رىف مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى

 بۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ماراكەشنىڭ رىف رايونىدىكى خەلقنىڭ فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ھەققانىي ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

نامى رىف مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 里夫人民族解放战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 فرانسىيە 1912-يىلى 3-ئايدا ماراكەشنى فېس شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، بۇ دۆلەتنى ئۆزىنىڭ ھىمايىسىدىكى دۆلەت قىلىۋالدى. 11-ئايدا فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە مادرىت شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، ماراكەشنىڭ شىمالىي قىسىمىنى، غەربىي جەنۇبىي قىسىمىنى ۋە ئېف رايونىنى ئىسپانىيەنىڭ ھىمايىسىدىكى رايون قىلىپ ئايرىشتى، كېيىن تەنجەمۇ ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە تەرىپىدىن خەلقئارا ئورتاق باشقۇرۇش رايونى قىلىپ ئايرىلدى. دېمەك بىر پۈتۈن ماراكەش ئۈچ بۆلەك قىلىپ پارچىلىۋېتىلدى. گەرچە فرانسىيە، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى ماراكەشنىڭ دېڭىز بويىدىكى تۈزلەڭلىكنى ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، بۇ مۇستەملىكچىلەرنىڭ ئىبلىس قولى يەتمىگەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇرغۇن قەبىلىلەر ھېلىمۇ مۇستەقىل ھالەتتە تۇرۇۋاتاتتى. ماراكەشنىڭ شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان رېف تاغلىق رايونى مول كۈن زاپىسىغا ئىگە بولۇپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى بۇ يەرگە خېلى بۇرۇندىنلا چىشىنى بىلەپ كەلگەنىدى. رېف رايونىدىكى قەبىلە ئاقساقاللىرى بولسا مۇستەملىكچى دائىرلەرنىڭ سېتىۋېلىش، ئۆزىگە تارتىش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرىنى ھەققانىي سۆزلەر بىلەن رەت قىلىپ كەلگەن. 

1921-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇرىياغىل قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى كېرىم 300 كىشىلىكتىن ئارتۇق قەبىلە قوشۇنىنى باشلاپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ تايانچ نۇقتىسى ئارابا كەنتىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، 400 دىن ئارتۇق دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ، رېف مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. شۇ جايدىكى پۇقرالار قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا پائال قاتناشتى. 7- ئايدا كېرىم 5000 كىشىلىكتىن ئارتۇق قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باشلاپ، ئانوۋال جېڭىدە 20 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق تاجاۋۇزچى قوشۇننى تولۇق يوقاتتى. تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئاتامانى سېرۋست جەڭدە يېڭىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەلەمگە چىدىماي ئۆلۈۋالدى. مۇستەملىكچىلەر قوشۇنىنىڭ بۇ قېتىمقى پاجىئەلىك مەغلۇبىيىتى تۈپەيلىدىن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى تىل-ئاھانەت ئىچىدە تەختتىن غۇلاپ چۈشتى. كېرىم بۇ قېتىمقى ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئېرىشكەن ۋاقىتلىق تىنچلىقتىن پايدىلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئايدا رېفتىكى 12 قەبىلىنىڭ قۇرۇلتىيىنى ئاچتى. قۇرۇلتايدا مىللىي قەسەميات ئارقىلىق، كېرىم باشچىلىقىدىكى مىللىي پارلامىنت قۇرۇلدى. كېيىنكى يىلى 2-ئايدا مۇستەقىل رېف جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. كېرىم جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى ۋە ئارمىيىنىڭ باش قۇماندانى بولۇپ سايلاندى. 1924-يىلى 8-ئايدا رېفتىكى ئارمىيە ۋە خەلق 10 مىڭ كىشىلىك ئىسپانىيە قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىنى يەنە بىر قېتىم مەغلۇب قىلىپ، ئىسپانىيىگە قاراشلىق ماراكەش رايونلىرىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئازاد قىلدى. ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى دېڭىز بويىدىكى بىر قانچە شەھەردە تۈگۈلۈپ يېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. رېف خەلقىنىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى كۈرىشى فرانسىيەنىڭ ماراكەشتىكى مۇستەملىك ھۆكۈمرانلىقىغىمۇ جىددىي خەپ يەتكۈزدى. 1925-يىلى 5-ئايدا فرانسىيە قوشۇنلىرى رېفنىڭ ئاشلىق كانى ۋولگا دەرياسى بويىدىكى رايونلارنى بېسىۋالدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ھەيۋەت بىلەن جەنۇپقا ئاتلىنىپ، فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ 43 تايانچ نۇقتىسىنى قولغا چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن زېمىنىنى ئازاد قىلىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ فېس قاتارلىق رايونلىرىغا قىستاپ باردى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، فرانسىيە-ئىسپانىيە فلوتى دېڭىز بويى رايونلىرىنى قامال قىلىپ، رېفتىكى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ تەمىنات لىنىيىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. كېرىمنىڭ قۇماندانلىقىدىكى 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇن قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، كۈچ جەھەتتە پەرق زور بولغاچقا، كەينى-كەينىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. 10-ئايدا مۇستەملىكچىلەر قوشۇنى رېف جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەجدىرنى ئىشغال قىلدى. 1926-يىلى 5-ئايدا ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، 40 مىڭ كىشىلىك فرانسىيە-ئىسپانىيە مۇنتىزىم قوشۇنى جەنۇب ۋە شىمال تەرەپتىن قىستاپ 

ھۇجۇم قىلىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ قۇماندانلىق شىتابىي تۇرۇشلۇق جاي تالجىستنى ئالدى. 5-ئاينىڭ 27-كۈنى كېرىم تەسلىم بولدى. رېف مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى فرانسىيە-ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ بىرلەشمە قىرغىنچىلىقى ئارقىسىدا ئاخىر مەغلۇپ بولدى.

بۇ ئۇرۇش ھازىرقى زامان دۇنيا تارىخىدا ئافرىقا خەلقىنىڭ مۇستەملىكچىلەر ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇنجى قېتىملىق زور كۆلەمدىكى قوراللىق كۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ كۈرەش فرانسىيە-ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ماراكەش خەلقىنىڭ مىللىي ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىمالىي ئافرىقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.[0]

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#