جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى قانۇنى 2008–يىلى 10–ئاينىڭ 28–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2008–يىلى 10–ئاينىڭ 28–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国企业国有资产法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó qǐ yè guó yǒu zī chǎn fǎ
قوللىنىلغان ۋاقتى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى قوغداش، دۆلەت ئىقتىسادىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (5–نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى قانۇنى» 2008–يىلى 10–ئاينىڭ 28–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2009–يىلى 5–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2008–يىلى 10–ئاينىڭ 28–كۈنى

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى قوغداش، دۆلەت ئىقتىسادىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى (تۆۋەندە دۆلەت مۈلكى دېيىلىدۇ) دۆلەت كارخانىلارغا ھەر خىل شەكىلدە چىقارغان مۈلۈكتىن شەكىللەنگەن ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كۆرسىتىدۇ.

3–ماددا دۆلەت مۈلكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا يەنى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. دۆلەت مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.

4–ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەتكە ۋاكالىتەن دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىلاردا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىگە ئىگە بولىدۇ.

گوۋۇيۈەن بېكىتكەن، خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرىغا ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دۆلەت مەبلەغ چىقارغان چوڭ كارخانىلاردا، مۇھىم ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇھىم تەبىئىي بايلىق ساھەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلاردا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئادا قىلىدۇ. دۆلەت مۈلۈك چىقارغان باشقا كارخانىلاردا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئادا قىلىدۇ.

5–ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلار دۆلەت مەبلەغ چىقارغان دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى شۇنىڭدەك دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەت، دۆلەت كاپىتالى پاي قىلىپ قوشۇلغان شىركەتنى كۆرسىتىدۇ.

6–ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەمۇرىيەت بىلەن كارخانىنى، جامائەت باشقۇرۇش فۇنكسىيىسى بىلەن دۆلەت مۈلكى چىقارغۇچىنىڭ فۇنكسىيىسىنى ئايرىۋېتىش، كارخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇشىغا ئارىلىشىۋالماسلىق پرىنسىپى بويىچە، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

7–ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرىغا ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تىزگىنلەش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

8–ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە لايىق كېلىدىغان دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش بويىچە باھالاش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، ئاشۇرۇش جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

9–ماددا دۆلەت مۈلكى ئاساسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى دۆلەت ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. كونكرېت چارىسى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە چىقىرىلىدۇ.

10–ماددا دۆلەت مۈلكىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

2–باب مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات

11–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرغان دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپارات دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىلاردا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ، دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىلاردا باشقا تارماق ۋە ئاپپاراتلارغا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھوقۇق بەرسە بولىدۇ.

شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ۋە تارماق تۆۋەندە مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات دېيىلىدۇ.

12–ماددا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىدا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مۈلۈكتىن پايدا ئېلىش، چوڭ–چوڭ تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش ۋە باشقۇرغۇچىلارنى تاللاش قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا قانۇن بويىچە ئىگە بولىدۇ.

مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا نىزامنامىسىنى چىقىرىدۇ ياكى چىقىرىشقا قاتنىشىدۇ.

مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسىدە مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئادا قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن چوڭ–چوڭ ئىشلارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك.

13–ماددا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىلى دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەت، دۆلەت كاپىتالى پاي قىلىپ قوشۇلغان شىركەتنىڭ پايچىكلار كېڭىشى يىغىنى، پايچىكلار چوڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئەۋەتكۈچى ئاپپاراتنىڭ يوليورۇقى بويىچە تەكلىپ بېرىشى، پىكىر بايان قىلىشى، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى ھەمدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ۋە نەتىجىسىنى ئۆزىنى ئەۋەتكۈچى ئاپپاراتقا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

14–ماددا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزام شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسى بويىچە ئادا قىلىشى، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، دۆلەت مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات كارخانىنىڭ بازار سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتىدە قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ھوقۇقىنى قوغدىشى، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغاندىن باشقا، كارخانىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك.

15–ماددا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتى ۋە باھالىشىنى قوبۇل قىلىدۇ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، قۇرۇلمىسى، ئۆزگىرىشى، پايدىسى قاتارلىق يىغىنچاقلاپ تەھلىل قىلىنغان ئەھۋاللارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە قەرەللىك دوكلات قىلىشى كېرەك.

3–باب دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا

16–ماددا دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا ئۆزىنىڭ كۆچمە مۈلكى، كۆچمەس مۈلكى ۋە باشقا مۈلكىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزام شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسى بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش، پايدىلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنىڭ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

17–ماددا دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا تىجارەت پائالىيىتىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، ئىگىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىنى ۋە نازارىتىنى، جامائەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئىجتىمائىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە مەبلەغ چىقارغۇچى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى قانۇن بويىچە بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئىچكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە خەۋپ – خەتەرنى كونترول قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

18–ماددا دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مالىيە، بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلىپ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۈلۈك چىقارغۇچىغا مالىيە بوغالتىرلىق ئۇچۇرىنى ئەينەن، مۇكەممەل بېرىشى كېرەك.

دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۈلۈك چىقارغۇچىغا پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىشى كېرەك.

19–ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەت ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي قىلىپ قوشۇلغان شىركەتلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەتچىلىك ھەيئىتى قۇرىدۇ. دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسىدىكى مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە نازارەتچىلەرنى ئەۋەتىپ نازارەتچىلىك ھەيئىتى تەشكىللەيدۇ.

دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنىڭ نازارەتچىلىك ھەيئىتى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۇدىر ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ، كارخانا مالىيىسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

20–ماددا دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىشچى–خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى شەكلى ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن، دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

21–ماددا دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا مۈلۈك ئۆزى مۈلۈك چىقارغان كارخانىدا مۈلۈك چىقارغۇچىلارنىڭ مۈلۈكتىن پايدا ئېلىش، چوڭ–چوڭ تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش ۋە باشقۇرغۇچىلارنى تاللاش قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا قانۇن بويىچە ئېرىشىدۇ.

دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا ئۆزى مۈلۈك چىقارغان كارخانىدا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۈلۈك چىقارغان كارخانىنىڭ نىزامنامىسىنى چىقىرىپ ياكى چىقىرىشقا قاتنىشىپ، كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ھوقۇق–مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولغان، ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدىغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خەۋپ – خەتەرنى كونترول قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۈلۈك چىقارغۇچىلىرىنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

4–باب دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنى باشقۇرغۇچىلارنى تاللاش ۋە باھالاش

22–ماددا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنىڭ مۇنۇ خادىملىرىنى تەيىنلىسە، قالدۇرسا ياكى تەيىنلەش – قالدۇرۇش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ:

(1) دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسىنىڭ دىرېكتورى، مۇئاۋىن دىرېكتورلىرى، مالىيە مەسئۇللىرى ۋە باشقا ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش؛

(2) دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، مۇئاۋىن باش مۇدىرلىرى، مۇدىرى، نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ۋە نازارەتچىلىرىنى تەيىنلەش–قالدۇرۇش؛

(3) دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەت، دۆلەت كاپىتالى پاي قىلىپ قوشۇلغان شىركەتنىڭ پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار چوڭ يىغىنىغا مۇدىر، نازارەتچىلەرنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىش؛

دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنىڭ ئىشچى–خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن سايلىنىدىغان مۇدىرى ۋە نازارەتچىسىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىشچى–خىزمەتچىلەر دېموكراتىك سايلاپ چىقىدۇ.

23–ماددا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات تەيىنلىگەن ياكى تەيىنلەش تەكلىپى بەرگەن مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) پەزىلەتلىك بولۇش؛

(2) خىزمەت ئورنىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسپىي بىلىمى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى بولۇش؛

(3) سالامەتلىكى مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلىشقا يار بېرىش؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

مۇدىر، نازارەتچى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلاردىن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەنلىرى ياكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى»دا شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى بولسا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلگەنلىرىنى مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ ياكى قالدۇرۇش تەكلىپى بېرىدۇ.

24–ماددا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات تەيىنلەيدىغان ياكى تەيىنلەش تەكلىپى بېرىدىغان مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ نامزاتىنى بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلىگەنلىرىنى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە تەيىنلەيدۇ ياكى تەيىنلەش تەكلىپى بېرىدۇ.

25–ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا كارخانىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ. دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەت ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي قىلىپ قوشۇلغان شىركەتلەرنىڭ مۇدىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار چوڭ يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئوخشاش كەسىپتىكى باشقا كارخانىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.

دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، دىرېكتورلۇقنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ. دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەتنىڭ باش مۇدىرى پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار چوڭ يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، دىرېكتورلۇقنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ.

مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچىلار قوشۇمچە نازارەتچى بولسا بولمايدۇ.

26–ماددا دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىپ، كارخانىغا سادىق بولۇش مەجبۇرىيىتى ۋە تىرىشىپ ئىشلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئالماسلىقى ياكى باشقا قانۇنسىز كىرىمگە ۋە نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالماسلىقى، كارخانا مۈلكىنى ئىگىلىۋالماسلىقى، ئىشلىتىۋالماسلىقى، كارخانىنىڭ چوڭ–چوڭ ئىشلىرىنى قارار قىلىشتا خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىماسلىقى ياكى تەرتىپكە خىلاپلىق قىلماسلىقى، دۆلەت مۈلكى چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.

27–ماددا دۆلەت دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئۆزى تەيىنلىگەن كارخانا باشقۇرغۇچىلارنى يىللىق باھالىشى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە باھالىشى ھەمدە كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنى مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنى باھالاش نەتىجىسىگە قاراپ قارار قىلىشى كېرەك.

مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئۆزى تەيىنلىگەن دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىشى كېرەك.

28–ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە قانۇن بويىچە قىلىنغان ئىقتىسادىي جاۋابكارلىق تەپتىشلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

29–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 22–ماددىسىنىڭ 1–تارمىقىنىڭ 1–، 2–تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن كارخانا باشقۇرغۇچىلاردىن گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەيىنلەش–قالدۇرۇشنى بەلگىلىگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە تەيىنلىنىدۇ، قالدۇرۇلىدۇ. مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن كارخانىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە باھالايدۇ، مۇكاپاتلايدۇ، جازالايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

5–باب دۆلەت مۈلكى چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ–چوڭ ئىشلار

1–پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

30–ماددا دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنى قوشۇۋېتىش، ئايرۋېتىش، تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، بازارغا سېلىش، رويخەتتىكى كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش، زايوم تارقىتىش، كۆپ مەبلەغ سېلىش، باشقىلارغا كۆپ سوممىلىق كېپىللىك بېرىش، كۆپ مال–مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، كۆپ سوممىلىق ئىئانە قىلىش، پايدا تەقسىملەش شۇنىڭدەك تارقىتىۋېتىش، ۋەيرانچىلىقنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق چوڭ–چوڭ ئىشلاردا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش، مۈلۈك چىقارغۇچىلارنىڭ ۋە ھەقدارلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشمەسلىك كېرەك.

31–ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى ۋە دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، رويخەتتىكى كاپىتالنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش، زايوم تارقىتىش، پايدا تەقسىملەش شۇنىڭدەك تارقىتىۋېتىش، ۋەيرانچىلىقنى ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىنى مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قارار قىلىدۇ.

32–ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى ۋە دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 30–ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 31–ماددىسى ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قارار قىلىدىغانلىرىدىن باشقىلىرىنى دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرىدا كارخانا مەسئۇللىرى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ، دۆلەت شېرىكسىز شىركەتلىرىدە مۇدىرىيەت قارار قىلىدۇ.

33–ماددا دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەت ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي قىلىپ قوشۇلغان شىركەتلەردە مۇشۇ قانۇننىڭ 30– ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلارنى، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شىركەتنىڭ پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار چوڭ يىغىنى ياكى مۇدىرىيەت قارار قىلىدۇ. پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار چوڭ يىغىنى قارار قىلىدىغانلىرىدا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىلى مۇشۇ قانۇننىڭ 13–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.

34–ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرى، دۆلەت شېرىكسىز شىركەتلىرى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەتلەردىن مۇھىملىرىنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، تارقىتىۋېتىش، ۋەيرانچىلىقىنى ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىنى، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپاراتنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدىغانلىقى قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن چوڭ–چوڭ ئىشلارنى مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قارار قىلىشتىن ياكى دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەتنىڭ پايچىكلار كېڭىشى يىغىنى ۋە پايچىكلار چوڭ يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىلىگە يوليورۇق بېرىشتىن بۇرۇن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرى، دۆلەت شېرىكسىز شىركەتلىرى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەتلەردىن مۇھىملىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

35–ماددا دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنىڭ زايوم تارقىتىش، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئىشلىرىدىن ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا خەلق ھۆكۈمىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ۋە ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

36–ماددا دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا مەبلەغ سېلىشتا دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇمكىنلىك تەتقىقاتى قىلىشى؛ سودىنى ئادىل، ھەقلىق قىلىشى، مۇۋاپىق باھا قويۇشى كېرەك.

37–ماددا دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىلار قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، تارقىتىۋېتىش، ۋەيرانچىلىقىنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق چوڭ–چوڭ ئىشلاردا كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن پىكىر ئېلىشى ھەمدە تەكلىپلىرىنى ئىشچى–خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا ئاڭلىشى ياكى باشقا شەكىلدە ئاڭلىشى كېرەك.

38–ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىلىرى، دۆلەت شېرىكسىز شىركەتلىرى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەتلەر ئۆزى مۈلۈك چىقارغان كارخانىنىڭ چوڭ–چوڭ ئىشلىرىدا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ ئادا قىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

2–پاراگراف كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش

39–ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ:

(1) دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسىنى دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىگە ئۆزگەرتىش؛

(2) دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنى دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەت ياكى دۆلەت كاپىتالىدىن باشقا كاپىتال پاي كونترول قىلغان شىركەتكە ئۆزگەرتىش؛

(3) دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەتنى دۆلەت كاپىتالىدىن باشقا كاپىتال پاي كونترول قىلىدىغان شىركەتكە ئۆزگەرتىش.

40–ماددا كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قارار قىلىشى ياكى شىركەت پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار چوڭ يىغىنى قارار قىلىشى كېرەك.

دۆلەت مۇھىم شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەتلەردىن مۇھىملىرىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ياكى دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەتنىڭ پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار چوڭ يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىلىگە يوليورۇق بېرىشتىن بۇرۇن، ئۆزگەرتىش لايىھىسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك.

41–ماددا كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە لايىھە تۈزۈش، ئۇنىڭغا تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلگەن كارخانىنىڭ تەشكىلىي شەكلى، كارخانىنىڭ مۈلكى ۋە ھەقدارلىق، قەرزدارلىقنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسى، پاي ھوقۇقىنىڭ ئۆزگىرىش لايىھىسى، ئۆزگەرتىش مەشغۇلات تەرتىپى، مۈلۈكنى باھالاش ۋە مالىيىسىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنى تەكلىپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە، ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسىنىمۇ تۈزۈش ھەمدە ئىشچى–خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچى–خىزمەتچىلەر يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

42–ماددا كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە، بەلگىلىمە بويىچە مۈلكىنى ئېنىقلاش، مالىيىسىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، مۈلكىنى باھالاش، مۈلكىنى توغرا بېكىتىش ۋە ئېنىقلاش، بەلگىلەش ۋە تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۈلۈك قىممىتىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل بېكىتىش كېرەك.

كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش كارخانىنىڭ ئەمەلىي نەرسىسى، بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىق پۇلدىن باشقا مۈلۈكنى دۆلەت كاپىتالىغا سۇندۇرۇپ مۈلۈك قىلىشقا توغرا كەلسە ياكى پاي قىلىشقا توغرا كەلسە، باھاغا سۇندۇرۇلىدىغان مۈلۈكنى بەلگىلىمە بويىچە باھالاپ، مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن باھانى دۆلەت كاپىتال سوممىسى ياكى پاي سوممىسىنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك. مۈلۈكنى تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرۇشقا ياكى مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان باشقا ئىشلارنى قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

3–پاراگراف ئالاقىدار تەرەپ بىلەن سودىلىشىش

43–ماددا دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىدىكى ئالاقىدار تەرەپ دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلىسە، دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتسا بولمايدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئالاقىدار تەرەپ شۇ كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى شۇنىڭدەك بۇ كىشىلەرنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ياكى ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى كارخانىنى كۆرسىتىدۇ.

44–ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەت ئالاقىدار تەرەپنى مەبلەغ، تاۋار، مۇلازىمەت ياكى باشقا مۈلۈك بىلەن ھەقسىز تەمىن ئەتسە بولمايدۇ، نالىللا باھادا ئالاقىدار تەرەپ بىلەن سودا قىلسا بولمايدۇ.

45–ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا بولمايدۇ:

(1) ئالاقىدار تەرەپ بىلەن مال–مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، قەرز پۇل بېرىش كېلىشىمى تۈزۈش؛

(2) ئالاقىدار تەرەپكە كېپىللىك بېرىش؛

(3) ئالاقىدار تەرەپ بىلەن بىرلىكتە مۈلۈك چىقىرىپ كارخانا قۇرۇش ياكى مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىلار ۋە ياكى ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ياكى ئەمىلىي كونتروللۇقىدىكى كارخانىغا مەبلەغ سېلىش.

46–ماددا دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەت ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي قىلىپ قوشۇلغان شىركەتنىڭ ئالاقىدار تەرەپ بىلەن سودىلىشىشىنى شىركەت پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار چوڭ يىغىنى ياكى مۇدىرىيەت يىغىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى» ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە شۇنىڭدەك شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قارار قىلىدۇ. شىركەت پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار چوڭ يىغىنى قارار قىلىدىغانلىرىدا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىلى مۇشۇ قانۇننىڭ 13–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.

شىركەت مۇدىرىيەت يىغىنى شىركەت بىلەن ئالاقىدار تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۈستىدە قارار چىقارغاندا، شۇ سودىغا مۇناسىۋەتلىك مۇدىر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولمايدۇ، باشقا مۇدىرلارنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزسىمۇ بولمايدۇ.

4–پاراگراق مۈلۈك باھالاش

47–ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، كۆپ مال–مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، پۇلدىن باشقا مال–مۈلكىنى سىرتقا مەبلەغ قىلىپ سېلىش، ھېسابات ئېنىقلاش ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار شۇنىڭدەك كارخانا نىزامنامىسىدە مۈلۈكنى باھالاش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللاردا بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار مۈلۈكنى باھالىتىش كېرەك.

48–ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەت مۈلۈك باھالاشنى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان شەرتكە توشىدىغان مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك؛ مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قارار قىلىدىغان ئىشلاردا مۈلۈك باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئاپپاراتنىڭ ئەھۋالىنى مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپاراتقا دوكلات قىلىشى كېرەك.

49–ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەت ۋە ئۇلارنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتىنى ئالاقىدار ئەھۋال ۋە ماتېرىياللار بىلەن ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك، مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ باھا قويغۇزۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

50–ماددا مۈلۈك باھالىغۇچى ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ھاۋالە بىلەن ئالاقىدار مۈلۈكنى باھالىغاندا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە باھالاش كەسپكارلىق مىزانىغا ئەمەل قىلىشى، باھالاش ھاۋالە قىلىنغان مۈلۈكنى مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، ئادىل باھالىشى كېرەك. مۈلۈك باھالىغۇچى ئاپپارات ئۆزىنىڭ باھالاش دوكلاتىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

5–پاراگراف دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش

51–ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش دۆلەتنىڭ كارخانىغا چىقارغان مۈلكىدىن شەكىللەنگەن ھوقۇق – مەنپەئىتىنى باشقا ئورۇن ياكى شەخسكە قانۇن بويىچە بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە دۆلەت مۈلكىنى ھەقسىز بېرىش بۇنىڭ سىرتىدا.

52–ماددا دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە قۇرۇلمىسىغا دائىر ئىستراتېگىيىلىك تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇشى كېرەك، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، سودىلاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

53–ماددا دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قارار قىلىدۇ. مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپاراتلاردىن دۆلەت مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قارار قىلىدىغانلىرى ياكى دۆلەت مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ دۆلەتنى شۇ كارخانىنىڭ پېيىنى كونترول قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدىغانلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك.

54–ماددا دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، تەڭ قىممەتتە بولۇش، ھەقلىق بولۇش، ئاشكارا، ئادىل، لىللا بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىۋاسىتە كېلىشىپ ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەت مۈلكىنى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى سورۇنىدا ئاشكارا ئۆتۈنۈپ بېرىش كېرەك. ئۆتۈنگۈچى ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئەينەن ئاشكارىلىشى، ئۆتۈنۈلگۈچىلەرنى چاقىرىشى كېرەك؛ كەلگەن ئۆتۈنۈلگۈچى ئىككىدىن ئاشسا، ئاشكارا باھا تالىشىپ سودىلىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.

بازارغا سېلىنغان پاي «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ.

55–ماددا دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، قانۇن بويىچە باھالىتىلغان، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئېتىراپ قىلغان ياكى مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقان باھانى ئاساس قىلىپ، ئەڭ تۆۋەن ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك.

56–ماددا شۇ كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ياكى ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى كارخانىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغانلىقى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مۈلۈكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان كىشىلەر ياكى كارخانىلاردىن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قاتنىشىدىغانلىرى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قاتنىشىدىغان باشقا كىشىلەر بىلەن باراۋەر تالىشىپ سېتىۋېلىشى؛ ئۆتۈنگۈچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئەينەن ئاشكارىلىشى؛ ئالاقىدار، مۇدىر، نازارەتچى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلار ئۆتۈنۈپ بېرىش لايىھىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش ئىشلىرىغا قاتناشماسلىقى كېرەك.

57–ماددا دۆلەت مۈلكىنى چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان سالماسلىق كېرەك.

6–باب دۆلەت كاپىتالىنىڭ تىجارەت خام چوتى

58–ماددا دۆلەت دۆلەت كاپىتالىنىڭ تىجارەت خام چوت تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئېرىشكەن دۆلەت كاپىتال كىرىمىنى ۋە ئۇنىڭ چىقىمىنى خام چوت بويىچە باشقۇرىدۇ.

59–ماددا دۆلەت ئېرىشكەن تۆۋەندىكى دۆلەت كاپىتال كىرىمى ۋە تۆۋەندىكى كىرىمنىڭ چىقىمى ئۈچۈن دۆلەت كاپىتالىنىڭ تىجارەت خام چوتىنى تۈزۈشى كېرەك:

(1) دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىدىن ئېرىشكەن پايدا؛

(2) دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمى؛

(3) دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىدىن ئېرىشكەن راسچوت كىرىمى؛

(4) دۆلەتنىڭ باشقا كاپىتال كىرىمى.

60 – ماددا دۆلەت كاپىتالى تىجارەت خام چوتى يىل بويىچە ئايرىم تۈزۈلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا تەستىقلىتىلىدۇ.

دۆلەت كاپىتالىنىڭ تىجارەت خام چوت چىقىمى شۇ يىللىق خام چوت كىرىمىنىڭ كۆلىمى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، قىزىل رەقەمگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

61–ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە تارمىقى دۆلەت كاپىتالىنىڭ تىجارەت خام چوت لايىھىسىنى تۈزۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئۆزى مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان دۆلەت كاپىتالىنىڭ تىجارەت خام چوتى ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى مالىيە تارمىقىغا سۇنىدۇ.

62–ماددا دۆلەت كاپىتالىنىڭ تىجارەت خام چوتىنى باشقۇرۇش كونكرېت چارىسى ۋە يولغا قويۇش قەدەم–باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

7–باب دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش

63–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ۋە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەھۋالىدىن مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ.

64–ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھوقۇقى بەرگەن ئاپپاراتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.

65–ماددا گوۋۇيۇەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت كاپىتالى تىجارەت خام چوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش ئوبيېكتى بولغان دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىدۇ، نازارەت قىلىدۇ.

66–ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۈلكىنىڭ ئەھۋالى ۋە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، جامائەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى پاش قىلىش ۋە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

67–ماددا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئېھتىياجغا قاراپ، دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ يىللىق مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى بوغالتىرخانىغا ھاۋالە قىلسا ياكى دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان كارخانىدىكى پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار چوڭ يىغىنىنىڭ قارارى ئارقىلىق دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەت بوغالتىرخانىنى شىركەتنىڭ يىللىق مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغدىسا بولىدۇ.

8–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

68–ماددا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپاراتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنى باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلەش ياكى تەيىنلەش تەكلىپى بېرىشتە، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنىڭ مەبلىغىنى ياكى يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان دۆلەت كاپىتالى كىرىمىنى ئىگىلىۋالغان، تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛

(3) دۆلەت مۈلۈك چىقارغان شىركەتنىڭ چوڭ – چوڭ ئىشلىرىنى قارار قىلىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى، تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار؛

(4) مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىش سادىر قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار.

69–ماددا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپاراتنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

70–ماددا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ئەۋەتكەن پايچىكلار ۋەكىللىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئەۋەتكۈچى ئاپپاراتنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئادا قىلماي، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ دۆلەت خادىملىرىغا قوشۇمچە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

71–ماددا دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ دۆلەت خادىملىرىغا قوشۇمچە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئالغان ياكى باشقا قانۇنسىز كىرىمگە ۋە نامۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشىۋالغانلار؛

(2) كارخانىنىڭ مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛

(3) كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، مال–مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش جەريانىدا قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە ئادىل سودىلىشىش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارخانا مال–مۈلكىنى تۆۋەن باھادا ئۆتۈنۈپ بەرگەن، تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرغانلار؛

(4) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ كارخانا بىلەن سودىلاشقانلار؛

(5) مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى، بوغالتىرخانىنى ئالاقىدار ئەھۋال ۋە ماتېرىياللار بىلەن ئەينەن تەمىن ئەتمىگەن ياكى مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى، بوغالتىرخانا بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، يالغان مۈلۈك باھالاش دوكلاتى، ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى چىقىرىپ بەرگەنلەر؛

(6) كارخانىنىڭ چوڭ–چوڭ ئىشلىرىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە كارخانا نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىگە خىلاپ ھالدا قارار قىلغانلار؛

(7) ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە كارخانا نىزامنامىسىگە خىلاپ باشقا قىلمىشى بولغانلار.

دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىش سەۋەبىدىن ئېرىشىۋالغان كىرىمى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىدۇ ياكى دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ.

مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات تەيىنلىگەن ياكى تەيىنلەش تەكلىپى بەرگەن مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىلاردىن مۇشۇ ماددىنىڭ 1–تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىرىنى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيتىىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپى بېرىدۇ.

72–ماددا ئالاقىدار تەرەپنىڭ سودىسىدا، دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق سودا پائالىيەتلىرىدە، ئالاقىدارلاردىن يامان نىيەتتە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ دۆلەت مۈلكى ھوقۇق– مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرىنىڭ شۇ سودىسى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

73–ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەتتە مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچى بولسا بولمايدۇ؛ دۆلەت مۈلكىنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىقتىن ياكى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلىپ، مال–مۈلۈكنى ئىگىلىۋېلىپ، ئىشلىتىۋېلىپ ۋە ياكى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى بۇزۇپ جىنايى جازاغا تارتىلغانلىرى دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ۋە دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلغان شىركەتتە ئۆمۈرۋايەت مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچى بولسا بولمايدۇ.

74–ماددا ھاۋالە بويىچە دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنىڭ مۈلكىنى باھالايدىغان، مالىيىسىنى تەپتىش قىلىدىغان مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتلىرى، بوغالتىرخانىلاردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ۋە كەسىپكارلىق مىزانىغا خىلاپلىق قىلىپ، ساختا مۈلۈك باھالاش دوكلاتى ياكى ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى بەرگەنلىرى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

75–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

9–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

76–ماددا پۇل مۇئامىلە كارخانىسىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشى ھەققىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

77–ماددا بۇ قانۇن 2009–يىلى 5–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1954609.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#