كېلىپ، ھوشسىزلىنىپ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى تۇتقاقلىق
كېسەللىك سەۋەبى مېڭىنىڭ ئۆتكۈزۈش قابىلىيىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ياكى بەدەن مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇق ھەم قۇرۇق سوغۇقلۇقى ئېشىپ كېتىشى
تەۋە بۆلۈم نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى مېڭە قىسمى
ئاساسلىق ئالامىتى ئۇشتۇمتۇت يىقىلىپ چۈشۈپ پۇت-قوللىرى تارتىشىپ قېلىش، ئاغزىدىن كۆپۈك كېلىپ، ھوشسىزلىنىپ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش
خەنزۇچە نامى 癫痫
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى epilepsy

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇتقاقلىقسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، مېڭىنىڭ ئۆتكۈزۈش قابىلىيىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ياكى بەدەن مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇق ھەم قۇرۇق سوغۇقلۇقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ئۇشتۇمتۇت يىقىلىپ چۈشۈپ پۇت-قوللىرى تارتىشىپ قېلىش، ئاغزىدىن كۆپۈك كېلىپ، ھوشسىزلىنىپ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: قۇستە 30 گىرام، پىلپىل، پەرپىيۇن، ئاقىرقەرھا12 گىرامدىن، قۇندۇز قەھرى 5. 6 گىرام، كونا مۇسەللەس 300 گىرام، زەيتۇن ياكى كۈنجۈت يېغى 150 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قۇستە، پىلپىل، ئاقىرقەرھالارنى چالا سوقۇپ، مۇسەللەسكە بىر سوتكا چىلاپ، مۇسەللەسنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېلىپ، كۈنجۈت يېغى ياكى زەيتۇن يېغىنى قۇيۇپ، مۇسەللەس پارغا ئايلىنىپ ياغلا قالغۇچە قاينىتىپ، قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، قازاندىكى ياغلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، دورا سوۋۇغاندىن كېيىن سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: سىرتىدىن ئاغرىق ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

2-رېتسېپ

تۇتقاقلىقتەركىبى: ئاقىرقەرھا، كونا سىركە 30 گىرامدىن، ھەسەل ئىككى ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاقىرقەرھانى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان قىلىپ سىركىگە چىلاپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىچىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، تازىلانغان ئامىلە، ئۈستقۇددۇس 30 گىرامدىن، ئۇد سەلب 15 گىرام، ئاقىرقەرھا توققۇز گىرام، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 280 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈزۈم بىلەن خېمىر قىلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆپ خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى بىمارنىڭ تۇيۇقسىز سېزىمىنى يوقىتىش، ئاغزىدىن ئاپئاق كۆپۈكچىلەرنى چىقىرىش، چىرايىنىڭ كۆكىرىپ كېتىشى، پۇت-قوللىرىنىڭ تۈپتۈز ھالەتكە كېلىپ قېلىشى، قاتتىق بولۇپ قېلىشى، ئىككى قولىنىڭ مۇشتۇمىنى تۈگۈۋېلىشى، قارىچۇقىنىڭ يۇقىرىغا تارتىپ كېتىشى بولۇپ، ئاندىن كېيىن پۇت-قوللىرىنىڭ تارتىشىشى، نەپەسنىڭ تېزلىشىشى ياكى رەتلىك بولماسلىقى، دائىم تىلىنى چىشلەپ زەخىملەندۈرۈشى قاتارلىقلار. بەزىدە چوڭ-كىچىك تەرەتمۇ قىلىپ قويىدۇ، قوزغىلىش ۋاقتى بىر مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بولۇپ، كېسەللىك قوزغالغاندىن كېيىن بىرەر نەرسىنى سەزمەس ياكى ئۇيقۇچان بولۇپ قالىدۇ. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ، بىراق بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ، ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە سەزگۈسىنى يوقىتىپ، تىلى كالۋالىشىپ، ھەرىكىتى توختاپ قالىدۇ. مەلۇم بىر بەدەن قىياپىتىدە تۇرۇپ سەكرىيەلمەيدۇ، يېقىلىپ كەتمەيدۇ، كۆز قارىچۇقى تۇيۇقسىز قېتىپ قالىدۇ، مۇسكۇللىرى تارتىشمايدۇ. ئىككى سېكۇنتتىن ئون سېكۇنتقىچە داۋاملىشىدۇ، ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىپ، نورمال ھالەتتە پائالىيەت ئېلىپ بارالايدۇ. بۇ «ھوشىنى يوقىتىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ ياكى گەۋدىنىڭ مەلۇم قىسمىدىكى مۇسكۇل، پۇت-قوللار تۇيۇقسىز تارتىشىپ قالىدۇ، بىمار تۇيۇقسىز قايتا-قايتا ھالدا بېشىنى ساڭگىلىتىپ كېتىدۇ، يىقىلىپ چۈشىدۇ، مەقسەتسىز ھالدا بىرەر نەرسىلەرنى دەپ چايناپ كېتىدۇ، ئېغىزىدىن سۇ ئاقىدۇ، بىرەر نەرسە يۇتقان ھالەتتە تۇرىدۇ. قورساق ئاغرىپ، ياندۇرۇش، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەر چۈشەنمەيدىغان بىر نەرسىلەرنى دەپ كېتىدۇ شۇنداقلا بەزى بالىلار ئالاھىدە پۇراقتا ھوشىدىن كېتىدۇ ياكى قورقۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا، تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئىپادىلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوڭايلا باشقا كېسەللىكلەر بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدا يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەرنى بايقىغان ھامان، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىشى كېرەك

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#