كانتېر بۇرى ھېكايىلىرى

كانتېر بۇرى ھېكايىلىرى

«كانتېر بۇرى ھېكايىلىرى» ئەنگلىيە ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى تۇنجى سېگنالى بولۇپ ئەدەبىيات تارىخىدادەۋر بۆلگۈچلۈك، يول باشلىغۇچىلىق رول ئوينىغان مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ بىرى.

نامى كانتېر بۇرى ھېكايىلىرى
تۈرى ھېكايە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«كانتېر بۇرى ھېكايىلىرى» ئەنگلىيە ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى تۇنجى سېگنالى بولۇپ ئەدەبىيات تارىخىدادەۋر بۆلگۈچلۈك، يول باشلىغۇچىلىق رول ئوينىغان مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ بىرى.

    «كانتېر بۇرى ھېكايىلىرى» چائۇسېرنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇ مۇقەددىمە ۋە 24 پارچە ھېكايىدىن تەركىب تاپقان. بۇ ئەسەردە لوندوندىن كانتېر بۇرى )كېنت ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى، ئەنگلىيە كاتولىك دىنىنىڭ مەركىزى(غا تاۋاپ قىلىشقا ماڭغان 29 تاۋاپچى، ساراي خوجايىنى ۋە چائۇسېر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ سەپەر ئۈستىدىكى ھېكايىلىرى ئارقىلىق 14 ـ ئەسىردىكى ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆرپ ـ ئادەتلىرى بەدىئىي ئۇسۇل بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

  چائۇسېر ئەنگلىيە گۇمانستلىرىنىڭ پىشىۋاسى. بۇ ئەسەردە ئۇنىڭ گۇمانىستىك ئىدىيىسى كۆپ تەرەپتىن ئىپادىلەنگەن. ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتە مەۋجۇت بۇلۇۋاتقان رەزىل ھادىسىلەرنى پاش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش «كانتېر بۇرى ھېكايىلىرى»دىكى مۇھىم بىر مۇزمۇن. «سوت چاپارمەنى توغرىسىدا ھېكايە»، «كېمىچى توغرىسىدا ھېكايە»، «گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنغان مۇناخ توغرىسىدا ھېكايە»، « قەلەندەر مۇناخ توغرىسىدا ھېكايە» ۋە «دوختۇر توغرىسىدا ھېكايە»قاتارلىقلاردا ئەدلىيە تۈزۈمىدىكى چېرىكلىك، دىنىي جەمئىيەت ۋە مۇناخلارنىڭ ئاچكۆزلۈكى، ئالدامچىلىقى ۋە ئەخلاقسىزلىق، بۇزۇقچىلىقلىرى چوڭقۇر ياش قىلىنغان. بۇلار ئىچىدە گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنغان مۇناخنىڭ نومۇسسىزلارچە ئېيتقان ئىقرارى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە: ئۇ بىر تەرەپتىن، خۇددى ئۆزى شۇنداق دەپ قارايدىغاندەك «ئاچكۆزلۈك ھەممە بالايىئاپەتنىڭ مەنبەسى» دەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، نومۇسسىزلىق بىلەن: مېنىڭ بىردىنبىر مەقسىتىم پايدا ئېلىش دەيدۇ، ھېكايىسىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، ئاشكارا ھالدا ئاڭلىغۇچىلاردىن پۇل تەلەپ قىلىدۇ. ئادەتتە سالاپەتلىك كۆرۈنىدىغان بۇ مىسسئونېر چائۇسېرنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئىنتايىن رەزىل بىر چۈپرەندىگە ئايلىنىپ قالغان.

كىشىلىك مۇھەببەت تۇرمۇشىنى مەدھىيىلەش «كانتېر بۇرى ھېكايىلىرى دىكى يەنە بىر مۇھىم مەزمۇن، بۇ چائۇسېر گۇمانىزملىق ئىدىيە بىلەن تەركىدۇنيالىققا رەددىيە بېرىشتە ياراتقان بىر تۆھپە. «رېتسار ھەققىدە ھېكايە» ۋە «باسچىچلىق ئايالنىڭ ھېكايىسى» قاتارلىقلاردا، چائۇسېر قورال كۈچىگە تايىنىدىغان تېرسارلارچە مۇھەببەتنى ئىنكار قىلىپ، نىكاھ سودىسىغا قارشى تۇرغان، ئاياللارنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا جىددىي پىكىر يۈرگۈزەەن،مۇھەببەت ئىندانلارنىڭ ئالىيجاناپ تەلىپى دەپ قاراپ، ئەر ـ ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە «باسچىچلىق ئايالنىڭ ھېكايىسى» ئەڭ گەۋدىلىك. ئۇ ئايال «ئىنجىل»نى مىسالغا ئېلىپ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارزۇ ـ ھەۋەسلەرنى چەكلىمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ: ئابراھام ۋە ياكوبلار پەيغەمبەر، مېنىڭ بىلىشىمچە ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق خوتۇنى بولغانىكەن، يەنە باشقا نۇرغۇن مۇرىتلارنىڭمۇ چوقۇم شۇنداق، دەيدۇ. شۇڭا ، ئۇ ئايال ئەر ـ ئاياللارنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىغا باشقىلار ئاتىلاشماسلىقى لازىم، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. خىرىستىئان دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى ئارقىلىق تەركىدۇنياچىلىققا رەددىيە بېرىش ھەققىقەتمۇ ئاجايىپ جاسارەت ئىدى، ئۇ چائۇسېرنىڭ گۇمانىستىك ئىدىيىسىدىكى جەڭگىۋارلىقنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ـ باسچىچلىق ئايال يەنە ئۆزىنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق نەسەب، بايلىق، ياش ۋە چىراي ـ شەكىلنى نىكاھنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشتەك ئەنئەنىۋى قاراشنى ئىنكار قىلىپ، ھەقىقىي ھېسسىيات ۋە ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئاساس قىلغان نىكاھ مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئاپتور شەھەر پۇقراسى تەبىقىسىگە مەنسۇپ بولغان بىر ئاددىي ئايال ئارقىلىق، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن شەھەر پۇقرالىرى تەبىقىسىنىڭ ھاياتى كۈچى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ئۈمىدۋارلىق روھىنى كۆرسىتىپ بەرگەن،  بۇ ئارقىلىق ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى يوتۇرۇپ بېرىلگەن.

«كانتېر بۇرى ھېكايىلىرى» بەدىئىي جەھەتتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى جەھەتتىن ئالغاندا، چائۇسېر ھېكايىلەر ئارىسىغا يەنە كىچىك ھېكايىلەرنى قىستۇرۇش ئارقىلىق، ئەسلىدە مۇستەقىل، تارقاق بولغان ھېكايىلەرنى بىر ـ بىرىگە باغلاپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان. مۇقەددىمىدىن تاشقىرى، قالغان ھەربىر ھېكايىدا دېگۈدەك كىرىش سۆز ۋە ئاخىرقى سۆز بېرىلگەن بولۇپ، ھەممە قەدىمدىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان قۇرۇلما قوللىنىلغان، ھەم يېڭىلىق يارىتىلغان. ئوبراز تەسۋىرى جەھەتتە،اپتور رېئالىستىك ئىپادىلەش ماھارىتىنى قوللىنىپ، ھېكايە سۆزلىگۈچى پېرسوناژلار ئوبرازىنى روشەن خاسلىققا ئىگە قىلغان. چائۇسېر ئەسەردە ھاياتىي كۈچكە باي بولغان لوندون شىۋىسىنى قوللانغاچقا، ئەسەر تىلى ناھايىتى راۋان، جانلىق چىققان. كۆپ قىسىم ھېكايىلەر ئون بوغۇملۇق، قوش قاپىيىلىك شېئىر شەكلىدە يېزىلغان. ئەسەر يۇمۇرىستىك ۋە ساتىرىك ئالاھىدىلىك ۋە كۈچلۈك  دراماتىك تۈسكە ئىگە بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە قاتتىق جەلپ قىلىدۇ.

ئومۇمەن، بۇ ئەسەر ئەنگلىيە ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى زور ھەجىملىك رېئالىستىك ئەسەر بولۇپ، ئەنگلىيە تارىخىدا مۇھىم ئورون تۇتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەشتاش تورى:كانتېر بۇرى ھېكايىلىرى 

http://www.baxtax.cn/qozam/jemiyet/18480.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#