ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ

سەككىزىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە كومتېتىنىڭ يېنىدا .مەركىزى شەھەر خەلىق مەيدانىنىڭ شەرىق تەرىپىدە.قاتنىشى ئىنتايىن قولاي 
ئۇيغۇرچە نامى ئۈرۈمچى شەھەرلىك8-ئوتتۇرا مەكتەپ
ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى Urumqi NO.8 middle school
قۇرۇلغان ۋاقتى 1916-يىلى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌鲁木齐市第八中学
مەكتەپ تەربىيەسى ئەخلاقلىق ،تىرىشچان ،ئەمەلىيەتچىل،راسىتچىل
مەكتەپ ئورنى تەڭرىتاغ رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

8ئوتتۇرا مەكتەپ1916-يىلى خۇبىيلىق تالانتلىق ئايال خې يەنۋېي قۇرغان شىنجاڭ قىزلار مەكتىپى ئاساسىداقۇرۇلغان، 1937-يىلى 9-ئايدا ئۆلكىلىك دىخۇا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1938-يىلى ئىنقىلابى قۇربان ماۋزېمىننىڭ ئايالىجۇ دەنخۇا، رىن بېيشىنىڭ جىيەنى رىن گۇاڭيۈەن قاتارلىق پارتىيە ئەزالىرى مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھەم مەكتەپرەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مەكتەپنى شىنجاڭ ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. 1943-يىلى ئۆلكىلىك دىخۇاقىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ قىزلار ئىنستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلىپ، شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مەكتەپ بولۇپ قالغان. ئازادلىقتىن كېيىن،يەنە پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن پارتىيە ياچېيكىسى قۇرغان. 1952-يىلى باھاردا مەكتەپ نامىنى يەنە دىخۇا 1-قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 1959-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قالغان. 1960-يىلى 8-ئايدا 1-قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى، قىز-ئوغۇللار ئارىلاش مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتالغان ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىغا تەۋە بولغان. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ. ھازىرقى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 136 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 29. ئوقۇغۇچى سانى 1580 نەپەر، مەكتەپ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 30000 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغىنى 18905 كۋادرات مېتىر. كومپيۇتېر ئۆيى، تىل ئۆيى، ئاڭلىتىش ئۆيى، قوش sfsef يۆنىلىشلىك يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور سىستېمىسى، مەكتەپ كومپيۇتېر تورى ۋە ئېلېكترونلۇق دەرس تەكرارلاش ئۆيى، تەنتەربىيە مەشق سارىيى، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، تەجرىبەخانا ۋە كۇتۇپخانا شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپلەر بويىچە كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەكتەپ يەنە مەملىكەتلىك ئىلغار ئاتا-ئانىلار مەكتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەتلىك ئورۇن، مەملىكەتلىك ئىس-تۈتەكسىز مەكتەپ، مۇھىت تەربىيىسى سىناق ئورنى دېگەن ناملارغا ئىگە. 1999-يىلى 8-ئايدا بۇ مەكتەپ ئاپتونوم رايون بويىچە بىردىنبىر «3+x» ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ماسلىشىپ، دەرسلىك تەسىس قىلىش ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان تەجرىبە سىنىپ مەكتىپى دەپ تەستىقلانغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#