بالغۇنتاي بازىرى

بالغۇنتاي بازىرى

بالغۇنتاي بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى نىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون بۇلۇپ، شەرقىي توقسۇن ناھىيەسى، غەربتە غۇلجا شەھىرى، جەنۇبتا خېجىڭ ناھىيە بازىرى، شىمالىي تەرىپى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن قوشنا. ناھىيە بازىرىدىن بالغۇنتاي بازىرىغىچە بولغان تاشيول مۇساپىسى 62 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 3020 كۋادرات كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى بالغۇنتاي بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 3020 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئىللىق چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巴仑台镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى
نوپۇسى 5381 ئادەم
ئورمان كۆلىمى 123 مىڭ 600 مو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالغۇنتاي بازىرىبالغۇنتاي بازىرى خېجىڭ ناھىيەسى نىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون بۇلۇپ، 1988-يىلى ئاپتونۇم رايوننىڭ تەستىقى بىلەن يېزا رايونى بالغۇنتاي بازىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ بازار قۇرۇلغان. بازار ئىچىدە 20 نەچچە ئورۇن، 5 بازار تۇرۇشلۇق قىسىم، قارىمىقىدا ئالتە مەمۇرىي كەنت، بىر مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتى بار. بازار بويىچە نوپۇسى 2116 ئائىلە، 5381 ئادەم (يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 810 ئائىلە، 2492 ئادەم)، ئاساسلىق ئاھالىسى موڭغۇل، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق بەش مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل مىللىتى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %75 تىن يۇقىرى.

ئورنى

بالغۇنتاي بازىرىخېجىڭ ناھىيەسى بالغۇنتاي بازىرى، ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق بازار، ناھىيە بازىرىدىن 62 كىلومېتىر، شەرقتە توقسۇن ناھىيەسى، غەربتە غۇلجا شەھىرى، جەنۇبىي خېجىڭ ناھىيە بازىرى، شىمالىي تەرىپى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن قوشنا. جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 100 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئەڭ كەڭلىكى 80 كىلومېتىر، مەمۇرىي ئومۇمىي كۆلىمى 3020 كۋادرات كىلومېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ئورمان كۆلىمى 123 مىڭ 600 مو، تەبىئىي يايلاق كۆلىمى 3 مىليون 200 مىڭ مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2200 مو، خېجىڭ ناھىيەسى نىڭ ئاساسلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

يېزا-بازار كىلىماتى 

بالغۇنتاي بازىرىبالغۇنتاي بازىرى تېڭگېر چوققىسى جەنۇبدا بۇلۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500-3000 مېتىر، بازار كىلماتى ئىللىق چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا تەۋە، دېڭىز يۈزىدىن بىر قەدەر ئېگىز، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ھاۋا كىلىماتى ئالاھىدىلىكى قىش پەسىلىدە سوغۇق ئۇزاق داۋاملىشىدۇ، باھار پەسلىدىكى مۇزنىڭ ئېرىشى ئاستا، شامال كۆپ، ياز ۋە كۈزدە ھاۋا سالقىن، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃5.7، قىروسىز مەزگىلى 131 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 111-289 مىللىمېتىر، ھۆل-يېغىن ئاساسلىقى 6-، 7-، 8-ئايلارغا  مەركەزلەشكەن. پەسىللىك تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، ناھىيەدە سۇ بايلىقى مول، يىللىق سىرغىم مىقدارى 2.57 يۈز مىليون كۇب مېتىر، كۆلىمى 5768 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

تەبىئىي بايلىقى 

بالغۇنتاي بازىرى تەبىئىي بايلىقى ئىنتايىن مول، ياۋايى ھايۋانات، ياۋا ئۆسۈملۈك تۈرى كۆپ بولۇپ، ھازىر بايقىغان: قار لەيلىسى، تەڭرىتاغ سوغىگۈلى، ئېفېدرا، چۈچۈكبۇيا قاتارلىق ياۋا دورىلىق ئۆسۈملۈك ۋە قىرغاۋۇل، موڭغۇل جەرىنى، بۇغا-مارال، ئېيىق قاتارلىق دۆلەتلىك 2-، 3-خىلدىكى قوغدىلىدىغان ھايۋانلار. قېزىلما بايلىقلاردىن تۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنىك، دولومىت تېشى، مەرمەر، مەرمەر تېشى قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. 

چارۋىچىلىقى 

بالغۇنتاي بازىرىبازار ئىقتىساد ئاساسلىق تەرەققىياتى قوتاز، تىۋىت ئۆچكىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلۇپ، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. 2007-يىلى بازار بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2463 يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3406 يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى پۈتۈن بازاردىكى ھەر خىل تۇياق چارۋا سانى 92957 تۇياق (دانە). بالغۇنتاي بازىرى چارۋا قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ تاغلىق رايونلاردا تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تىۋىت ئۆچكىسى ۋە قوتاز بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نەسلىنى ياخشىلاش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قوتاز بازىسى ۋە تىۋىتلىق ئۆچكە بازىسى قۇرۇلۇشى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان. 

تېرىقچىلىقى 

تېرىقچىلىق جەھەتتە، پۈتۈن بازارنىڭ چەكلىك بولغان تېرىلغۇ يېرىگە ياڭيۇ، يېسىۋېلەك، سەۋزە قاتارلىق ئۆزگىچە بولغان مۇھىت ئاسرايدىغان، زىيانسىز كۆكتاتلارنى تېرىغان بولغاچقا سۈپىتى جەھەتتە ئۆزگىچە داڭ چىقارغان ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. 

سۇچىلىق قۇرۇلۇشى

سۇچىلىق قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئۇلاستاي كەنتى، بالغۇنتاي كەنتى، شاغل ئاندىن كەنتى بىخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان بۇلۇپ، ئاھالىلەر تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىدىغان بولغان. 2005-يىلى بۇ كىچىك بازار ئاپتونوم ئوبلاستى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى پىلانى ماقۇللانغان. 

2-، 3-كەسپى 

بالغۇنتاي بازىرىبازار رايون سودىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، 2-، 3-كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندغان، تەۋەلىكىدىكى ھازىر بار بولغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ 90 دىن ئارتۇق بولۇپ، 500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. بازار ئىچىدە پوچتا پونكىتى بىر، جۇڭگو تېلېگراف، كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە شۆبە ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلغان، بازار رايونى تېلېگراف، تۈمۈر يول ئالاقىسى، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىقلاردىن ئالتە كەنتى ئىچىدىكى بەش كەنت مۇقىم تېلېفون ۋە كۆچمە تېلېفون ئورناتقان.

بالغۇنتاي بازىرى جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ قاتناش تۈگۈنى بۇلۇپ، دۆلەت يولى 218-، 216-لىنىيەسى شىمالىي، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى پۈتۈن بازاردا بۇلۇپ، قاتناش ئىنتايىن قۇلايلىق.

بالغۇنتاي بازىرىبازار بويىچە 2-باشلانغۇچ مەكتەپ، بازار رايونى بالغۇنتاي بازىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئاساسلىق مەسئۇل ئورۇنلار ۋە ھەر قايسى كەنت يېزا ئىگىلىك ئاھالە ئىچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر بالىلار توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بار. مەكتەپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 سىنىپ، ئوقۇغۇچىسى 30 ئادەم، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 35 ئادەم. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 23 مىڭ كۋادرات مېتىر، مەكتەپتە سىنىپ، ئىشخانا قاتارلىق ئوقۇتۇش ئۆيلىرى قۇرۇلغان. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇسى 1280 كۋادىرات مېتىر، تۇراقلىق مۈلكى 1 مىليون 260 مىڭ يۈەن. موڭغۇل مىللىتى ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن بىر، مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 118 مىڭ كۋادرات مېتىر. دوختۇرخانىدىن ئىككى، بالغۇنتاي بازىرىدىكى دوختۇرخانا ۋە موڭغۇلىيە دوختۇرخانىسى، بۇنىڭ ئىچىدە بالغۇنتاي بازىرى ئەسلىي ۋە پولات دوختۇرخانا ۋە بالغۇنتاي بازىرى شىپاخانا بولۇپ، ھازىرقى 46 ئادەم بار،  ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق B ئاپپاراتى، X نۇر ئاپپاراتى، ئېلېتىروكاردىئوگراف قاتارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بار. بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتى بىر، 6 كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيى، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئوپتىك كابېل ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلغان. 

بالغۇنتاي بازىرى مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى گەۋدىلىك بولغان ئوبلاستلىق مەدەنىي يېزا-بازار، ئوبلاست ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىرى، بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيەلىك قايتا تەكشۈرۈش لاياقەتلىك ئورۇن بولغان. بازار بويىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇندىن ئۈچى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي كەنتتىن بىر. پۈتۈن بازار ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقنى، جەمئىيەت ئامانلىقى ياخشى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#