چېچەك بايرىمى

ھەر يىلى مارت ئېيىى تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيەسى شىنجاڭدىكى باھارنى كۈتۈۋالىدىغان «بىرىنچى بېكەت» ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدا باھارنى تۇنجى بولۇپ كۈتۈۋالىدىغان توقسۇن ئۆرۈك چېچىكى پەسلى يېتىپ كېلىدۇ.

ئاتىلىشى توقسۇن چېچەك بايرىمى
ئورنى تۇرپان توقسۇن
ۋاقتى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 托克逊杏花节

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توقسۇن ناھىيەسى تەڭرىتېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ گىرەلەشكەن جايغا تەۋە، توقسۇن ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 160 كىلومېتىر بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مەشھۇر ئۆتەڭدۇر. يېقىندىن بېرى، توقسۇن ناھىيەسى بۇ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، «جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ بالدۇر پىشار ئۆرۈكلۈك باغ» دىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ ئېكولوگىيەلىك رايون داڭلىق ماركىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرماقتا.

چېچەك بايرىمىھەر يىلى مارت ئېيىدا شىمالىي شىنجاڭدا ئەتىيازنىڭ سوغۇقى يەنىلا خېلىلا قاتتىق بولىدۇ، ئەمما تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيەسى دە قۇياش پارلاپ چىقىدۇ، ھاۋا ئىللىيدۇ، بۇ تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى باھارنى ئەڭ بۇرۇن كۈتۈۋالىدىغان جاي بولۇپ، شىنجاڭدىكى باھارنى كۈتۈۋالىدىغان «بىرىنچى بېكەت» ھېسابلىنىدۇ.

2013-يىلى توقسۇن ناھىيەسى تۇنجى نۆۋەتلىك «توقسۇن ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى»، «ئۆرۈك ئۈزۈش بايرىمى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، توقسۇن ناھىيەسى ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ قوشقان ھەم ساياھەت مەدەنىيەت كەسپىي زەنجىرىنى ئۇزارتقان ئىدى، بۇنىڭ بىلەن شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىمۇ ئاشقان ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆرۈك چېچىكى پەسلى پائالىيىتى تۆت نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان توقسۇن ئۆرۈك چېچىكى پەسلى پائالىيىتى ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى بىر گۈزەل ئىسىم كارتىسىغا ئايلانماقتا.

چېچەك بايرىمىتوقسۇن ناھىيەسى دە جەمئىي 40 مىڭ مو كۆلەملىك ئۆرۈكلۈك باغ بەرپا قىلىنغان بولۇپ، شا يېزىسىنىڭ ئۆرۈكلۈك باغ كۆلىمى 18 مىڭ موغا، نەخۇل كەنتىنىڭ 4000 موغا يەتتى. 2016-يىللىق 4-نۆۋەتلىك توقسۇن ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنىدە جايلاردىن كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 141 مىڭ ئادەم (قېتىم) گە، ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈندە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 246 مىڭ 300 ئادەم (قېتىم) گە، مېھمانخانىدا تۇرۇش نىسبىتى %100كە يېتىپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، توقسۇن ناھىيەسى 2016 ـ يىلى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 413 مىڭ ئادەم (قېتىم) گە، ساياھەت كىرىمى 55 مىليون 60 مىڭ يۈەنگە يەتتى، توقسۇن ناھىيەسى تەدرىجىي ھالدا ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنىڭ ئىستىراھەت ساياھىتىدىكى تۇنجى بېكىتىگە ئايلاندى. نۆۋەتتە، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا يېزىسى، نەخۇل كەنتىدىلا ئۆرۈك تاماشاسى ئېلىپ بېرىلماستىن، يەنە غولبويى يېزىسى، كۆجەي بازىرى قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۆرۈك تاماشاسى ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان.

2017-يىلى توقسۇن ناھىيەسى ساياھەت مەدەنىيەت كەسپىنىڭ «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ»، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئاققول دەرياسى-نەخۇل كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئالۋاستى شەھىرى، غەلىتە تاش جىلغىسى، قزىل دەريا جىلغىسى قاتارلىق سەرخىل مەنزىرە رايونلىرىنى بەرپا قىلىدۇ. شا يېزىسى، بوستان يېزىسى، ئىلانلىق بازىرى، كۆجەي بازىرى دا ئۆزگىچە ساياھەت يېزىسى (كەنتى) بەرپا قىلىدۇ، مەنزىرە رايونلىرىدا ھەقسىز سىمسىز تور بىلەن قاپلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى.

چېچەك بايرىمىھەر يىلى ئۆرۈك چېچىكى پەسلى پائالىيىتى جەريانىدا ساياھەتچىلەر بىپايان چېچەك دېڭىزىنى تاماشا قىلىپلا قالماي، يەنە يەرلىكتىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەردىن، ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇر ئالىدۇ، «مىڭ كىشىلىك مەشرەپ»، «ناغرا»، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئات بەيگىسى، ئۆرۈك چېچىكى ئوبراز ئەلچىلىرىنىڭ سەنئەت ماھارىتى، «گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈش، سېھىرلىك توقسۇن» خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى، نان يېقىپ مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىپ بېقىش، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھلىرىدا مېھمان بولۇش، مەزىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىش، پارنىكتا مېۋە ئۈزۈش، ئالاھىدە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، كەشتە بۇيۇملىرى، غەلىتە تاشلاردىن ھۇزۇرلىنىش... قاتارلىق نۇرغۇن مول مەزمۇنلۇق، ئۆزگىچە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    66.7%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#