خەلىقئارا مېيىپلار كۈنى

مىيىپلار كۈنى

ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى خەلىقئالىق مىيىپلار كۈنى. بۇ كۈندە مىيىپلارغا كۆڭۈل بولۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.-يىلى خەلىقئاراجەمئىيەتنىڭ مېيىپلارغا بولغان دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن،«بىرلەشكەن دۆلەتلارتەشكىلاتى» قۇرۇلتېيى 1981-يىلىنى «خەلىقئارا مېيىپلار يىلى» قىلىپ بېكىتتى. 1992-يىلى 10-ئايدا ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىنى «خەلىقئارا مېيىپلار كۈنى» قىلىپ بىكىتتى.

ئۇيغۇرچە نامى خەلىقئارا مىيىپلار كۈنى
تەبرىكلەش ئۇسۇلى مىيىپلارغا ئائىت پائالىيەت ئۆتكۈزۈش
ئىنگىلىزچە نامى International Day of Disabled Persons
تەسىس قىلىنغان ۋاقىت 1991-يىلى
خەنزۇچە نامى 国际残疾人日
ۋاقتى ھەريىلى12-ئاينىڭ3-كۈنى
تەسىس قىلغان ئورگان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى
تۈزى خەلىقئارالىق بايرام

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىيىپلار كۈنى

ھەر يىلى 12-ئاينىڭ3-كۈنى خەلىقئالىق مىيىپلار كۈنى. بۇ كۈندە مىيىپلارغا كۆڭۈل بولۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

1976-يىلى خەلىقئاراجەمئىيەتنىڭ مېيىپلارغا بولغان دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن،«بىرلەشكەن دۆلەتلارتەشكىلاتى» قۇرۇلتېيى 1981-يىلىنى «خەلىقئارا مېيىپلار يىلى»قىلىپ بېكىتتى.1992-يىلى 10-ئايدا ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىنى «خەلىقئارا مېيىپلار كۈنى» قىلىپ بىكىتتى.

دۆلىتىمزدە 1990-يىلى12-ئاينىڭ 28-كۈنى «مېيىپلارنى كاپالەندۈرۈش قانۇنى» تۈزۈپ، 1992-يىلى 5-ئاينىڭ15-كۈنى رەسمى يولغا قويدى.بۇ قانۇننىڭ 48-ماددىسىدا، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنىنى «مەملىكەتلىك مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى» قىلىپ بېكىتتى.

شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، بۇيەردىكى «خەلىقئارا مېيىپلار كۈنى»بىلەن «مەملىكەتلىك مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى» ئارىسىدا تونۇش ۋە مەنا جەھەتتە غايەت زور پەرىق بار. «خەلىقئارا مېيىپلاركۈنى» بولسا مەن ئۆزۈمنىڭ «مېيىپلىق ۋە باراۋەرلىك» دىگەن يازمامدىكى «ھوقۇق سۇبىكتى بويىچە قوغداش»قا تامامەن ئۇيغۇن كىلىدۇ ۋە ئۇنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرگەن چاقىرىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما دۆلىتىمىز قانۇنىدا بىكىتكەن «مەملىكەتلىك مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى» «قوغداش سۇبىكتى بويىچە قوغداش »قا تامامەن ئۇيغۇن كىلىدىغان بولۇپ خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋە خەلىقئارا جەمئىيەت تەكىتلەيدىغان«ئىنسانى ھوقۇق»نىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىگە ئويغۇن كەلمەيدۇ.(يۇقىرىدا بايانقىلغان ئىككى خىل قوغداش ئۇسۇلىنى «مېيىپلىق ۋە باراۋەرلىك» دىگەن يازمامدا تەپسىلى بايان قىلغاچقا بۇ يەردە تەپسىلى ئىزاھات بىرىلمەيدۇ) مەن ئىشىنىمەنكى، دۆلىتىمىزھازىر ھەر جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققى قىلۋاتىدۇ ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇق ۋە يىتەرسىزلىكلەر ئاستا-ئاستا تولۇقلىنىدۇ ۋە ئۆزگەرتىلىدۇ.  

جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئارىسىدا سىياسى،ئىقتىسادى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىلەر كۆپەيدى. پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققى قىلىشى بولۇپمۇ ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىى قىلىشى يەر شارىنى كىچىك بىر«كەنىت»كە ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ كىچىك «كەنىت» ئىچىدىكىدىكى قۇيۇق ئالاقە ۋەھەرخىل مۇناسىۋەتلەر ئوخشىمىغان مىللەت، ئېرىق، دىن ۋە مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى مەسىلە، زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن بار بولغان خەلىقئارالىق ئادەت ۋە قانۇن تۈزۈملەرنىڭ خەلىقئارا جەمئىيەتتكى مۇھىم رولى تېخىمۇ  گەۋدىلىنىشكە  باشلىدى.

خەلىقئارادا خەلىقئارا قانۇن-تۈزۈملەر ئاقىلىق ئىدارە قىلىش، دۆلىتىمىزدە قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىنى بىلمەسلىك، ئۆزىنىڭ قانداق ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇپ، قانداق مەجبۇرىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلمەسلىك، شۇ سەۋەپتىن ئىنتايىن كىچىك ئىشلاردىمۇ چوڭ زىيان تارتىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن ئېغىر. ئۆزىمىزنىڭ  كۈندىلىك  تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىنى بىلمەسلىك ۋە ياقتۇرماسلىق ئەھۋالى ئومۇميۈزلىك مەۋجۇت بولغان شارائىتتا ، خەلىقئارا قانۇندىن گەپ  قىلىش  نۇرغۇنلىغان  ئادەملەرگە غەلىتە  تۇيۇلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر خەلىقئارادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك، ئىنتايىن يىراقتىكى ئىشلاردەك ئويلايدۇ.

2015-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى مەن «مېيىپلىق ۋە باراۋەرلىك» دېگەن تىمىدىكى يازمىنى ئېلان قىلغان.مېنىڭ كىيىن تەييارلاپ ئېلان قىلىدىغان مېيىپلارغا  مۇناسىۋەتلىك يازمىلىرىم «مېيىپلىق ۋە باراۋەلىك» تىمىسىدىكى يازمامغا ئوخشاشلا خەلىقئارا قانۇن نوقتىسىدىن تۇرۇپ يېزىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلار «بىرلەشكەن دۆلەتلە تەشكىلاتى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹ب د ت›دەپ ئېلىنىدۇ) نىڭ فونكىسسىيىسى ۋە رولى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ‹ب د ت›نىڭ خاراكتىرى، خەلىقئارادىكى رولىنى چۈشىنىش ئالدى بىلەن خەلىقئارا قانۇننىڭ خاراكتىرى ۋە رولىنى چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا بۇ تېمىدىكى يازمىنىڭ مەزمۇنى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا،مەن بۇ يازمىنى ئىككى بولەككە بۆلۈپ يېزىشنى لايىق تاپتىم. يازمىنىڭ بۇ بۆلىكىدە ئالدى قېرىنداشلىرىمىنى نېمىنىڭ خەلىقئارا قانۇن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ خاراكتىرى ، خەلىقئارادا قانداق رولىنىڭ بارلىقى، بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى بايان قىلىمەن. ئىككىنچى بۆلىكىدە بۇ بۆلەكتە مەزمۇنلار ئاساسىدا ‹ب د ت› غامۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تەپسىلى بايان قىلىمەن.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مېيىپلىق ۋە باراۋەرلىك 

http://bbs.bagdax.cn/thread-40143-1-1.html

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مېيىپلىق ۋە باراۋەرلىك

http://bbs.bagdax.cn/thread-40143-1-1.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#