جۇڭگودىكى قۇملۇقلار
ئېلىمىز قۇملۇق بىر قەدەر كۆپ دۆلەت بولۇپ، قۇملۇق كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دۆلەت زېمىنىنىڭ تەخمىنەن %13 ىنى ئىگىلەيدۇ.
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئېلىمىز قۇملۇق بىر قەدەر كۆپ دۆلەت بولۇپ، قۇملۇق كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دۆلەت زېمىنىنىڭ تەخمىنەن %13 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆلىمى چوڭراق قۇملۇقلار تۆۋەندىكىچە:
تەكلىماكان قۇملۇقى
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 337 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى رۇب خالى قۇملۇقى (650 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر) دىن قالسىلا دۇنيادىكى 2 – چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. قۇم بارخانىلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىزى 200 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ يەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 50 – 25مىللىمېتىر، بەزى جايلىرىنىڭ ئون مىللىمېتىر بولۇپ، ئۆسۈملۈك ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون، دەپ قارىلىدۇ.
بادان جارىن قۇملۇقى
بادان جارىن قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 44 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئالشا ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. ‹‹بادان جارىن›› بۇرۇن ‹‹بادان جارىنگ›› دەپ ئاتالغان، موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ئېنىق ئەمەس. بادان جارىن قۇملۇقىنىڭ قۇم بارخانلىرى كۆچمە بارخان بولۇپ، ئادەتتە ئېگىزلىكى 300 – 200 مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىزلىرى 500 مېتىر ئەتراپىدا، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە قۇم بارخىنى ھېسابلىنىدۇ.
قۇمتاغ قۇملۇقى
قۇمتاغ قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 22 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمى، لوپنۇرنىڭ جەنۇبىي، ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹‹قۇمتاغ›› ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ‹‹قۇملۇق تاغ›› دېگەن مەنىدە. كۆپى كۆچمە بارخان بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن قوشۇلۇش يۆنىلىشىدە غەربىي جەنۇبقا تېزلىكتە كۆچمەكتە.
ئۇلانبۇخ قۇملۇقى
ئۇلانبۇخ قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 9900 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئالشا ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدا. ‹‹ئۇلانبۇخ›› موڭغۇل تىلىدا قىزىل بۇقا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، قۇملۇق بۇزۇش كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كۆچمە بارخاننى ئاساس قىلغان. ئېگىزلىكى 30 – 10مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىزلىرى 100 – 50 مېتىرغىچە كېلىدۇ.
خۇنشەنداك قۇملۇقى
خۇنشەنداك قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 21 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ جەنۇبىدا. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ‹‹يىخايالۇ قۇملۇقى›› دەپ ئاتالغان، چوڭ قارىياغاچقا ئاساسەن بۇ نام قويۇلغان. بۇ قۇملۇق تۇرغۇن، يېرىم تۇرغۇن بارخاننى ئاساس قىلىدۇ، جەنۇبىدىكى دولۇن ناھىيەسىدىكى قۇمنىڭ كۆچۈشى تېزرەك، شۇڭا ‹‹كىچىك تىنگىل قۇملۇقى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
خۇلۆنبۇير قۇملۇقى
خۇلۆنبۇير قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 7200 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بەزىدە قۇملۇق، بەزىدە قۇم يەر دېيىلىدۇ. ئالىملار قۇرغاق رايوندىكى قۇم دۆۋىلىرىنى قۇملۇق، يېرىم قۇرغاق رايوندىكى قۇم دۆۋىلىرىنى قۇم يەر، دەپ ئاتىغان. شۇڭا قۇملۇق ۋە قۇم يەرنىڭ ئايرىلىشىغا قاراپ قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق رايوننى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شىنخۇا تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.