- ناۋئابات تاجىك يېزىسى ()
- ناۋئابات تاجىك يېزىسى ()
ناۋئابات تاجىك يېزىسى
ناۋئابات تاجىك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ گۇما ناھىيەسى گە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ناۋئابات تاجىك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ گۇما ناھىيەسى گە جايلاشقان. قارىمىقىدا ئۈچ كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بولۇپ، كەڭەز كەنتى، ئاقشور كەنتى، بۇچۇڭ كەنتى قاتارلىقلار. شىمال تەرىپى ناۋئابات تاجىك يېزىسى بىلەن قوشتاغ يېزىسى، جەنۇبىي تەرىپى پاكىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربتە قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ قاغىلىق ناھىيەسى، شەرقتە كەڭقىر قىرغىز يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكە ئوتتۇرىچە كەڭلىكى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 200 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 6000 كۋادىرات كىلومېتىر.
بۇ يېزىدا كىچىك سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى بار. چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىقى قوي، كالا، تۆگە، ئات، ئېشەك، قوتاز قاتارلىقلارنى باقىدۇ. جىگدە، تاغ سۆگىتى، ياۋا ئالما قاتارلىقلار بار. ۋىلايەت تەۋەسىدە ياۋايى ھايۋانلاردىن بۆرە، تۈلكە، ئۇلار، چاتقال كەكلىكى، تاغ بۈركۈتى قاتارلىقلار بار. دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن قانتېپەر، سانا قاتارلىقلارمۇ بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.