ئېدىسون

ئېدىسون

نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ياراتقان كەشپىياتچى ئېدىسون 1847-يىلى ئامېرىكىدىكى ئوھىئو شىتاتىنىڭ مىلان شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئاران ئۈچ ئاي مۇنتىزم تەربىيە كۆرگەن، مۇئەللىم ئۇنى كاللىسى ئىشلىمەيدىغان دۆت بالىلار قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئېدىسون
باشقا نامى Thomas Alva Edison
يۇرتى ئوھىئو شىتاتىنىڭ مىلان شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1931-يىلى
كەسپى كەشپىياتچى
خەنزۇچە ئىسمى 托马斯·阿尔瓦·爱迪生
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1847-يىلى
قان تىپى O

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېدىسوننۇرغۇن كەشپىياتلارنى ياراتقان كەشپىياتچى ئېدىسون 1847-يىلى ئامېرىكىدىكى ئوھىئو شىتاتىنىڭ مىلان شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئاران ئۈچ ئاي مۇنتىزم تەربىيە كۆرگەن، مۇئەللىم ئۇنى كاللىسى ئىشلىمەيدىغان دۆت بالىلار قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن. 

ئېدىسون 21 يېشىدا سايلام بېلىتىنى ستاتىستىكا قىلىش ئاپپاراتىنى كەشپ قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى كەشپىياتى ئىدى، بىراق ئۇنى ساتالمىدى. ئۇ چاغدا، ئېدىسوننىڭ پۈتۈن دىققەت نەزەرى دەرھال بازارغا سېلىپ ساتقىلى بولىدىغان نەرسىنى كەشپ قىلىشتا قالغانىدى. 

ئېدىسونئۇزۇن ئۆتمەي، ئېدىسون پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى تېلېگرامما بىلەن يەتكۈزۈش ئاپپاراتى كەشپ قىلىپ، بازارغا سېلىۋېدى، بۇ ئاپپارات 40 مىڭ دوللارغا سېتىلدى، بۇ ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى كۆپ پۇل ئىدى. كېيىن ئارقا-ئارقىدىن بىر يۈرۈش يېڭى كەشپىياتلارنى كەشپ قىلدى، ئېدىسون باي بولدى، شۆھرەت قازاندى. پاتېفون ئۇنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان كەشپىياتى بولسا كېرەك. 1877-يىلى ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن كەشپىيات پاتېنتى ئالغانىدى. دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم كەشپىيات 1879-يىلى ئۇ ياساپ چىققان ۋولفرام قىللىق لامپۇچكا ھېسابلىنىدۇ. 

ئېدىسون لامپۇچكىنىڭ تۇنجى كەشپىياتچىسى ئەمەس. ئۇنىڭ ئالدىدا، پارىژنىڭ كوچىلىرىدا لامپۇچكا بار ئىدى، ئېدىسوننىڭ تۆھپىسى لامپۇچكىنى كوچىنى يورۇتۇشقىلا ئىشلىتىپ قالماي، ئۇنى ئائىلىلەرگە ئېلىپ كىرىشتە ئىپادىلىنىدۇ. 

1882-يىلى، ئۇنىڭ شىركىتى نيۇيورك شەھىرىدىكى ئائىلىلەرگە توك قۇۋۋىتى يەتكۈزۈپ بېرىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلېكتر ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ. 

ئېلېكتر شىركەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، توك ئائىلىلەرگە كىردى، ئېدىسون يېڭى تىپتىكى غايەت زور بىر سانائەت ئۈچۈن ئاساس سالدى. مانا بۇ تېلېۋىزوردىن كىر ئالغۇغىچە بولغان ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانائەت. 

ئېدىسون فوتو ئاپپاراتى ۋە كىنو ئاپپاراتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۆھپە قوشقانىدى. ئۇ يەنە ئاپتوماتىك تېلېگراف ماشىنىسى، شىفىگراف، فىلۇئورۇسكوپ، نىكېل-تۆمۈر ئىشقارلىق باتارىيە، خاتىرىلەش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى كەشپ قىلدى. ئۇنىڭ كەشپىياتى 1000 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ سان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 

ئېدىسوننىڭ مۇشۇنداق كۆپ كەشپىياتلارنى قىلالىشىدىكى سەۋەب، ئۇ نيۇ-جېرسى شىتاتىنىڭ مىنۇباكتا بىر تەجرىبىخانا قۇرۇپ تەتقىقات ۋە ياساش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر مۇنچە ياراملىق ياردەمچىلەرنى ئىشقا سالغان. بۇ تەجرىبىخانا كېيىن نۇرغۇن چوڭ سانائەت شىركەتلىرى قۇرغان چوڭ تىپتىكى تەجرىبىخانىلارنىڭ ئۈندۈرمىسى ئىدى. 

ئېدىسون بىر كەشپىياتچى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە بىر قانچە سانائەت شىركەتلىرىدە ئىشلىگەن، ھەم بىر سانائەت شىركىتى قۇرغان، كېيىن بۇ شىركەت «ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى» دەپ ئاتالغان.

1833-يىلى ئېدىسون ۋاكۇئۇم لامپا تەجرىبىسى جەريانىدا، توساتتىن ئىسسىق-سوغۇق ئېلېكتر قۇتۇبى ئارلىقىدا ئېلېكتر ئېقىمى ئۆتۈشىدىغانلىقىنى سەزگەن، كېيىنچە بۇ «ئېدىسون ئېففېكتى» دەپ ئاتىلىپ، ئېلېكترون ۋە ئېلېكترون سانائىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. 

ئېدىسوننىڭ قۇلىقى پاڭ بولۇپ قالغان، بىراق ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خىزمەت ئىقتىدارى ئۇنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ كەتكەنىدى. 

ئېدىسون ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن، تۇنجى ئايالى قازا بولغاندا ئۇ تېخى ياش ئىدى. ئۇنىڭ ھەر بىر ئايالىدىن ئۈچتىن بالىسى بار.

1931-يىلى ئۇ نيۇ-جېرسى شتاتىنىڭ ۋوتېئولان شەھىرىدە ۋاپات بولدى. 

ئېدىسون ھەممە ئېتراپ قىلغان كارامەت تۇغما تالانت ئىگىسى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتچى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (7 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    85.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    14.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#