تېۋىلغا بازىرى

تېۋىلغا بازىرى جۇڭگو شىنجاڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىگە جايلاشقان. 1985-يىلى قۇرۇلغان، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى.

ئۇيغۇرچە نامى تېۋىلغا بازىرى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 27.5 كۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 特吾里克镇
تەۋە رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسى
رايۇن نۇمۇرى 0996

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېۋىلغا بازىرىتېۋىلغا بازىرى جۇڭگو شىنجاڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىگە جايلاشقان. 1985-يىلى قۇرۇلغان، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى.

تېۋىلغا بازارلىق پارتكوم ئىلگىرى-كېيىن بولۇ «ئالتىدە ياخشى» ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نىكاھ-تۇغۇت پائالىيتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ؛ ئاپتونوم رايونلۇق 5-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بويىچە ئىلغار كوللىكتىپ؛ ناھىيەدە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك يېزا-بازار؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى ئورۇن دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن. تېۋىلغا بازىرىنىڭ قاتنىشى قۇلايلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك، پوچتا، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئۈچ مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى تېز تەرەققىي قىلغان، قۇرۇلۇشى بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە بولغان.

تېۋىلغا بازىرىيېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا، يېڭى كېڭەيتىشلەرنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ، دېھقانلار كىرىمىنى ئۆستۈرگەن، كوللېكتىپ ئىگىلىك يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان، يېزا-كەنت قىياپىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە يېتەكچى كەسىپلەرنى گەۋدىلەندۈرگەن، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغان، ئۇل قۇرۇلۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن، ئۇرۇقچىلىق مەيدانى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلغان، پۈتۈن بازار تەرەققىياتىدا يېشىل كۆكتات تېرىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن بازاردىكى كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرگەن. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، باغۋەنچىلىك مەيدانىدىن تولۇق پايدىلىنىپ كونا باغۋەنچىلىك كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك ۋە چوڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈش ئەسلىھە ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۈزۈم كۆچىتىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تېرىشنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ بولغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرگەن. 

تېۋىلغا بازىرىبۇ بازاردىكى %30 ئەتراپىدىكى دېھقانلارقوشۇمچە تىجارەت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بازاردا ئۈچ دېھقانچىلىق مەيدانى بار، يەرلەرنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش  ئىنتايىن قىيىن. بازارلىق پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىش ئارقىلىق دېھقانلارنى يەر ھۆددىگەرلىك ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە ئىناۋەتلىك قەرز ۋە تېخنىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، پۈتۈن بازاردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىكىدە يېتەكچى كەسىپلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇل قۇرۇلۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇرۇقچىلىق مەيدانىغا خاس بولغان كۆكتات تېرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنى قۇرغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#