قۇشقاچ ئۇرۇشى

قۇشقاچ ئۇرۇشى − جۇڭگو خەلق ئەسكەرلىرى دائىم قوللىنىدىغان ئاجىز كۈچ بىلەن كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان پارتىزانلىق ئۇرۇش ئۇسۇلى.

نامى قۇشقاچ ئۇرۇشى
خەنزۇچە نامى 麻雀战
ۋاقتى 1937-ييىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇشقاچ ئۇرۇشىقۇشقاچ ئۇرۇشى − جۇڭگو خەلق ئەسكەرلىرى دائىم قوللىنىدىغان ئاجىز كۈچ بىلەن كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان پارتىزانلىق ئۇرۇش ئۇسۇلى. خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن جەڭ گۇرۇپپىلىرى گاھ كېلىپ، گاھ كېتىپ، گاھ توپلىنىپ، گاھ تارقىلىپ، تەشەببۇسكار ھەم جانلىق ئىش كۆرگەچكە، دۈشمەنگە ئويلىمىغان يەردىن زەربە بېرەلەيدۇ.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش بازىلىرىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى گاھىدا ئىككى-ئۈچتىن، گاھىدا توپ بولۇپ، تاغ ۋە ئورمان، جىلغا ۋە تار يول ئېغىزلىرى، لەخمە، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر، قويۇق زىرائەتلىكلەردە، قۇشقاچ دانلىغانغا ئوخشاش، ئۇياقتىن-بۇياقتىن شەپە بېرىپ، دۈشمەننىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇپ قاتىق زەربە بەرگەن.

ئۇلار دۈشمەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەندە دەرھال چېكىنىپ، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. دۈشمەن چېكىنگەندە گۈركىرەپ كېلىپ، تۇشمۇتۇشتىن ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ھۇررا ساداسى دالىنى قاپلىغان. دۈشمەن ئاتاي دېسە ئاتالمايدىغان، قوغلاي دېسە قوغلىيالمايدىغان، گېلىدىن غىزا ئۆتمەيدىغان، كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان رەسۋا ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

  •  بىرىنچى، تۇرۇشلۇق دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىش، زەربە بېرىش. خەلق ئەسكەرلىرى يەر شارائىتى ئۆزىگە تونۇشلۇق بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئۇلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. 
  • ئىككىنچى، پىستىرما ئۇرۇشى. دۈشمەننىڭ چوقۇم ئۆتىدىغان يولىغا بۆكتۈرمە قويۇپ، بېشىغا زەربە بېرىپ، بېلىدىن كېسىپ، قۇيرۇقىنى ئۈزىدۇ ياكى بىرقانچە ئادەم دۈشمەننى قاپقانغا دەسسىتىپ، تەڭ ئېتىش، مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۈشمەننى كۆپلەپ يوقىتىدۇ.
  •  ئۈچىنچى، توسۇپ زەربە بېرىش. تارقاق يوشۇرۇنۇپ، پۇرسەتنى كۈتۈپ دۈشمەننى خۇپىيانە ئاتىدۇ. خەلق ئەسكەرلىرى بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، دۈشمەن تالاپەتكە ئۇچرىسىمۇ، ئوقنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ، قوشۇندىن ئايرىلىپ قالغان، چۈشۈپ قالغان يالغۇز دۈشمەن ياكى ئاز ساندىكى دۈشمەنلەر ۋە دۈشمەن بازىسىنىڭ ئەتراپىدىكى قاراۋۇل ۋە مۇھاپىزەتچىسى قاتارلىقلار خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قۇشقاچ ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ تۇتىدىغان ۋە ئاتىدىغان ئوبيېكتى بولىدۇ.

قۇشقاچ ئۇرۇشى1937-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ياپونىيە ئارمىيەسى پىيادە ئەسكەرلەر 500 ئادەم ۋە بىر ئاتلىق ئەسكەرلەر ليەنى سەنشى چاڭجى ناھىيەسى ئەتراپىدىكى فەنسۇن كەنتىگە ھۇجۇم قىلدى. 8 - ئارمىيە 129 - شى 771 - تۇەن بىر ليەن ئەسكەر، تارقىلىپ پىستىرما قۇرۇۋاتقان 10 نەچچە چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتىكى تاغ، يول ئەتراپىدا، ئۈچ ئادەم بىر گۇرۇپپا، بەش ئادەم بىر توپ، چايقىلىپ تۇرۇپ، جەڭ تەجربىسىلا ھالدا دۈشمەنگە زەربە بېرىش، نەچچە سائەتلىك جەڭدە، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاز كەم 100 ئادەم، بىر ھەربىي قوشۇننى گۇمران قىلدى  شۇ چاغدا، 129 - شىنىڭ شىجاڭى ليۇ بوچېڭغا قىزىقچىلىق قىلىپ : « بۇ قۇشقاچ ئۇرۇشىغا سەل قاراشقا بولايدۇ، بەزىدە بىر ‹ قۇشقاچ › بىلەنمۇ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرغىلى بۇلىدۇ›› دېدى.  

 قۇشقاچ ئۇرۇشى 1 

1941 - يىلى ، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى ھەرقايسى ئازاد رايونلارغا قوزغىغان كەڭ كۆلەملىك « تازىلاش » ئېلىپ باردى. 8-ئاينىڭ باشلىرىدا بىر كۈن، ياز كۈنلىرى ئوتتەك ئىسسىق، خېبېي چۈياڭ ناھىيەسى ئۇچلۇق ۋە بۇلۇڭ كەنت خەلق ئەسكەرلىرى يەنە بىر تەرەپتىن دۈشمەننى ئاگاھلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىغا قاتناشتى. 

قۇشقاچ ئۇرۇشى 2 

1943 - يىلى، دۈشمەنلەر يەنە بىر قېتىم چوڭ « تازىلاش » ئېلىپ باردى. لى دىيەنبىڭ ۋە خەلق ئەسكەرلىرى مىنا ئۇرۇشى ۋە « قۇشقاچ ئۇرۇشى» ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىپ، نۇرغۇن دۈشمەننى يارىدار قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ دۈشمەنلەر تاغدىن ئاختۇرۇپ 20 دىن ئارتۇق ئامما، ئۇلارنى ئېلىپ كەنتتىكى خاماندا قىيناپ سوراق قىلدى، ئۇلار  يەنى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلدۇردى. پارتىزان گۇرۇپپىسى يەنە مەخپىي يېقىن كەنت بويىدا ، " پاڭ  ! پاڭ  ! " بىر نەچچە پاي ئوق ئاتتى ، دۈشمەننىڭ قوماندانى  تەرجىمە قىلغۇزدى. ئاچچىقلانغا دۈشمەن، ئوق يۆنىلىشى بويلاپ توپ - توپ بولۇپ ئاختۇردى، يېرىم كۈن ئاختۇرسىمۇ بىر ئادەمنىڭ سايىسىنى تاپالمىدى. دۈشمەن ئىلاجسىز، ئامالسىزنوقتىدىن قايتتى. لى دىيەنبىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن پارتىزان گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتتى، يول بويى يوشۇرۇن ئوق بىلەن دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىپ، جەڭلەردە غەلىبە قىلدى، دۈشمەن بىردەم يېتىپ، بىردەم مېڭىپ، يول بويى دەككە - دۈككە ئىچىدە يۈردى، ھەمدە ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدى. 

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش داۋامىدا، تايانچ خەلق ئەسكەرلىرى دائىم بۇ خىل ئۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق دۈشمەنگە زەربە بېرەتتى. قۇشقاچ جېڭى ئاساسلىقى تاغلىق رايۇنلاردا ئېلىپ بېرىلدى. تاغلىق رايۇنلانىڭ يەر شارائىتى مۇرەككەپ يول ئەگرى - توقاي، تايانچ بازىلاردىكى ئارمىيە شۇ جاينىڭ ئەھۋالى بىلەن ئىنتايىن تۇنۇش ئىدى. شۇ ۋاقىتتا، قورچاقلار ئارمىيسى تايانچ بازىلارغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار خۇددى قۇشقاچقا ئوخشاش ھەممە يەرنى قاپلاپ، جەڭ تەجربىسى ئارقىلىق، ھەممىلا يەردە دۈشمەنگە زەربە بەردى، ياپۇنىيە، قورچاق ئارمىيلىرىگە نىسپەتەن يەرناتۇنۇش بولغاچقا، پەقەت چوڭ يولدىلا چۆگىلەپ يۈرۈپ دومبالاندى، پارتىزانلارنى ھېچنىمە قىلالمىدى.   [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#