بېرلىن

ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى،گېرمانىيىنىڭ پايتەختى، مۇھىم خەلقئارا قاتناش تۈگۈنى. بۇ شەھەر گېرمانىيىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، شىپرې دەرياسى بىلەن خاۋېل دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىغا جايلاشقان. شەھەردىن قاناللار ئارقىلىق شىمالىي دېڭىز ۋە باشقا دېڭىزلارغا بارغىلى بولىدۇ. 

نامى بېرلىن
دۆلىتى گىرمانىيە
نوپۇسى 3 مىليون 50 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)
ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە
خەنزۇچە نامى 柏林
يەر مەيدانى 891.85 كۋادرات كىلومېتر
مەمۇرىي رايون تۈرى پايتەخت
چەتئەلچە نامى Berlin

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېرلىنياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى،گېرمانىيىنىڭ پايتەختى، مۇھىم خەلقئارا قاتناش تۈگۈنى. بۇ شەھەر گېرمانىيىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، شىپرې دەرياسى بىلەن خاۋېل دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىغا جايلاشقان. شەھەردىن قاناللار ئارقىلىق شىمالىي دېڭىز ۋە باشقا دېڭىزلارغا بارغىلى بولىدۇ. شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 891.85 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 3 مىليون 50 مىڭدىن ئاشىدۇ. (1984) .

بېرلىن بېرلىن 13-ئەسىردىن ئىلگىرى سىلاۋىيانلار ئولتۇرۇشلۇق ئورۇن ئىدى. شەھەر 1415-يىلى بېرىندېنبورگ كىنەزلىكىنىڭ مەركىزى بولغان. 1701-يىلى پرۇسىيە پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزى بولغان. 1871-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان. بېرلىن 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تېز تەرەققىي قىلغان، ئاھالىسىمۇ كۆپەيگەن، 1877-يىلى شەھەر ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشقان، 1905-يىلى 2 مىليون 40 مىڭدىن ئاشقان، 1939-يىلى ئاھالىسى كۆپىيىپ 4 مىليون 839 مىڭدىن ئېشىپ، ياۋروپا بويىچە سانائىتى، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەر بولۇپ شەكىللەنگەن. 1945-يىلى گېرمانىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن «قىرىم ئاخباراتى» «پوتىسدام كېلىشىمى» بويىچە بېرلىن شەھىرى سۋۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر تەرىپىدىن بۆلۈپ ئىگىلىۋېلىنغان. 1949-يىلى ئۆكتەبردە شەرقىي گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىگىلىگەن شەرقىي بېرلىن دېموكراتىك گېرمانىيىنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلىگەن. بېرلىن شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئىگىلىگەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە دۆلەتلىرى 1948-يىلىغا كەلگەندە ئۆزلىرى ئىگىلىگەن ئورۇنلارنى بىرلەشتۈرۈپ غەربىي بېرلىن شەھىرىنى قۇرغان. 1900-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى شەرقىي ھەم غەربىي گېرمانىيىلەر بىرلەشكەندىن كېيىن، بېرلىن شەھىرى قايتىدىن پۈتۈن گېرمانىيىنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئىككى گېرمانىيە بىرلەشكەندىن كېيىنكى «بەش يىلدىن ئون يىلغىچە» ھۆكۈمەت بىلەن پارلامېنتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بونن بولىدۇ. ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىرى بېرلىندا تارماق ئاپپارات تەسىس قىلىدۇ دەپ قارار چىقىرىلىغان. بېرلىندا تارماق ئاپپارات تەسىس قىلىدۇ دەپ قارار چىقىرىلغان. 

بېرلىنبېرلىن گېرمانىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، دۆلەتنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، شەھەردە ئېلېكتر ماشىنىلىرى، خىمىيە، نازۇك ئەسۋاب-ئۈسكۈنە، مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، نەشرىياتچىلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. بېرلىن شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇق، سۇ، ھاۋا قاتنىشىمۇ تەرەققىي قىلغان، شەھەردە يەنە يەر ئاستى تۆمۈريوللىرى بار. بۇ شەھەر تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋايوللىرى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرى بىلەن، خەلقئارادىكى چوڭ شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. بېرلىن شەھىرىدە ئاتاقلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەنلەر ئاكادېميىسى، دۆلەتلىك مۇزېيخانا قاتارلىق پەن-مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق باغچىلار بار. شەھەرنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق باغچىلار بار. شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#