تۇپراق دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تۇپراق (تىبابەت)
  2. تۇپراق (ماددا)
تىبابەت
تۇپراق

تۇپراق تۇپراق – قۇرۇقلۇق يۈزىدىكى ئۈنۈمدار، بوش ئۈستۈنكى قەۋەتنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تۇپراق
خەنزۇچە ئاتىلىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇپراق«تۇپراق» ھەققىدە چۈشەنچە «تۇپراق» ھەققىدە «ئەلقانۇن فىت تىب» دا مۇنداق دېيىلگەن: «تۇپراق ئادى جىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىي ئورنى ھەممىلا جىسىملارنىڭ تۆۋىنىدۇر. ئۇ ئۆز تەبىئىتى بىلەن شۇ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر ئۆز ئورنىدىن ئاجرىسا، يەنە شۇ ئورۇنغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ تۇپراقنىڭ مۇتلەق ئېغىرلىقدىندۇر. ئۇنىڭ تەبىئىيىتى سوغۇق ۋە قۇرۇقتۇر»، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر تېبابەت كلاسسىك ئەسەرلىرىدىن «كۇللىياتى نەگىسى»، «ئاقساراي»، «دەستۇرۇلئىلاج» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەردىمۇ: «تۇپراق بىر قانچە خىل نەرسىدىن تەركىب تاپقان بولماستىن، بەلكى تەنھا جىسىمدۇر. باشقا ماددىلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئورۇن ئالىدۇ. تۇپراقنىڭ ئېغىر بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ھەممىدىن تۆۋەن بولغانلىقىدا، ئۇنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇقتۇر. ئۇنىڭ پايدىسى ۋە خۇسۇسىيىتى شۇكى، ھەر قانداق نەرسە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. ھەر قانداق نەرسىنى ئۇنىڭدا قويسا ئورۇن ئېلىپ تۇرىدۇق» دەپ كۆرسىتىلگەن. يۇقىرىقى كلاسسىك ھۆججەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۇپراق – ۋەزىن جەھەتتە مۇتلەق ئېغىر جىسىم بولۇپ، كەيپىياتى قۇرۇق سوغۇق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قۇياشنىڭ ئىسسىتىش، قۇرۇتۇش، سۇنىڭ بىرىكتۈرۈش ۋە پارچىلاش تەسىرلىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەرنىڭ شەكىل – سۈپىتىنى ساقلايدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن سۇنىڭ زىيادە ھۆللۈك تەسىرى ۋە قۇياشنىڭ زىيادە ئىسسىقلىق تەسىرىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. پۈتكۈل جانلىقلارغا زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يېتەرلىك مىقداردا زاپاس ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ماددىلارنى پارچىلاش، پىششىقلاش روللىرىمۇ بار. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇيغۇر تېبابەت ھۆكۈمالىرى خېلى بۇرۇنلا تۇپراق مىزاجىنىڭ قۇرۇق سوغۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇلار ئېيتقان تۇپراق تەبىئىي مۇھىتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، يەر شارى قۇرۇقلۇقىدىكى ھاياتلىق قەۋىتىنىڭ ھەقىقىي يادروسى، شۇنداقلا ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم بايلىقى ھېسابلىنىدۇ.

تۇپراق1. تۇپراق – قۇرۇقلۇق يۈزىدىكى ئۈنۈمدار، بوش ئۈستۈنكى قەۋەتنى كۆرسىتىدۇ، ئۈنۈمدارلىق – تۇپراقنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇقلار بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ۋە ئو (ئىسسىقلىق)، ھاۋا، سۇنى تەڭشەپ تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. تۇپراق تەركىبىدە خىمىيىلىك ئېلېمېنتلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوكسىگېن (O2 )، كىرىمنىي ( Si)، ئاليۇمىن (Al )، تۆمۈر (Fe )، كالىتسىي (Ca )، ناترىي ( Na)، ماگنىي ( Mg) قاتارلىق سەككىز خىل ئېلېمېنتنىڭ مىقدارى تۇپراق ( يەر پوستى) ئومۇمىي ئېغىرلىقى مىقدارىنىڭ 97.13 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇر تېبابەت كىلاسسىك كىتابلىرىدا: «تۇپراق ۋەزىن جەھەتتىن مۇتلەق ئېغىر جىسىم بولۇپ، كەيپىياتى قۇرۇق سوغۇق، ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەرنىڭ شەكىل ۋە سۈپىتىنى ساقلايدۇق» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئەسەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تۇپراق ئېغىر جىسىم » دېگەن قاراشنى ھازىر تەبىئىي پەن بىلىملىرىگە ئاساسلىنىپ تۇپراق تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ زىچلىقىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىققىىلى بولىدۇ. مەسىلەن: تۇپراق تەركىبىدە 49.13 پىرسەنت ئوكسىگېن (O2 )، 26 پىرسەنت (Si )، ئۇنىڭدىن باشقا ئازراق بولغان ئېلېمېنتلاردىن ئاليۇمىن (Al )، تۆمۈر (Fe )، كالتسىي (Ca)، كالىي (K )، ناترىي (Na)، ماگنىي (Mg ) قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئوكسىگېن (O2 ) نىڭ زىچلىقى g/cm31.43، كىرىمنىي (Si) نىڭ زىچلىقى g/cm32.34، ئاليۇمىن (Al) نىڭ زىچلىقى g/cm32.7، تۆمۈر (Fe) نىڭ زىچلىقى g/cm37.86، كالتسىي (Ca) نىڭ زىچلىقى g/cm3، ناترىي (Na) نىڭ زىچلىقى g/cm3 0،79، ماگنىي (Mg) نىڭ زىچلىقى g/cm31.74، كالىي (K) نىڭ زىچلىقى g/cm30.96 بولىدۇ. يۇقىرىقى ماددىلارنىڭ زىچلىقىدىن تۇپراقتىكى ئاساسلىق تەركىبلەر (ماددىلار)نىڭ زىچلىقى باشقا ئۈچ ماددا ( ئوت، ھاۋا، سۇ)نىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرىنىڭ زىچلىقىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. زىچلىق بولسا ماسسىغا ئوڭ تاناسىپ بولۇپ، زىچلىقى چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىدە يەر شارىنىڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچىگە ئۇچرايدۇ. بۇ خىل يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى تۈپەيلىدىن جىسىم ئۇچرىغان كۈچ ئېغىرلىق كۈچى بولىدۇ. ئېغىرلىق كۈچىنىڭ يۆنىلىشى ھامان تىك تۆۋەنگە بولىدۇ. شۇڭا تۇپراق باشقا ئۈچ ماددا (ئوت، ھاۋا، سۇ )نىڭ تېگىدە بولىدۇ. زىچلىقى تۆەن، ماسسىسى كىچىك بولغان ماددىلار يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىگە ئانچە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا يۇقىرى ئۆرلەيدۇ بۇنىڭدىن تۇپراقنىڭ زىچلىقى باشقا ئۈچ چوڭ ماددا (ئوت، ھاۋا، سۇ)نىڭ زىچلىقىدىن يۇقىرى، ۋەزىن جەھەتتىن مۇتلەق ئېغىر جىسىم بولۇپ ئەڭ تۆۋەندە تۇرىدىغانلىقىنى، سۇنىڭ زىچلىقى تۇپراقنىڭ زىچلىقىدىن سەل تۆۋەن بولۇپ، نىسپىي تۆۋەن يەنى تۇپراقنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى، ھاۋانىڭ زىچلىقى تۇپراق ۋە سۇغا قارىغاندا نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا تۇپراق ۋە سۇنىڭ ئۈستىدە، قۇياش (ئوت) نىڭ ئاستىدا تۇرىدىغانلىقىنى، قۇياش (ئوت)نىڭ زىچلىقى باشقا ئۈچ چوڭ ماددىغا قارىغاندا تۆۋەن بولغاچقا، ئۇ مۇتلەق يەڭگىل بولۇپ، ئەڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ. تۇپراقنىڭ كەيپىياتى (مىزاجى)نىڭ قۇرۇق سوغۇق بولۇشىمۇ يەنىلا تۇپراقنىڭ تەبىئىي تۈزۈلۈش تەركىبى ھەم ئورنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئورۇن جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قۇياش بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق 150 مىليون كىلومېتىر بولۇپ، ئۇ تۇپراقنى تاشقى ئىسىقلىق ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. قۇياشنىڭ بۇ خىل ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى قۇياش رادىئاتسىيىسى دېيىلىدۇ، بۇ قۇياش رادىئاتسىيىسى قېلىن ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن ئۆتكەندىلا، ئاندىن يەر شارى يۈزىگە جۈملىدىن تۇپراققا يېتىپ كېلەلەيدۇ، قۇياش رادىئاتسىيىسى ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭ بىر قىسمىنى ئاتموسفېرا قوبۇل قىلىۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاتموسفېرادىكى بۇلۇت ۋە چاڭ – توزانلار نۇر قايتۇرغۇچ ئەينەك (رىفلىكتور) رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭغا چۈشكەن قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئالەم بوشلۇقىغا ياندۇرۇۋېتىلىدۇ. قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئېنېرگىيىسى يەنە مۇشۇ ماددىي نۇقتىلارنى مەركەز قىلغان ھالدا تەرەپ – تەرەپكە چېچىلىپ كېتىدۇ. چېچىلىش قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ يەنە بىر قىسمى تۇپراق ( يەر يۈزى)گە يېتىپ كېلەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئاتموسفېرانىڭ قۇياش رادىئاتسىيىسىنى سۈمۈرۈشى، قايتۇرۇشى، چېچىشى نەتىجىسىدە تۇپراققا كېلىدىغان قۇياش رادىئاتسىيىسى ئاجىزلاپ، ئۇنىڭ پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىلا يەر شارىغا يېتىپ كېلەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتموسفېرا تەرىپىدىن ئاجىزلاشتۇرۇلغان بۇ خخل قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ ھەممىنى يەر يۈزى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمى تۇپراق (يەر يۈزى) تەرىپىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قايتۇرۇۋېلىنىدۇ. تۇپراق قوبۇل قىلغان قالغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنىڭ 75 ~ 95 پىرسەنت قىسمىنى تۇپراق (يەر يۈزى) گە تېگىشىپ تۇرىدىغان ئاتموسفېرا سۈمۈرۈۋالىدۇ. قېپقالغان تۇپراق (يەر يۈزى) ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى يەنە سۇنىڭ پارلىنىشى، نەملىكنى قۇرۇتۇش جەريانىغا ھەمدە تۇپراقنى تۈزگۈچى خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنىڭ بىرىكىشى ۋە ئاز بىر قىسمى رادىئاكتىپ ئېلېمېنتلارنىڭ يىمىرىلىشى ئۈچۈن سەپ بولۇپ كېتىدۇ. گەرچە تۇپراقنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئوران، تورى قاتارلىق رادىئاكتىپلىق ئېلېمېنتلارنىڭ يىمىرىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە شۇ خىل ئېلېمېنتلارنىڭ يىمىرىلىشى، تۇپراقنىڭ تۈزگۈچى باشقا خىمىيىلىك ئىلېمېنتلارنىڭ بىرىكىش ۋە پارچىلىنىش، ماگمىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش جەريانلىرىغا سەرپ بولۇپ كېتىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن تۇپراق تەبىئىتىنىڭ سوغۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۇپراقنىڭ تەبىئىي تۈزۈلۈش تەركىبى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ تۇپراقتىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئېلېمېنت ئوكسىگېنبىلەن كىرىمنى (سىلىتسىي) بولۇپ، ئۇلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئوكسىگېن (O2) تۇپراق ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى (%49،13)، كىرىمنىي (سىلىتسىي ) تۇپراق ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىرى(%26) نى ئىگىلەيدۇ، لېكىن بۇلار تەبىئەتتە ئاددىي ماددا ماددا شەكلىدە ياكى ئەركىن ھالەتتە ئۇچرىماستىن، بەلكى بىرىكمە شەكلىدە يەنى بىرىكمە ھالەتتىلا ئۇچرايدۇ. يەنى ئۇلار مۇئەييەن قانۇنىيەت ئارقىلىق بىرىكىپ، مىنېرال تۇپراقتىكى خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنىڭ گېئولوگىيىلىك رولى ئارقىسىدا مېنىرال ۋە تاغ جىنىسلىرى شەكلىدە تۇپراق (يەر پوستى) نى تەشكىل قىلىدۇ. شەكىللەندۈرگەن مۇئەييەن خىمىيىلىك تەركىبىگە ۋە فىزىكىلىق، خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە تەبىئىي، تەكشى ماددىدىن ئىبارەت، ئۇ تاغ جىنسىي ۋە رودىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسىي بىرلىك. مەسىلەن: تۇپراق (يەر پوستى) تىكى ئەڭ كۆپ خىمىيىلىك ئېلېمېنت ئوكسىگېن بىلەن كىرىمنىي گېئولوگىيىلىك تەسىر ئارقىسىدا تەبىئەت دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىنراللارنىڭ بىرى بولغان كىۋارتىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مىنېراللارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى گاز ھالەتتە ( مەسىلەن، يامار تاغلاردىن ئېتىلىپ چىققان گازلاردىكى (H2S) . سۇيۇق ھالەتتە (مەسىلەن، تەبىئىي سىماب) بولغاندىن سىرت مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى قاتتىق ھالەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۇپراقتىكى مىقدارى بارلىق ئېلېمېنتلار ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كىرىمنىي (Si) پۈتۈنلەي بىرىكمە ھالەتتىلا ئۇچرايدۇ. بىرىكمە ھالەتتىكى كىرىمنىي (Si) سېلتسىي (Ⅳ) ئوكسىد (SiO2) ۋە سىلىكاتلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار تۇپراق ( يەر پوستى) دىكى ھەر خىل مىنېراللار ۋە تاغ جىنىسلىرىنى تۈزگۈچى ئاساسىي ئېلېمېنت ھېسابلىنىدۇ. سىلتسىي (Ⅳ) ئوكسىد (SiO2) تەستە سۇيۇقلىنىدىغان قاتتىق ماددا بولۇپ، ئۇ ئاتوملۇق كرىستالغا تەۋە. باغ تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ باغ ئېنېرگىيىسى يۇقىرى بولۇپ Kj/mol 369، شۇڭا قايناش ۋە سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى يۇقىرى، خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرى ناھايىتى تۇراقلىق بولىدۇ. ئۇ ئادەتتە سۇدا ئېرىمەيدۇ. يەنى سۇ بىلەن رېئاكسىيىگە كىرىشمەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە تۇپراق تەركىبىدە ھىدروگېن (H2) نىڭ مىقدارى يوق دېيەرلىك بولۇپ، بار بولغىنىمۇ ئەركىن ھالەتتە ئۇچرىمىغاچقا، ئۇنىڭ ئوكسىگېن بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ سۇ (H2O) نى ھاسىل قىلالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ( بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان تۇپراق سۇ ئارىلاشمىغان تۇپراقنى كۆرسىتىدۇ). گەرچە تۇپراقتا تەبىئىي ھالدىكى سۇ بولسىمۇ، بۇ سۇ ئوت (قۇياش رادىئاتسىيىسى)نىڭ پارلاندۇرۇشى ۋە تۇپراقتىكى فىزىكىلىق، خىمىيىلىك، بىئولوگىيىلىك ۋە گىئولوگىيىلىك جەريانلارغا، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل ئېنېرگىيىلەرنىڭ ئالمىشىش جەريانلىرىغا سەرپ بولۇپ كېتىپ تۇپراقنىڭ نەم ھالەتتە تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ. دېمەك، بۇنىڭدىنمۇ تۇپراقنىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

تۇپراق2. «تۇپراق»نىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر تېبابەت كلاسسىك كىتابلىرىدا :«تۇپراق، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەرنىڭ شەكىل،سۈپىتىنى ساقلايدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن سۇنىڭ زىيادە ھۆللۈك تەسىرى ۋە قۇياشنىڭ زىيادە ئىسسىقلىق تەسىرىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. پۈتكۈل جانلىقلارغا زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇقلارنى يېتەرلىك مىقداردا زاپاس ساقلايدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ روشەن ئىلمىي ئاساسى بار. بولۇپمۇ بۇ نەزەرىيە ھازىرقى ئىلىم – پەن تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىنىدۇ. چۈنكى، تۇپراق تەبىئىي جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۇ ئورگانىك دۇنيا بىلەن نىئورگانىك دۇنيانىڭ ئۆزئارا باغلىنىشى ۋە ئۆزئارا تەسىر قىلىشىشىنىڭ مەسئۇلى، تەبىئىي جۇغراپىيىلىك مۇھىتتىكى ماددا ئالمشىش بىلەن ئېنېرگىيە ئالمىشىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ۋە ھەرىكەتچان سورۇنى. ئۇ، قۇرۇقلۇقتىكى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددا ۋە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان يەر شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ پۈتۈن يەر شارىدىكى سۇ ئايلىنىشنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى بولۇپ، ئاتموسفېرانىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇپراق تەركىبىدىكى خىمىيىلىك ئېلېمېنتلار ھەرگىز يەككە ھالەتتە مەۋجۇت بولماي، بەلكى مۇئەييەن قانۇنىيەت ئارقىلىق بىرىكىپ منېرال ۋە تاغ جىنسلىرى شەكلىدە ئۆزئارا باغلىنىپ، تەسىر قىلىشىپ تۇرىدۇ. جانلىقلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندا، ئاندىن ئۇلار نورمال ئۆسۈپ ئۆزىنىڭ سۈپىتىنى ساقلىيالايدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تىنى كۆپ خىل بىرىكمىلەردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ بىرىكمىلەر يەنە ئوخشاش بولمىغان ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار نۇرغۇنلىغان مىنېرال ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆسۈملۈك تېنى 60 خىلدىن ئارتۇق ئېلېمېنت بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئېلېمېنتلاردىن ئون نەچچىسى بار، بۇلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، ئۆزىنىڭ نورمال شەكلى ۋە سۈپىتىنى ساقلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئازوت (N2)، فوسفور (P)، كالىي (K) باشقا ئېلېمېنتلرغا قارىغاندا بەكرەك زۆرۈر بولۇپ، «ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ئۈچ ئېلېمېنتى» دېگەن نامغا ئىگە. باشقا ئېلېمېنتلارغا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېھتىياجى ئانچە كۆپ بولمايدۇ. لېكىن ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار ئوزۇقلۇق مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپلىكىدىن قەتئىينەزەر ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نورمال ئۆسۈشى ۋە يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈرلۈكى ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنى تۇپراقتا بەزى ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار كەمچىل بولسا، ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى نورمال بولمايدۇ. ئەمما ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلارنىڭ مەلۇم بىرى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق بولۇپ كەتسىمۇ، ئۆسۈملۈك زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇپراق ئورگانىك ماددىسى تۇپراقنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۇ ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تۇپراقتا قېپقالغان قالدۇقىرى، تۇپراققا كىرگەن ئورگانىك ئوغۇت، مىكرو ئورگانىزملار (جاراسىملار) رولى شەكىللەندۈرگەن چىرىندى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇپراق ئورگانىك ماددىسىنىڭ تۇپراق ئۈنۈمدارلىقىغا قارىتا مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، ئورگانىك ماددا ئوزۇقلۇق مىقدارى نىسبەتەن تەكشى بولىدۇ. ئۇنىڭ پارچىلىنىشى ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. تەدرىجىي چىقىرىلغان ئوزۇقلۇقلار ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈزلۈكسىز تۈردە تەمىنلەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئولىمېن كىسلاتاسى زىرائەتلەرنىڭ نەپەسلىنىشى، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىۋېلىشىنى كۈچەيتىپ ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ سىڭدۈرۈشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز سىستېمىسى بىلەن غول، يوپۇرماقلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ. چىرىندى ماددىلار بىر خىل ئورگانىك كوللوئىد بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى مۇسبەت ئىئونلۇق ئوزۇقلۇقلارنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرۈيدۇ. ئۇ يەنە ئاجىز كىسلاتالىق بولغاچقا ئۇنىڭدىكى تۇزلار ئىككى خىل خۇسۇسىيەتلىك كوللوئىدلىق رولىغا ئىگە بولىدۇ. يەنى تۇپراقتىكى كىسلاتا، ئىشقارلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئاستىلىتىپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا پايدا يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جانلىقلار ئۆزىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يېتەرلىك ساقلايدۇ. تۇپراق يەنە ئىنسانلارنىڭ ھايات كۈچۈرىدىغان تاشقى مۇھىت ئامىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تۇپراق بىلەن ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تۇپراق ۋەزىن جەھەتتە مۇتلەق ئېغىر، تەبىئىيىتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، ئۇ جانلىقلارغا زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇقلارنى يېتەرلىك مىقداردا ساقلايدۇ. ئۇنىڭ تۈرى ۋە فىزىكىلىق ھالىتى ئىنسانلارنىڭ تۇرالغۇ جاي ۋە تۇرمۇش شارائىتىغا ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم كونكرېت تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇپراق ئېكولوەىيە سىستېمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېمەكلىك زەنجىرى ئارقىلىق جانلىقلار جۈملىدىن ئادەم بەدىنىدە ماددا ۋە ئېنېرگىيە ئالمىشىشقا قاتنىشىدۇ ئىنسانلارنىڭ كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي ۋە باشقا پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى تۇپراق بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن: ئىنسانلار كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا ھەر خىل شەكىلدىكى ئېرنېگىيىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇپراقتىن ئېلىنىدىغان كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە يادرو ئېنېرگىيىسى قاتارلىقلار ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە جانلىقلارنىڭ جۈملىدىن، ئىنسانلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ۋە پائالىيىتىنىڭ ھاسىلاتلىرىمۇ مۇھىتقا يەنى ئاساسلىقى تۇپراققا چىقىرىلىدۇ. تۇپراق ماددا ئالمىشىشىنىڭ ئەنە شۇنداق ھاسىلاتلىرىنى ئۆزىگە سىغدۇرىدىغان، تازىلايدىغان ۋە ئۆزگەرتىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە. ئۇنىڭدىن سىرت، تۇپراق يەنە كەيپىيات جەھەتتىن قۇرۇق سوغۇق بولۇش خۇسۇسىيىتى بىلەن مۇھىتتىكى ئارتۇقچە نەملىكنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ بۇنى قۇياشنىڭ ئىسسىقلىق تەسىرى بىلەن ھورلاندۇرۇپ، سۇنىڭ زىيادە ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇق تەسىرىنى قايتۇرىدۇ. قۇياشتىن قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىقنى تەتۈر رادىئاتسىيە ئارقىلىق تېزلا قايتۇرۇپ يەر يۈزىنىڭيەنە مۇھىتنىڭ زىيادە ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بارلىق جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەرنىڭ ياشىشىغا مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلايدۇ، ئۇ يەنە ئوت (قۇياش)دىن قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىقنى جانلىقلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوتنىڭ زىيادە ئىسسىقلىق تەسىرىنى ئازايتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن سۇنى ئۆزىگە شۈمۈرۈپ ئۆسۈملۈكلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى يېتەرلىك قوبۇل قىلىپ، نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىىدۇ. ئەگەر تۇپراق ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى روللىرىنى جارى قىلدۇرالمىسا، ئۇ ھالدا ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ ھاياتلىقنىڭ نورمال دااملىشىشى چوڭ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا ئىنسانلارنىڭ ھاياتى تۇپراق بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، تۇپراقتىن ئايرىلسا ئىنسانلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇپراقنى «تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەرنىڭ شەكلى ۋە سۈپىتىنى ساقلايدۇ» دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

تۇپراق3.  تۇپراقنىڭ ئورگانىزم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۇپراق ھاياتلىق چەمبىرىكىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۇ شەيئىلەرنىڭ شەكلى ۋە سۈپىتىنى ساقلايدۇ ھەمدە جانلىقلارغا زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇقلارنى يېتەرلىك مىقداردا ساقلايدۇ. تۇپراقتا نۇرغۇنلىغان ماكرو ھەم مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، ئۇلار يېمەكلىك، سۇ، ھاۋا قاتارلىق ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئورگانىزمغا كىرىپ، بەدەننىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى ئەزالار بىلەن توقۇلمىلاردا يەر پوستىدا مەۋجۇت بولغان خىمىيىۋى ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار بولۇپ، بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ ئىچىدە C، H2ۋە N2 لار ئورگانىك بىرىكمە ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندىن باشقا، قالغان ھەر خىل ئېلېمېنتلار يەنى ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھالىتىنىڭ قانداق بولۇشى، مىقدارنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ مىنېرال تۇزلار ياكى ئورگانىك تۇزلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەم بەدىنىكى مىقدارى كۆپ بولغان ئانئورگانىك تۇزلاردىن S,CI,Ca,K,Na,Mg,P قاتارلىق يەتتە خىل ئېلېمېنتلار بولۇپ، بۇلار ئادەم بەدىنىدىكى ئومۇمىي كۈل مىقدارىنىڭ 60 ~ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. باشقا ئېلېمېنتلار مەسىلەن: Ni,Co,Se,Mn,Zn, C2,I,Fe قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، بۇلار مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئېلېمېنتلارتنىڭ تۈزۈلۈشى تۇپراقتىكى ئېلېمېنتلارنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بۇلار بەدەندىكى توقۇلمىلارنى تۈزۈش، فىزىئولوگىيىلىك خىزمەتلەرنى ساقلاش، ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ئۇلاردىن مۇھىم بولغانلىرى تۆۋەندىكىچە:

 (1) كالتسىي (Ca): بۇ ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى بىر قەدەر كۆپرەك بولغان ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھىدروگېن(H2)، ئوكسىگېن (O2)، ئازوت (N2)، كاربون (C ) دىن قالسا بەش ئورۇندا تۇرىدۇ. ئادەم تۇغۇلغاندىلا بەدىنىدە 28 گرام كالتسىي بولىدۇ. قۇرامىغا يەتكەندە 1200 گرامغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ 99 پىرسەنتى سۆڭەك ۋە چىشقا تارقالغان بولۇپ، رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ يەنە سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. شۇنداقلا ھۈجەيرە سىرتىدىكى سۇيۇقلۇق، يۇمشاق توقۇلمىلار ۋە قان تەركىبىدە بولىدۇ. ئۇ ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ تەركىبى قىسمىدۇر.

(2) تۆمۈر (Fe): تۆمۈر ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ بولغان بىر خىلى بولۇپ، بەدەندىكى ئومۇمىي مىقدارى 3 ~ 5 گرام بولىدۇ. ئۇنىڭ 60 ~ 70 پىرسەنتى قانقىزىل ئاقسىلىدا، 30 پىرسەنتى مۇسكۇل قىزىل ئاقسىلىدا بولىدۇ.

(3) فوسفور (P): فوساور ۋە كالتسىيلار سۆڭەك ۋە چىشقا تارقالغان بولۇپ، سۆڭەك ۋە چىشنى تۈزگۈچى مۇھىم تەركىبلەردۇر. نورمال قورامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ سۆڭىكىدىكى فوسفورنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 85 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ ( يەنى 600 ~ 900 گرام ئەتراپىدا بولىدۇ) فوسفور يەنە يۇمشاق توقۇلمىلارنى تۈزگۈچى مۇھىم تەركىبتۇر.

(4) يود (I): قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى نورمال يود مىقدارى تەخمىنەن 50 ~ 20 مىللىەرام بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 20 پىرسەنتى قالقانسىمان بەزگە تارقالغان، قالغانلىرى تۇخۇمدان بىلەن تېرىگە تارقالغان بولىدۇ.

 (5) ماگنىي (Mg) : قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى ماگنىي 20 ~ 30 گرام بولۇپ، ئۇنىڭ 70 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى سۆڭەك ۋە چىشنى تۈزىدۇ. تەخمىنەىن 25 پىرسەنتى يۇمشاق توقۇلمىلارغا تارقالغان:

(6) فتور (F): ئوزۇقلۇقلار بىلەن قوبۇل قىلىنغان فتور ئاشقازان قىسمىدا تولۇق سۈمۈرۈلىدۇ. يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى فتورنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئادەتتە 50 ~ 80 پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدۇ. بەدەندىكى فتور چىش ۋە سۆڭەككە تارقالغان.

 (7) سىنك (Zn): ئادەم بەدىنىدىكى سىنىكنىڭ مىقدارى تەخمىنەن 2.3~ 1.4 گرام بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى سىنىك مۇھىمى سۆڭەك، تېرە چاچقا تارقالغان. قان تەركىبىدىكى سىنىك75~ 80 پىرسەنتكىچە بولۇپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىگە تارقالغان. ھۈجەيرە – جانلىقلار تېنىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فونكسىيىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى. تىرىك ھۈجەيرىنىڭ بارلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارالىشى ھۈجەيرىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇلار بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، تۇپراق بىلەن ئورگانىزم ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر ئادەم يەنى ئورگانىزم تۇپراقتىن ئايرىلىپ قالسا، مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. ئۇنداقتا ھاياتلىقتىن سۆز ئېچىشمۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، يۇقىرىقى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تېبابەت كىلاسستىك كىتابلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تۇپراق ۋەزىن جەھەتتە مۇتلەق ئېغىر جىسىم، كەيپىياتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەرنىڭ شەكلى ۋە سۈپىتىنى ساقلايدۇ» دېگەن قاراش ھازىرقى زامان ئىلىم – پېنى جۈملىدىن تەبىئىي پەن – تەتقىقاتلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ئىسپاتلىنىپ چىقىشقا باشلىدى. بۇلار بىزگە نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تېبابەت پېشىۋالىرى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە ۋە تەلىماتلارنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قىلچىمۇ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان تەبىئىي پەن تەتقىقاتلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ نەزەرىيە ۋە تەلىماتلارنىڭ توغرىلىقى ۋە ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكى تېخىمۇ ئېنىقلانغۇسى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=366

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#