تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى

 1997-يىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىنىڭ نامى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلدى.

ئۇيغۇرچە نامى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1928-يىلى
خەنزۇچە نامى 塔城地区教委

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1908-يىلى چۆچەك، شىخۇ قاتارلىق جايلاردا ئوقۇشقا نەسىھەت قىلىش ئورۇنلىرى بولۇپ، يەرلىك ئەمەلدارلارغا ھەمكارلىشىپ، بالىلارنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. نەسىھەت ھەم مەكتەپلەرنىڭ خىزمىتىگە مۇپەتتىشلىك قىلدى. 1928-يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەردە مائارىپ ئىدارىلىرى قۇرۇلدى. 1929-يىلى مائارىپ بۆلۈمى دەپ ئۆزگەرتىلدى. 1936-يىلى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەھكىمە مائارىپ ئىدارىسى تەسىس قىلدى. 1939-يىلى ۋىلايەت ئىچىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلاردا ئىقتىساىي مەدەنىيەت ئورنى تەسىس قىلىندى ھەمدە ئىقتىسادىي مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى جايلارغا ئىقتىسادىي مەدەنىيەت كادىرلىرى سەپلىدى. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تارباغاتاي ۋىلايىتىدە خەلق مائارىپ ئىدارىسى قۇرۇلدى. 1950-يىلى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىسى مائارىپ بۆلۈمى تەسىس قىلىندى. 1963-يىلى مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە بۆلۈمىگە ئۆزگەرتىلدى. 1964-يىلى مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە سەھىيە ئورگىنى ئايرىپ تەسىس قىلىنىپ، مەدەنىيەت مائارىپ بۆلۈمى قۇرۇلدى. 1969-يىلى 4-ئايدا تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنقىلابىي كومىتېتى قارىمىقىدا مەدەنىي مائارىپ، سەھىيە گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىندى. 1972-يىلى مەدەنىي مائارىپ ئىدارىسى قۇرۇلدى. 1979-يىلى مائارىپ ئىدارىسى ۋە مەدەنىيەت ئىدارىسى تەسىس قىلىنىدى. 1980-يىلى مەدەنىيەت ئىدارىسى بىلەن مائارىپ ئىدارىسى مەدەنىيەت مائارىپ باشقارمىسى قىلىپ بىرلەشتۈرۈلدى. 1981-يىلى مەدەنىيەت باشقارمىسى ۋە مائارىپ باشقارمىسى ئايرىپ تەسىس قىلىندى. 1983-يىلى مەدەنىي مائارىپ باشقارمىسى قۇرۇلدى. 1985-قيىلى مەدەنىي مائارىپ ئورگىنى يەنە ئايرىم تەسىس قىلىندى. 1997-يىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىنىڭ نامى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلدى.

 نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئىچىدە تەسىس قىلىنغان ئاپپاراتلاردىن كومىتېت ئىشخانىسى، كادىرلار بۆلۈمى، ئاساسىي مائارىپ بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپ بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش بۆلۈمى، مۇپەتتىش ئىشخانىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئىشخانىسى، خۇلاسە ئىمتىھانى ئىشخانىسى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان ئىشخانىسى، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلەر پونكىتى، مائارىپ تەتقىقات ئىشخانىسى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ سارىيى قاتارلىقلار بار. مەمۇرىي شتاتى 25 نەپەر.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#