پۇل

ھازىر دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا پۇلى بار. قايسى دۆلەتنىڭ پۇلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئورتاق بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە، يەنى، بارلىق تاۋارلار بىلەن ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلىدۇ، تاۋار ئالماشتۇرۇشتا ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ. پۇل بولمىسا، تاۋارلار نورمال ئوبوروت قىلىنالمايدۇ

ئۇيغۇرچە نامى پۇل
چەتئەلچە نامى money
خەنزۇچە نامى 钱،货币

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پۇلئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تاۋار ئالماشتۇرۇش − بىۋاسىتە مالغا مال ئالماشتۇرۇش، يەنى ئۆزىنىڭ تاۋىرىنى بىۋاسىتە باشقا تاۋارلارغا ئالماشتۇرۇش ئىدى. لېكىن، تاۋارلارنىڭ سانى ۋە تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە، دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بىۋاسىتە مال ئالماشتۇرۇش قىيىن بولۇپ قالدى. كېيىن، ئالماشتۇرۇش تەرەققىي قىلىپ نۇرغۇن تاۋارلار ئىچىدىن تەدرىجىي ھالدا بىر خىل تاۋار ئايرىلىپ چىقتى، كۆپچىلىك ئاۋۋال ئۇنىڭغا تاۋار ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن شۇ ئارقىلىق يەنە ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق باشقا تاۋارلارنى ئالماشتۇرۇۋېلىشنى ماقۇل كۆردى. بۇ خىل ئالاھىدە تاۋار − ئادەتتىكى تەك قىممەتلىك بۇيۇم دېيىلەتتى. تارىختا چارۋا مال، تېرە، تۇز، قۇلۇلە قېپى، مىس، تۆمۈر قاتارلىقلار ئادەتتىكى تەڭ قىممەتلىك بۇيۇم قىلىنغانىدى. مانا بۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى پۇل ئىدى. كېيىنكى ئۇزاق مەزگىللەرگىچە ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللاردىن ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىپ كەلدى. كېيىنچە مېتال پۇل ھازىر ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان قەغەز پۇلغا تەرەققىي قىلدى.

ھازىر دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا پۇلى بار. قايسى دۆلەتنىڭ پۇلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئورتاق بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە، يەنى، بارلىق تاۋارلار بىلەن ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلىدۇ، تاۋار ئالماشتۇرۇشتا ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ. پۇل بولمىسا، تاۋارلار نورمال ئوبوروت قىلىنالمايدۇ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىمۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا، پۇلنى خۇددى ئادەم بەدىنىدىكى قانغا ئوخشاتقىلى بولىدۇ، پۇلنىڭ ئايلىنىشى توختاپ قالسا، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. 

قەغەز پۇلپۇلنى ھەرقانداق تاۋار بىلەن ئالماشتۇرغىلى بولغاچقا، كىشىلەر پۇلنى قولغا كىرگۈزەلىسىلا بەلگىلىك ئىجتىمائىي بايلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. نۆۋەتتە ئوبوروت قىلىنىۋاتقان پۇل قەغەز پۇل بولۇپ، ئۇنى بانكا ئالاھىدە قەغەزگە بېسىپ چىقىرىدۇ. بىراق ئىجتىمائىي بايلىق ھەرگىزمۇ قەغەز پۇلنىڭ بېسىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارمايدۇ. چۈنكى، بىر دۆلەتنىڭ ماددىي بايلىقى ئەمگەكچىلەر ئىشلەپچىقارغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلاردىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، قەغەز پۇل پەقەت بايلىقنىڭ سىمۋولىلا، خالاس.قانچىلىك قەغەز پۇل تارقىتىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىجتىمائىي بايلىق مىقدارى ئۆزگەرمەيدۇ، پەقەتلا تارقىتىلىدىغان قەغەز پۇل مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، بىرلىك پۇل ۋەكىللىك قىلىدىغان بايلىق شۇنچە ئاز بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى چوقۇم تاۋار ئوبوروتىغا ئېھتىياجلىق مىقدار بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك، زىيادە كۆپ ياكى زىيادە ئاز بولۇش ئىقتىسادنىڭ نورمال راۋاجلىنىشىغا پايدىسىز.






ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#