پىكاسسو

پىكاسسو

1881-يىلى پىكاسسو ئىسپانىيە نىڭ مالاگو دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى بىر سەنئەتكار بولۇپلا قالماي، يەنە سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. پىكاسسونىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتى خېلى بۇرۇنلا كۆرۈنۈشكە باشلاپ، ياشلىق دەۋرىدىلا تالانتى خېلى بۇرۇنلا كۆرۈنۈشكە باشلاپ، ياشلىق دەرىدىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان سەنئەتكارلارغا ئايلانغانىدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پىكاسسو
باشقا نامى Pablo Picasso
تۇغۇلغان ۋاقتى 1881-يىلى
كەسپى رەسسام
خەنزۇچە ئىسمى 巴勃罗·鲁伊斯·毕加索
دۆلەت تەۋەلىكى ئىسپانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1973-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىكاسسورەسسام مەيلى ھەر قانچە تالانتلىق ياكى ھەر قانچە ئىقتىدارلىق بولۇپ كەتسۇن، رەسىمدىكىدىن تېخىمۇ ئىنچىكە بولغان تەبىئىي مەنزىرىنى سىزالمايدۇ. شۇڭا، بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، رەسساملار رەسساملىق سەنئىتىنىڭ خىزمىتى ۋە دائىرىسىنى قايتىدىن بېكىتىپ چىقىش مەقىسىتىدە، بەس-بەس بىلەن تۈرلۈك سىناقلارنى ئېلىپ باردى. بۇ جەھەتتە ئەڭ باتۇر بولغان، ئەڭ زور ئىجادچانلىققا ئىگە بولغان ۋە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان سەنئەتكار پىكاسسودۇر. 

كىشىلەرنىڭ پىكاسسونىڭ سەنئەت جەھەتتىكى پىكىر قىلىش كۈچىنىڭ موللۇقىغا، جانلىقلىقىغا ۋە ئۇنىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان سېزىمچانلىقىغا قايىل. پىكاسسو ستېرېئولۇق رەسساملار ئىچىدىكى ئاساسلىق شەخس بولۇپ، كۆپ تەرەپلىمە تالانتقا ۋە سەنئەت ئىجادچانلىقىغا ئىگە بولۇش بىلەن نام چىققان. كۆپچىىككە ئايانكى پىكاسسو ھازىرقى زامان سەنئىتىدىكى ئاتاقلىق شەخس، ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئاز ئۇچرايدىغان سەنئەتكاردۇر. 

پىكاسسونىڭ كۆڭلىدە ئارزۇسى پەيدا بولغاندا، رېئالىزم ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى سىزىپ چىقالايدۇ. لېكىن، ئۇ ھەمىشە شەكلىنى ئۆزگەرتىش ياكى تەبىئىي جىسىملارنى يېڭىباشتىن بىرىكتۈرۈپ سىزىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. بىر قېتىم ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن «ئىستاكان» نى سىزماقچى بولغاندا، ئىستاكاننىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى سىزگە كۆرسىتىمەن؛ لېكىن ئىستاكاننىڭ ھەر قايسى قىسىمىنى يېڭىباشتىن بىرىكتۈرۈپ، ئىستاكاننىڭ يۇمىلاقلىقىنى تۆت چاسا شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلىشىممۇ مۇمكىن. 

پىكاسسو1881-يىلى پىكاسسو ئىسپانىيىنىڭ مالاگو دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى بىر سەنئەتكار بولۇپلا قالماي، يەنە سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. پىكاسسونىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتى خېلى بۇرۇنلا كۆرۈنۈشكە باشلاپ، ياشلىق دەۋرىدىلا تالانتى خېلى بۇرۇنلا كۆرۈنۈشكە باشلاپ، ياشلىق دەرىدىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان سەنئەتكارلارغا ئايلانغانىدى. 1904-يىلى ئۇ پارىژدا ئولتۇراقلىشىپ، كېيىنكى ھاياتىنى فرانسىيىدە ئۆتكۈزدى. 

پىكاسسو كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارغا ئىگە سەنئەتكار. ئۇ ئۆزىنىڭ 75 يىللىق سەنئەت ھاياتىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق سەنئەت ئەسىرىنى ئىجاد قىلدى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە بەش ئەسەر ئىجاد قىلغانغا باراۋەر ئىدى. ئۇنىڭ ماي بوياق رەسىملىرىنىڭ باھاسى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. مۇشۇ سەۋەبتىن پىكاسسو باي بولۇپ قالغانىدى. 1973-يىلى، ئۇ فرانسىيىنىڭ مۇگان دېگەن يېرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. 

پىكاسسو گەرچە بىر رەسسام بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نۇرغۇن ھەيكەل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان. ئۇ تېخى بالىت ئۇسسۇلى ئۈچۈن سەھنە لايىھىلەپ بەرگەنىدى. ساپال بۇيۇملار ئىشلەپ چىقىرىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، زور مىقداردا ئويما رەسىم، تېز سىزما ۋە باشقا سەنئەت بويۇملىرىنى قالدۇرغان. 

پىكاسسونىڭ ئەسىرىباشقا سەنئەتكارلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، پىكاسسو سىياسەتكە كۆڭۈل بۆلەتتى. 1937-يىلى گېرمانىيە ناتسىستلار ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئىسپانىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى باسكىلارنىڭ كونا پايتەختى گورنىكانى بومباردىمان قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ناھايىتى چوڭ ماي بوياق رەسىم «گورنىكا» نى ئىجات قىلغان. ئۇنىڭ يەنە بەزى رەسىملىرىمۇ سىياسىي تۈسكە ۋە خاھىشقا ئىگە ئىدى. 

نۇرغۇن ئاتاقلىق سەنئەتكارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ مەلۇم ئاساسىي خىسلىتى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان. پىكاسسو بولسا ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ. بىز ئۇنىڭدا كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك بىر نەچچە خىل خسلەتنىڭ بارلىقىنى سېزىۋالالايمىز. پىكاسسو ستېرېئو رەسسامچىلىقنى بەرپا قىلغۇچى. شۇنداقلا يېڭى رەسىملەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىمۇ تۆھپىلەرنى ياراتقان. تارىختا پىكاسسوغا ئوخشاش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، خىسلىتى ئوخشاش بولمىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان رەسسامدىن بىرەرسىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان بولسا كېرەك. 

بىز شۇنداق سۇئال قويۇشىمىز مۇمكىن: كىيىنكى ئەۋلادلار خۇددى ھازىرقى مۇشۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە ئوخشاش پىكاسسونىڭ ئەسىرىنى ياخشى كۆرەرمۇ ياكى ئۇنىڭ تەسىرى ئۇزۇن ئۆتمەيلا غايىپ بولۇپ كېتەرمۇ؟ 

ناھايىتى روشەنكى، بىز بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىشكە ئامالسىزمىز. گەرچە كۆپ ساندىكى ھازىرقى زامان سەنئەت ئوبزورچىلىرى پىكاسسونىڭ تەسىرى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە ئۇزۇنغىچە ساقلىنىپ تۇرىدۇ ۋەپ پەرەز قىلىشقان بولسىمۇ، مەيلى قانداق بولمىسۇن، بۇ مەسىلىنى تارىخنىڭ جاۋاب بېرىشىگە قالدۇرغىنىمىز تۈزۈك! 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    33.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#