ئۇرۇقدان يىگىلەش

ئۇرۇقدان يىگىلەش

ياشانغانلىقتىن ياكى كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش سەۋەبىدىن بەدەندىكى جىنسىي ھورمۇنلار قالايمىقانلىشىپ ئۇرۇقدانغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، ئۇرۇقدان يىگىلەپ نورمالنى ھەجىمى كىچىكلەش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى ئۇرۇقدان يىگىلەش
تەۋە بۆلۈم ئەرلەر بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 阴囊萎缩
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇرۇقدان يىگىلەش1. سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغىغا قارىتا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىغاندا توقۇلمىلار كۆپلەپ زەخىملىنىپ تەدرىجىي ئۇرۇقدان يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ياشىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ياشانغان كىشىلەردە پۈتۈن بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش سۇسلىشىش بىلەن بىرگە، بەدەندىكى جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى قالايمىقانلىشىپ، نەتىجىدە ئۇرۇقدان يىگىلەش كېلىپ چىقىدۇ.

3. ناچار ئادەتلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ياكى ئۇزۇن مۇددەت جەلەق ئادىتى بىلەن شۇغۇللىنىش سەۋەبىدىن ئۇرۇقدان زىيادە كۈچىنىپ ئىشلەپ، ئۇرۇقدان ھۈجەيرىلىرى زەخىملىنىش بىلەن بىرگە ئۇرۇقدان خىزمىتى چېكىنىپ تەدرىجىي يىگلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. بەل ئومۇرتقىسى ئۆسۈپ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بەل ئومۇرتقىسى ئۆسۈپ، ئۇرۇقدان نېرۋىلىرىنى بېسىۋېلىش سەۋەبىدىن ئۇرۇقدان يىگلەش كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇرۇقدان يىگىلەشبىر تەرەپتىكى ئۇرۇقدان ياكى ھەر ئىككى تەرەپتىكى ئۇرۇقدان ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى نورمالنى ھەجىمىدىن كىچىكلەيدۇ، جىنسىي ئىقتىدار تۆۋەنلەيدۇ، بىمار ماغدۇرسىزلىنىپ، چىرايى تاتىرىدۇ، كۆزلىرىنى ئولتۇرۇشىدۇ، روھىي ھالىتى تۆۋەن بولىدۇ، ئۇرۇقدان خالتىسى سوغۇق بولۇپ، دائىم سوغۇق تەرلەيدۇ.

تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر تەرەپتىكى ياكى ھەر ئىككى تەرەپتىكى ئۇرۇقداننىڭ ئەسلىدىكى نورمالنى ھالىتىدىن كىچىكلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

2. بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۇرۇقدان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇرۇقدان يىگىلەشبۆرەك ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۇرۇقداننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە: تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

سەۋزە مۇرابباسى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن، شاقاقۇل مۇرابباسى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن، داۋائى تەرەنجىبىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن، مەجۇنى سۆئلەپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، لۇبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، جاۋارىش زەر ئۇنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، ھالۋائى بىيزە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

سەۋزە 1.5 كىلوگرام، پاقلان گۆشى بىر كىلوگرام، كەكلىك گۆشى ئىككى دانە، باچكا گۆشى ئىككى دانە، پاختەك گۆشى بەش دانە، قارا خوراز گۆشى بىر دانە، قارا توخۇ تۇخۇمى 30دانە، سەۋزە ئۇرۇقى 200گرام، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، بۇقا چۈيىسى، بۇغا مۈڭگۈزى 100گرامدىن، لاچىندانە 50گرام، دارچىن، قەلەمپۇر 70گرامدىن، تۇرۇنجى 30گرام، ئۈزۈم سۈيى ئالتە كىلوگرام، قۇرۇق دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، خالتىغا سېلىپ، ئۈزۈم سۈيىگە تاشلاپ قاينىتىلىدۇ. گۆشلەرنى سۆڭىكىدىن ئايرىلغۇچە قاينىتىپ، سۆڭەكلىرىدىن ئاجراپ بولغاندىن كېيىن يەنە كۈچلۈك ئوت بىلەن بىر سائەت قاينىتىلىدۇ. ئۈزۈم سۈيىدىكى خالتىنى سىقىپ سۈزۈۋېتىپ، گۆشلەرنىڭ كۆپۈكلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، سەۋزە ئۈستىگە قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ئۈچ كىلوگرام ھەسەل، 50گرام زەپەرنى سېلىپ، قىيام قىلىپ ھالۋا تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قۇۋۋەتلىك، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

3. كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن، جەلەق قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، نەشە، تاماكا چېكىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا جىنسىيەت تەربىيىسىنى ئىگىلەش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=866

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#