خانئېرىق بازىرى

خانئېرىق بازىرى

خانئېرىق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 42 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى خانئېرىق بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 77.8 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نومۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 罕南力克镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى
نوپۇسى 28 مىڭ (2013-يىلى)
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خانئېرىق بازىرىخانئېرىق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 42 كىلومېتىر. 310 ئۆلكە يولى  پۈتۈن بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق. پۈتۈن بازاردىكى كۆلىمى بولسا، تۇپراق 77.8 كۇۋادىرات، يەر كۆلىمى 54 مىڭ مو، تېرىلغۇ يەر 38 مىڭ مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلدىغان يەر 1.4 مو، شەھەرگە قاراشلىق 22 كەنت ۋە 1 دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى بار. بازار بويىچە جەمئىي 5823 ئائىلە، 28306 ئادەم بار. 2013-يىلى پۈتۈن بازاردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 308 مىليون 150 مىڭ يۈەن.

ئاساسلىق چىقىدىغان مەھسۇلاتلىرىدىن: ئۈزۈم، چىلان، قوغۇن، تاۋۇز، كۈزلۈك يېسىۋېلەك قاتارلىقلار بار بۇلۇپ، پۈتۈن بازاردا ھازىر 10 مىڭ مو ئۈزۈم، 6 مىڭ مو چىلان، قۇرۇلغان ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى 300 مو، قوغۇن-تاۋۇز مەشھۇر تاۋار ماركىسى «خانئېرىق» ماركىسىنى ياراتقان، 7000 مو يېسىۋېلەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بار.

خانئېرىق بازىرى قەدىمكى زاماندا مۇھىم شەھەر، تارىخى ئۇزۇن 300 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى بۇلۇپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتە بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلغان. 2013-يىللىق پۈتۈن بازاردىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5407 يۈەن. خانئېرىق بازىرى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ %99 ئاھالىسى ئۇيغۇرلار.

خانئېرىق بازىرىخانئېرىق بازىرىنىڭ قارىمىقىدا 22 كەنت، بىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى بار. ئۇلار: بورىچى كەنتى، مىڭلىق كەنتى، قامچىۋاپ كەنتى، نوغۇت كەنتى، يۇقارقى پايناپ كەنتى، ئۈچقارا كەنتى، شەرەك كەنتى، چوڭ پايناپ كەنتى، شەيىخلە كەنتى، ماجا كەنتى، بوياقچىغىل كەنتى، تاۋاقچى كەنتى، كۆنچى مەھەللىسى كەنتى، يېڭىتام كەنتى، قارا پولات كەنتى، چاقا كەنتى، تاكان كەنتى، مىڭلىقھويلا كەنتى، مالچى كەنتى، ئوقادا كەنتى، دايەك كەنتى، يۇقىرى پىلال كەنتى (جەمئىي 22 كەنت)، بىر ئورمانچىلىق مەيدانى، 15 پونكىت، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 9 باشلانغۇچ مەكتەپ، 6 قوش تىل يەسلى، 110 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار.

يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى

ئاساسلىق زىرائەتلەردىن بۇغداي ۋە كۆممىقوناق.

خانئېرىق بازىرىخانئېرىق بازىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقى مول، ياخشى تەبئىي مۇھىتى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەۋزەل تەبىئىيي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «ئۈزۈم بازىرى»، «قوغۇن ماكانى» دېگەن نامى بار. مەشھۇر قوغۇن-تاۋۇز «خانئېرىق» ماركىسى بار.

چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

خانئېرىق بازىرى ئاممىسىنىڭ چارۋىچىلىقى ئاساسلىقى قوي بېقىشنى ئاساس قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئېشەك، تۆگە، ئاتلارنىڭ ھەممىسى ئېتىزلىقتا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 2013-يىلىدىن بۇيان، بۇ بازار بازارنىڭ دائىرىسى ئىچىدە قوتاندا بېقىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 2013-يىلى قۇرۇلۇش ئۆلچىمى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش 145 باقمىچى ئائىلە، قوتاندا بېقىش بازىسى كۆلىمى پەيدىنپەي كېڭەيگەن.

خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى

خانئېرىق بازىرىيېقىندىن بېرى خانئېرىق بازىرى، شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ سىنىقى، پارتكوم شۇجىسىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا خەلقنى بېيىتىش ئەمىن تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، 2013-يىلى بازار بويىچە خەلقنى بېيىتىش ئەمىن تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى جەمئىي 280 ئائىلىگە، 2014-يىلى بۇ بازار خەلقنى بېيىتىش ئەمىن تاپقۇزۇش قۇرۇلۇش پىلانىنى 850 ئائىلىگە يەتكەن. 

خانئېرىق بازىرىئاساسلىق چىقىدىغان مەھسۇلاتلاردىن: ئۈزۈم، چىلان، قوغۇن، تاۋۇز، يېسىۋېلەك، پۈتۈن بازاردا 10 مىڭ مو ئۈزۈم، 6 مىڭ مو چىلان، قۇرۇلۇش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى 300 موبار ، قوغۇن-تاۋۇز مەشھۇر «خانئېرىق» ماركىلىق تاۋار ماركىسى بار. ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەرگە ھەر خىل مېۋە-چېۋىلەر سېتىلىدۇ. 2012-يىلىدىن باشلاپ، بۇ بازار كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، 2014-يىلى بۇ بازار پىلان تېرىقچىلىقى بويىچە  7000 مو يېسۋىلەك، بۇنىڭ ئىچىدە 5000 مو زاكازلىق سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

قاتناش قولايلىقى 

تارىختىن بۇيان خانئېرىق بازىرى چوڭ يول تۈگۈنى، 300 نەچچە يىلدىن بۇيان خانئېرىق بازىرى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە قاتناش قولايلىقى جەنۇبىي شىنجاڭ ئىككىنچى، «چوڭ بازار» سودا ئورنىنى يېتىشتۈرۈپ، ھازىرغىچە يېقىن رايونلارنىڭ دېھقانچىلىق ۋە سودا-سېتىقتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. 310-ئۆلكە يولى پۈتۈن بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. غەربتە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى 45 كىلومېتىر، قەشقەر شەھىرى 52 كىلومېتىر، 1 سائەتكە يەتمىگەن مۇساپە بۇلۇپ، شەرقتە يوپۇغا ناھىيەسى 38 كىلومېتىر، يۈرۈش ۋاقتى 40 مىنۇت ئەتراپىدا بۇلۇپ، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق.

مۇھىت ئەۋزەللىكى 

خانئېرىق بازىرى قەدىمدىن تارتىپ مۇراسىملارغا ھۆرمەت قىلىدۇ. سودىنى قوغداش، ھۆرمەتلەش، سەمىمىي كەيپىياتى   قويۇق. ھەر قايسى كەنتلەرنىڭ ھەممىسى كۆچمە خەۋەرلىشىش ئورنىتىلغان ئاساسىي پونكىتى ۋە ئالاقە قولايلاشقان. يېرى مۇنبەت، قەدىمدىن تارتىپ قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆكتاتچىلىق بازارلىرىنىڭ بىرى. مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان بۇلۇپ، بازار بويىچە 80 ياشتىن ئاشقانلار 114 ئادەم (2013-يىلى).[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#