بائوباب دەرىخى

ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تروپىك بەلۋاغ ئوتلاقلىرىدا بىر خىل شەكلى غەلىتە بائوباب(ئادانسونىيە) دەرىخى ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ «بەل ئايلانمىسى»  50 مېتىر بولۇپ، 40 ئادەم قول تۇتىشىپ قۇچاقلىسا قۇچىقى ئاران يېتىدۇ، ئۇنىڭ بويى ئانچە ئېگىز ئەمەس، پەقەت ئون نەچچە مېتىرلا كېلىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «پورسېمىز دەرەخ» دېيىشىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پورسېمىز دەرەخ پاختا دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدىغان ئوتتۇراھال دەرەخ، ئۇنىڭ يۇرتى قۇرغاق ئافرىقا. ھەر نۆۋەت قۇرغاقچىلىق مەۋسۇمى يېتىپ كەلگەندە، سۇنىڭ پارلىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن پۈتۈن تېنىدىكى يوپۇرماقلىرىنى تاشلىۋېتىپ، شۇ ئارقىلىق قۇرغاق مۇھىتقا ماسلىشىدۇ. يامغۇر پەسلى يېتىپ كەلسىلا، ئۇ يۇمشاق ياغاچ ماددىسىغا تايىنىپ، ئىمكانقەدەر سۇ سۈمۈرۈپ ساقلايدۇ. بەزىلەرنىڭ ئۆلچەپ ھېسابلىشىغا قارىغاندا، بىر تۈپ پورسېمىز دەرەخ 450 كىلوگرام سۇ ساقلىيالايدىكەن. بۇنى پۈتۈنلەي چۆللۈكتىكى بىر سۇ ساقلاش مۇنارى دېيىشكە بولىدۇ. سۇنى تويۇپ سۈمۈرۈۋالغاندىن كېيىن، يەنە باشقىدىن ئالىقانسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقلىرى ئۆسۈپ چىقىپ، ناھايىتى چوڭ ئاق رەڭلىك گۈلى ئېچىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ گۈل تېخى سېنېگالنىڭ دۆلەت گۈلى ئىكەن! گۈلدىن كېيىن ئۇزۇن بارماق شەكىللىك مېۋىلەيدۇ، مېۋە شاكىلى ياغاچ ماددىلىق بولۇپ، سۇ قاچىلاشقا، شۇنداقلا ھاراق قاچىلاشقا بولىدۇ. مېۋە ئېتى تەملىك، كۆپ شىرنىلىك، سوغۇق ھەم مەززىلىك بولۇپ، مايمۇن، ئورانگۇتانلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكى بولغاچقا، يەنە «مايمۇن بولكا دەرىخى» دېيىلىدۇ.

پورسېمىز دەرەخنىڭ يوپۇرماق، مېۋە ۋە دەرەخ قوۋزاقلىرىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ، يۇمران يوپۇرماقلىرىنى خام يېسە قان بۇزۇلۇش كېسىلى ۋە راختنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. دەرەخ قوۋزىقىنىڭ تالالىرىدىن رەخت توقۇشقا، سېۋەت توقۇشقا، ئارغامچا ئېشىشكە ياكى قەغەز ياساشقا بولىدۇ.

قىزىقارلىق يېرى شۇكى، پورسېمىز دەرەخ ئەمەلىيەتتە تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال «يالغان» سېمىز، گەرچە سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىماققا دەرەخ گەۋدىسى ناھايىتى تولۇق كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرىسى پور، كاۋاك بولۇپ قۇرغاقچىلىق پەسلىدە «يازلىق داچا» قىلىشقا بولىدۇ؛ يامغۇر پەسلىدە بولسا شىر، تاغىل ئات قاتارلىقلارنىڭ ئىسسىق ماكانى بولىدۇ.پورسېمىز دەرەخ يەنە ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى ئەڭ قەدىمكى ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەرەخ بولۇپ، 4000 −5000 يىل ياشىيالايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#