بالىلىقتىكى روھى ئېھتىياج

 ھەر بىر قورامىغا يەتكۈچى ئۆزىنىڭ كېيىنكى بوغۇملىرى يەنى ئىنى-سىڭىل، پەرزەنت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىزدىن كېيىنكى جەمىيەت  ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى شۇنىڭ بىلەن بىرلەن بىرگە نورمال مۇئامىلە ۋە مۇھەببەت بىلەن بالىنىڭ پىسخىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ ئۆزىنىڭ جەمىيەت تەرەققىياتىدىكى زەنجىرلىك رولىنى كېيىنكىلەرگە گۈزەل ھالەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 بالىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان مەزگىلى  بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا بالىلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى تېز سۈرئەتتە  تەرەققى قىلىدۇ. غورۇر، ئىشەنچ، ھۆرمەت ئېھتىياجى، ئېتىراپ قىلىنىش ئېھتىياجى، سىرداش دوست تۇتۇش ئېھتىياجى، سىر ساقلاش ئېھتىياجى، يات جىنىسلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئېھتىياجى كۈچلىنىدۇ. بولۇپمۇ غورور، ئىشەنچ، ھۆرمەت ئېھتىياجى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، ئاتا ئانىلار ، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزىدە مۇشۇ خىل ئېھتىياجىغا دەخلى تەرز قىلىدىغان مەزمۇن بولۇپ قالسا، بالىلاردا قەلپ زەخمىسى پەيدا قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشىنى، غورۇرىغا تەگمەسلىكىنى، پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىشىنى، ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋالماسلىقىنى خالايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسى بالىنىڭ شۇ خىل ئېھتىياجىغا سەل قارىسا، ياكى، دەخلى تەرز قىلسا ئاتا-ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسىدىن بىزار بولۇپ، ئۇلاردىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: ئائىلىدە ئۆزىنى ئۆيگە سولىۋېلىش ، تورخانىلارغا كىرىش، تاماكا، ھاراققا ئۈگۈنۈۋېلىش، مۇھەببەتكە بېرىلىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرىۋالىدۇ. ھەتتا يامان يوللارغا مېڭىپ، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. ھەتتا پىسخىكىسىدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ، كېسەللىك دەرىجىسىگە تەرەققى قىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل ھالەت ئەڭ يېنىك بولغاندىمۇ  بۇ بالىنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئۈچۈنمۇ  ئېغىر ئىجتىمائى مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

   ئالمىرە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئالدىنقى 10ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئوقۇدى. نەتىجىسى ياخشى بولغاچقا، ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىندۇ. ئالمىرە ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ تىرىشىپ ئوقۇدى. بىراق، سىنىپىغا ھەرقايسى مەكتەپتىن كەلگەن ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان بولغاچقا، نەتىجىسى بىرىنچى مەۋسۈمدە ئوتتۇرھال چىقىپ قالدى. ئالمىرەنىڭ ئاتا –ئانىسى ئالمىرەنىڭ نەتىجىسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كېلەركى نۆۋەتلىك ئىمتاھاندا ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىرىش نىشانىنى بېكىتتى. ئالمىرە ئۆزىمۇ ئۆز نەتىجىسىدىن رازى بولمىغاچقا، ھەسسىلەپ تىرىشىپ ئۈگەندى. شۇنىڭ بىلەن نەتىجىسى بىراقلا ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىردى. ئالمىرەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئالمىرەنىڭ بۇ نەتىجىسىنى كۆرۈپ ئىنتاھىن خوشال بولدى. ھەمدە، تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىققا چىققاندا سىنىپ بويىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ قاتارغا كىرىش نىشانىنى بەلگىلەپ بەردى. ئالمىرە ئۆزى تىرىشچان قىز بولغاچقا، باش چۆكۈرۈپ تىرىشىپ ئوقۇدى. بىراق، ئىشلار ئالمىرەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پىلانىدىكىدەك بولمىدى. مەسىلە ئالمىرە تولۇقسىز ئۈچۈنچى يىللىققا چىققاندا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ چاققا كەلگەندە ئالمىرە ئىمتاھان ئېلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىسىلا جىددىلىشىدىغان، پۈتۈن بەدىنىدىن تەر قۇيۇلۇپ، كۆزى قاراڭغۇلىشىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرقانچە قېتىملىق ئىمتاھاندا نەتىجىسى تۆۋەن چىقىپ قالدى. ئالمىرە ئۆزىنىڭ ئىمتاھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقىتتىكى ھىسسىياتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ.«ئىمتاھان نەتىجەمنىڭ تۆۋەن چىقىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تۈنجى بولۇپ، ئۆيگە قايتقىچە ئۆتىدىغان ئاسما كۆۋرۈكتىن تۆۋەنگە سەكرەشنى ئويلىدىم. ئۆزەمنىڭ شۇ خىيالغا كېلىپ قالغانلىقىمدىن ئۆزۈممۇ قورقۇپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن، ئۆيگە قايتقىچە ئاسما كۆۋرۈككە چىقماي، ئايلىنىپ ماڭدىم.»

ئالمىرەنىڭ نەتىجىسىنىڭ يەنە تۆۋەنلەپ قالغانلىقى ئاتا ئانىسىنى جىددىلەشتۈرۈپ، ئالمىرەگە مەخسۇس ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئالمىرەنىڭ مەكتەپتىن كەلگەندىن كېيىنكى ۋاختى، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا ئۈگۈنۈش قىلىشقا ئۆزگەردى. ئالمىرە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى. سورىغان گېپىگىمۇ جاۋاپ بەرمەيتتى. بىر كۈنى ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى ئالمىرەگە «ئاتا ئانىڭىزنىڭ پۇلىنى بىكارغا ئىسراپ قىلىۋېتىشنى خالامسىز؟ مەن ھەق ئالىمەن» دىدى. ئالمىرە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن شۇنداق دىدى: «مېنىڭ ئۆلۈۋالغىم كېلىۋاتىدۇ».

ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى ئالمىرەنىڭ ئەھۋالىنى ئاتا ئانىسىغا ئېيتتى. ئاتا ئانىسى شۇ چاغدىلا ئالمىرەنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپ كەمسۆز، ساۋاقداشلىرى بىلەنمۇ كۆپ ئارىلاشمايدىغان، مەكتەپتىن كېلىپ ھوجرىسىغا بېكىنىۋېلىپ ئۈگۈنۈشلا قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى خىيالىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ۋە قىزىنى دوختۇرخانىنىڭ روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كۆرسەتتى. دوختۇر ئالمىرەنىڭ ئەھۋالىنى بىرەر قۇر ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا «خامۇشلۇق كېسىلى» دەپ دىئاگنوز قويىدۇ. 

ئالمىرە ئەسلى شوخ، ئەركىن قىز بولۇپ، ئۈگۈنۈش نەتىجىسىمۇ يامان ئەمەس ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا تەلەپنى بارغانسېرى يۇقىرى قويۇشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالمىرەدە ئىمتاھاندىن قورقىدىغان، دائىم ئۆلۈۋېلىشنى ئويلايدىغان روھى ھالەت پەيدا بولىدۇ. بىراق ئالمىرەنىڭ ئاتا ئانىسى ئالمىرەنىڭ روھى ھالىتىدىكى بۇ خىل ئۆزگۈرۈشكە يەنىلا دىققەت قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ ئالمىرەنىڭ نەتىجىسىنى يۇقۇرى كۆتەرمەكچى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالمىرە ئۈگۈنۈش قىلىش قىزغىنلىقىنى پۈتۈنلەي يوقۇتىدۇ. گەپ قىلمايدىغان، ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. 

ئالمىرەنىڭ ئاتا ئانىسى ئالمىرە بىلەن مۇڭدۇشۇشقا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى چۈشۈنۈشكە ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. قارىماققا ئالمىرەنىڭ ئائىلىسى نورمال ئائىلىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئائىلىدە ھەقىقى خوشاللىق يوق. مۇڭدۇشۇش، قەلپ ساداسىغا قۇلاق سېلىش كەمچىل. بۇنىڭغا ئائىلىنىڭ ۋە مەكتەپنىڭ بېسىمى قوشۇلۇپ ئالمىرەنىڭ پىسخىكىسىدا بىنورماللىق پەيدا قىلغان. 

پىسخىكا دوختۇرى ئالمىرەنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئۇنىڭغا پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئېلىپ بېرىپلا قالماي، ئالمىرەنىڭ ئاتا-ئانىسىغىمۇ پىسخىكا جەھەتتە يېتەكلەش ئېلىپ بېرىپ، ئاتا ئانىسىنىڭ بالا تەربىيىلەشتىكى بىر تەرەپلىمە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئارىدىن ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئالمىرەنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولۇشقا باشلايدۇ. 

بالىلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى ساغلاملىقى ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر مەزگىللىك ئۈگۈنۈش نەتىجىسىنىڭ ياخشى يامانلىقىنى، قوغلۇشۇپ، بالىلارنىڭ قەلپ ئېھتىياجىغا سەل قاراش، بولۇپمۇ، ئۈگۈنۈش نەتىجىسى ئادەتتىكىچە بالىلارنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى باھەنە قىلىپ ئۇلارغا بېسىم قىلىش تەربىيىدىكى توغرا ئۇسۇل ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقاپ، ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىشىغا ياردەم بېرىش ئىنتاھىن مۇھىم. 

بىر قېتىملىق ئەدەبىيات دەرسىدە مەن ئوقۇتقۇچى تاپشۇرغان ماقالىنى باشقىچە شەكىلدە يازغان ئىدىم. خىيالىمدا «ئوقۇتقۇچى مېنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا تازا ماختايدىغان بولدى» دەپ ئويلىدىم. بىراق، ئوقۇتقۇچى ماقالەمنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇپ« ماقالىنى بۇنىڭدىن كېيىن ئەستايىدىل ياز» دىدى. بالىلارنىڭ ئالدىدا خىجىل بولغىنىمدىن يەرگە كىرىپ كەتكىلى ئازلا قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىغا شۇنداق ئۆش بولۇپ كەتتىم. دەرسنىمۇ ئاڭلىغىم كەلمەيدۇ. شۇ مەزگىلدە سىنىپتىكى بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. بىراق ئۇ قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر مېنىڭ قىزغا يازغان خېتىمنى كۆرۈپ قېلىپ، ئوقۇتقۇچۇمغا خېتىمنى تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئالدىدا تەنقىت قىلمىدى. بىراق ئىشخانىغا چاقىرىپ، باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىدىلا تەنقىت قىلىپ كەتتى. مەن خىجىل بولغىنىمدىن، يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۈگۈنۈش قىلغىم كەلمەيدىغان، مەكتەپكە بارغىم كەلمەيدىغان، «مەكتەپكە بارىمەن» دەپ قويۇپ ئويۇنچۇقخانىغا قاچىدىغان، دائىم ئىچىم پۇشۇپلا تۇرىدىغان بولۇپ قالدىم. 

پىسخىكا يېتەكچىسى بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى بىرەر قۇر ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ ئوقۇغۇچىغا «خامۇشلۇق كېسىلى»گە گىرىپتار بولغان، دەپ دىئاگنوز قويغان ۋە ئۇ ئوقۇغۇچىغا بىر پارچە ماقالە يېزىپ ئوقۇتقۇچىغا قايتا كۆرسۈتۈش، ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇش، مەيلى ئوغۇللار بولسۇن ياكى قىزلار بولسۇن كۆپرەك دوست تۇتۇش، ھەم بۇنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى. پىسخىكا يېتەكچىسى بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا ئانىسىنى چاقىرتىپ، ئۇلارغا ئائىلىدە بالا بىلەن كۆپرەك مۇڭدۇشۇشنى، بالىنىڭ ئۈگۈنۈش ئەھۋالىنىلا ئەمەس، مەكتەپتىكى بارلىق ئىشلارنى سوراپ بىئارام قىلىدىغان، ھەل قىلىش تەس مەسىلىلەرگە يولۇققان بولسا، مەسلىھەت بېرىشىنى، ئۆزىنىڭ شۇ ياش باسقۇچىدا مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاتا ئانىسىنىڭ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى بىلەن، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىدىمۇ ياخشىلىنىش بولدى.

ئادەمنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان، ھەرقايسى ياش باسقۇچلىرىدا پىسخىكىلىق ئېھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ. قايسى باسقۇچتىكى ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىسا، ئادەم ھاياتىدا قاندۇرۇلماي قالغان شۇ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بۇ جەرياندا بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ شۇ خىل ئېھتىياجىنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق قاندۇرۇپ، ھەقىقى خوشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا ئۆزىنىڭ قاندۇرۇلماي قالغان ئېھتىياجىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىك سەۋەپلىك، شۇ خىل ئېھتىياجىنىڭ ئۆزىنى قانائەتكە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. ھەمدە قەلبىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇللارنى سىناپ باقىدۇ. بىراق، مەيلى قايسى يول ئارقىلىق ئۆزىنى قانائەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئويلىسۇن، ئەگەر ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى ئەسلىدىكى ئېھتىياجى قانائەت تاپمىغاندا، يەنىلا ھەقىقى بەخت ۋە خوشاللىق  تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. نەتىجىدە، خوشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى، مىجەزى بىنورمال، ئېغىر بولغاندا جىنايەت سادىر قىلىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەپتىن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى داۋامىدا ئاتا –ئانىلاردىن تەلەپ قىلىدىغان تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى تولۇق قاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#