جۇڭگو قىزىلگۈلى

جۇڭگو قىزىلگۈلى
جۇڭگو قىزىلگۈلىنىڭ يەنە بىر ئىسمى قىزىل پەرەڭگۈل بۇلۇپ، يەنە بۇددا دىنى پەرەڭگۈلى، ھىندى پەرەڭگۈلى، جۇڭگو ئەتىرگۈلى دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتىلدۇ. ناملىرى كۆپ، رەڭگى قىزىل بولغاچقا جۇڭگو قىزىلگۈلى دەپ ئاتالغان، شۇڭا جۇڭگونىڭ ۋۇلىڭ تېغىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئۇنى ئادەتتە چوڭ قىزىل گۈل دەپ ئاتايدۇ. يوپۇرمىقى بىئولوگىيەلىك ئىشقار كوكايىن ئېلىشنىڭ خام ماتىرىيالى، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1 ~ 3 مېتىر؛ كىچىك شاخلىرى يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىللىك، شالاڭ تەرپىنى تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو قىزىلگۈلى
ئىنگلىزچە نامى Chinese rose
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى لەيلىگۈل ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 朱槿
تارقالغان رايونلار ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدا كۆپرەك تېرىلىدۇ.
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى تۈگمىگۈل تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى خەيرىگۈل ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو قىزىلگۈلىجۇڭگو قىزىلگۈلىنىڭ يوپۇرمىقى كەڭ تۇخۇمسىمان ياكى تار تۇخۇمسىمان شەكىلدە، دۈمبىسى ئۈستىدە ئازراق شالاڭ تۈكچىلەر بار، سىرتقى ئىككى يۈزىدە تۈكچىلەر بولمايدۇ. گۈلى يۇپۇرماق قولتىقىدا ئۆسىدۇ، تۈۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ؛ گۈل تاجى ۋارونكا شەكلىدە بولۇپ، دىئامېتىرى 6 ~ 10 سانتېمېتىر، ئەتىرگۈلدەك قىزىل ياكى سۇس قىزىل رەڭلىك بۇلۇپ، سۇس سېرىق رەڭدە بۇلدىغانلىرىمۇ بار. گۈل تاج ياپراقچىلىرى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئالدى ئۇچى يۇملاق، سىرىتقى قىسمىدا شالاڭ يۇمشاق تۈكلەر بار. غوزا مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك، كەڭلىكى تەخمىنەن 2.5 سانتىمىتىر، تەكشى بولمىغان تۈكلۈك تۇمشۇقى بار، ھەر يىلى چېچەكلەيدۇ. دائىم كۆكىرىپ يېشىل تۇرىدىغان چاتقال،غولىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1 ~ 3 مېتىر؛ كىچىك شاخلىرى يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىللىك، شالاڭ تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇزۇنلىقى 4 ~ 9 سانتېمىتېر، تۈۋى يۇمىلاق ياكى شىناسىمان كېلىدۇ، گىرۋەكلىرىدە ئاراچ بولغان يىرىك چىشلىرى بار، يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن 5 ~ 20 مىللىمېتىر، ئۈستىنى ئۇزۇن تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ ھەمراھ يوپۇرمىقى يىپسىمان، ئۇزۇنلىقى 5 ~ 12 مىللىمېتىر. 

جۇڭگو قىزىلگۈلى 

جۇڭگو قىزىلگۈلىئۈچكىلىك مېۋىسى تۇخۇمسىمانراق بولىدۇ، ئۇچ يوپۇرمىقى ئۇچلۇق، ئىللىق، نەم كىلىماتنى خالايدۇ، سوغوققا چىدامسىز، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ ئوچۇقچىلىق رايونلىرىدا كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ۋە ئۇنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ، پارنىكتا قىشلايدۇ. مۇنبەت تۇپراق، نەمخۇش، سۇ چىقىرىشى شارائىتى ياخشى جايلاردا ئۆستۈرۈشكە ماسى كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمى، فۇجيەن، تەيۋەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، سىچۈەن قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان. 

قات گۈللۈك جۇڭگو قىزىلگۈلى

قات گۈللۈك جۇڭگو قىزىلگۈلى  جۇڭگو قىزىلگۈلى مودەنگۈل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھەر ئايدا ئېچىلدۇ، گۈللۈك قات بەرگلىك بۇلۇپ  قىزىل، ئاچ قىزىل، قىزغۇچ سېرىق قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، گۇئاڭشى، يۈننەن، سىچۇەن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ. 

جۇڭگو قىزىلگۈلىجۇڭگو قىزىلگۈلى كۈنگەي ئۆسۈملۈك، نەم، ئىسسىق رايونلاردا چېچەكلىمەيدۇ، تەبىئىتى نەمخۇش، ئىلىقلىقنى خالايدۇ، سايىگە ھەم سوغوقققا چىدامسىز، قۇرغاق، جۇڭگودىكى چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ۋە شىمالىدىكى رايونلاردا پەقەت تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدۇ،  تېمپىراتۇرسى ℃12 ~ ℃15 بولغان پارنىكتا ساقلىنىدۇ. ئۆي تېمپېراتۇرىسى ℃5 تىن تۆۋەن بولغاندا يۇپۇرماقلىرى سارغىيىپ چۈشۈپ كېتىدۇ، ℃0 تىن تۆۋەن بولغان تېمپىراتۇرىدا ئۈششۈك تېگىدۇ. پۇتاپ چاتاشقا چىداملىق، شاخلىنىش كۈچى كۈچلۈك. ئۆسۈشكە ماسلىشالايدىغان تۇپراق دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ، لېكىن تەركىبىدە ئورگانىك ماددىلار مول، pH قىممىتى 6.5 ~ 7 بولغان مىكرو كىسلاتالىق تۇپراقتا ئۆسۈشى ئەڭ ياخشى بۇلىدۇ.

قەلەمچە تىكىش

جۇڭگو قىزىلگۈلى5 ~ 10 ئايلاردا قەلەمچە تىكىش ئېلىپ بېرىلدۇ، قىش پەسلىدە پارنىك ئىچىدە بولىدۇ، لېكىن يامغۇر پەسلىدە ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى. يېرىم ياغاچلاشقان ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئۇزۇنلۇقى 10 سانتىمېتىر، ئاستىنىقى قىسمىدىكى يۇپۇرماقلار كېسىپ تاشلىنىپ، ئۈستۈنكى قىسمىدىكى يۇپۇرماقلار قالىدۇ، كېسىلگەن يۇپۇرماقلىرى تەكشى، بىر قەدەر يۇقىرى ھاۋا نەملىكىدە ئۆستۈرۈلىدۇ، تېمپېراتۇرا ℃18 ~ ℃20 ئەتراپىدا بولغان ئەھۋالدا 20 كۈندىن 25 كۈنگىچە يىلتىز تارتىپ بىخلايدۇ، يىلتىز تارتىش مەزگىلى قىسقا. يىلتىز ئۇزۇنلۇقى 3 ~ 4 سانتېمىتىر بولغاندا تەشتەككە كۆچۈرۈپ ئۆستۈرۈشكىمۇ ماس كېلىدۇ. 

ئۇلاش

 ئۇلاش ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. كۆپىنچە قەلەمچە قىلىپ تىكىش تەس بولغانلىرىنىڭ يىلتىز تارتىشى بىر قەدەر ئاستا بۇلىدۇ. قەلەمچە قىلىپ تىككەن كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى تۆۋەن بولغانلىرىنىڭ قات بەرگلىك سورتلىرىمۇ بار. نوتا ئۇلاش ياكى بىخ ئۇلاشتا، ئۇلاق تۈۋى يەككە گۈل تاجلىق قىلىپ ئۇلانغان كۆچەت مايسىسى شۇ يىللىق شاخ تارتىشقىچە چېچەكلەيدۇ. 

تەشتەك ئالماشتۇرۇپ چاتاش 

جۇڭگو قىزىلگۈلىتەشتەك ئالماشتۇرۇپ بولغاندا ئۈچ ئىشنى قىلىش كېرەك : بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىسنى يېتىشتۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن،بىر قىسىم زىيادە قويۇق چاچما يىلتىزلىرىنى كېسىپ تاشلاش؛ ئۈچىنچىدىن، ئوغۇتنى يېتەرلىك بېرىپ، تەشتەك تۈۋىدىكى قۇملارنى فوسفورلۇق ئوغۇت بىلەن يۇمشىتىش كېرەك. دەرەخ تىپىنىڭ گۈزەلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، غۇنچىلاش مىقدارىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش، جۇڭگو قىزىلگۈلى شاخ ئايرىش، تۈپلىنىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولغان ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قىرقىپ تەكشىلەش، ھەر يىلى باش ئەتىيازدا ئۆينىڭ ئالدى-كەينىگە ئېلىپ چىقىش، ھەر قايسى شاخلىرىنىڭ تۈۋى قىسمىدىكى 3 بىخنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ئۈستۈنكى قىسمىدىكى بارلىق بىخلىرىنى كېسۋىتىش، بىخلىرىنى كېسىۋەتكەندە يېڭى شاخ چىقىرىدۇ، ئۆسۈش ئەھۋالى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ، تۈپ شەكلى كۆركەملىشىدۇ. قىرقىش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن مۇۋاپىق سۇغىرىش، تىزگىنلەش كېرەك. 

ئاسراش ۋە باشقۇرۇش 

جۇڭگو قىزىلگۈلىنىڭ يورۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن گۈلى كىچىكلەپ غۇنچىسى ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ، ھەر كۈنى كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 8 سائەتتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. جۇڭگو قىزىلگۈلىنىڭ ئوغۇتقا بولغان ئېھتىياجى بىر قەدەر چوڭ، ئۆسۈش مەزگىلىدە ۋاقتىدا ئوغۇت تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن جۇڭگو قىزىلگۈلى ئادەتتە 4-ئاي مەزگىلىدە ئۆيدىن چىقىدۇ، بۇ چاغدا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەشتەك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، مۇۋاپىق شەكىل چىقىرىپ قىرقىش، گۈلنىڭ گۈزەل ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۆسۈش مەزگىلىدە سۇ يېتەرلىك بولۇشى كېرەك. سۇ كەمچىل بولسا بولمايدۇ، ھۆلچىلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك، ئادەتتە ھەر كۈنى بىر قېتىم سۇغىرىش لازىم، تومۇز كۈنلىرى ئەتىگەندە، كەچتە بىر قېتىم سۇغىرىش كېرەك. يەر يۈزىگە دائىم سۇ سېپىپ تۇرۇش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق نەملىكنى ئاشۇرۇش، يۇمران يوپۇرماقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ۋە گۈلى بالدۇر چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا سوغۇق چۈشۈشكە باشلىغاندىن كۈندىن كېيىن، پارنىكقا يۆتكەپ ئەكىرىش، مۇقىم تېمپېراتۇرا ℃12 يۇقىرى ھالاتنى ساقلاش، كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن، باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاخىرقى مەزگىلىدە ئوغۇتلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، كۈزلۈك يۇمران نوتىلارنىڭ سوغۇققا قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز، ھاۋا سوغۇق كۈنلىرى ئۈششۈك تېگىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

ئىسسىقلىقنى ساقلاش ۋە سوغوقنىڭ ئالدىنى ئېلىش

جۇڭگو قىزىلگۈلى سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، قىرو چۈشكەندىن كېيىن چوقۇم ئۆي ئىچىگە يۆتكەپ ئەكىرىش لازىم، ئۆي ئىچى ئىسسىق بولۇشى كېرەك. قىشلىق تېمپېراتۇرا ℃5 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، ئۈششۈك ئاپىتىدىن ساقلىنىش لازىم؛ ھاۋا سوغۇقراق بولغان ۋاقىتلاردا قەغەز ياكى سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ ئىسسىقلىقنى ساقلاش كېرەك. جۇڭگو قىزىلگۈلىنى  ئۆي ئىچىگە يۆتكەپ ئەكىرگەن ۋاقىتتا ھەر كۈنى دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك، توپا يۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنىي ئېلىش، نەملىك ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، مۇۋاپىق سۇغىرىش لازىم. سوغۇق كۈنلەردە ئۈششۈك ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوغۇتلاشنى توختىتىش كېرەك. 

كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش

يوپۇرماق داغ كېسىلى؛ 

غول چىرىش كېسىلى؛ 

يىلتىز تۈگۈنچىكىنىڭ يىپچىقۇرت كېسىلى؛ 

جۇڭگو قىزىلگۈلىجۇڭگو قىزىلگۈلى گۈزەل بولغان بىر مەنزىرە، گۈلى چوڭ، رەڭگى ئوچۇق، چېچەكلەش مەزگىلى ئۇزۇن، قىزىل رەڭدىن باشقا، يەنە ھال رەڭ، كاۋا چېچىكى سېرىق، سېرىق، قىزىل ۋە ئاق قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تۈرلىرى بولىدۇ؛ يەككە گۈل بەرگىلىكىدىن باشقا يەنە قات بەرگلىك سورتلىرىمۇ بار. جۇڭگو قىزىلگۈلى بىزەك قىلىشقا، تەشتەكتە ئۆستۈرۈشكە، مېھمانخانا، يىغىن زالى ۋە ئائىلە قاتارلىق ئورۇنلارغا قۇيۇپ قۇيۇشقا بۇلىدىغان ئەڭ ياخشى گۈل-گىياھلارنىڭ بىرى. ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ، يۇپۇرمىقى ۋە گۈلىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ، قىزىتما ۋە زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار. جۇڭگو قىزىلگۈلى جەنۇبتا كۆپ تىكىلدۇ، كۆپىنچە يول بويلىرى ۋە تام ئارقىسىغا تىكىلدۇ، چوڭ ھەم قىزىل چېچەكلەيدۇ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ۋە شىمالىي جۇڭگو رايونلىرىدا دائىم تەشتەكتە زىننەت گۈلى قىلىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

بالكون ياكى كىچىك ھويلا-ئاراملارغا تىكىپ قۇيۇلىدۇ، يورۇقلۇق يېتەرلىك شارائىتتا ياخشى ئۆسىدۇ، تاماشا قىلىشقا بۇلىدۇ، ياز ھەم كۈز پەسلىدە ئاممىۋى سورۇنلاردا قۇيۇپ قۇيۇشقىمۇ بۇلىدۇ، بۇيەردە قۇيۇپ قۇيۇلغان گۈللەر ئاساسلىقى گۈل تەشتىكىدە ئۆستۈرۈلگەن بۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#