قاش يېزىسى

قاش يېزىسى

قاش يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا ناھىيەسى چېگراسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى قاش يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 365.32 كۋادرات كىلومېتىر
پىنيىنچە يېزىلىشى kā shí xiāng
خەنزۇچە ئاتىلىشى 喀什乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى
نوپۇسى 4310 ئادەم
ئىنگلىزچە نامى kashi

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاش يېزىسىقاش يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا ناھىيەسى چېگراسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. يېزا ئورگىنى تۇرۇشلۇق جايى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 63 كىلومېتىر. شەرق تەرىپىدە نىلقا ناھىيەسى، جەنۇب تەرىپىدە ئىلى دەرياسى، توققۇز تارا ناھىيەسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، غەربىي تەرىپىدە سامىيۈزى يېزىسى، شىمالىي تەرىپىدە ئابرال تېغى بىلەن تۇتاشقان.

بۇ يېزا ئابرال تېغىنىڭ غەربىي جەنۇب چېتىدىكى يېڭى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى ئۈستىدە، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 29 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 365.32 كۋادرات كىلومېتىر. يېزىنىڭ يېرىنىڭ شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس، ئابرال تاغلىق رايونىدىكى قىش-يازلىق تەبىئىي ئوتلاق، بوز ئۆستەڭنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانچىلىق رايۇنى، ئىلى دەرياسى بويىدىكى تاشقىن ساھىلى ئىككىلەمچى ئورمان بەلبېغىدا چارۋا-مال بېقىش شارائىتى ئەۋزەل، يېزا ئورگىنىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى تۇردى كەنتى.

قاش يېزىسى ئەسلىدە توققۇز تارا ناھىيەسى تەۋەلىكىدە بولغان، 1946-يىلى، غۇلجا ناھىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، مىڭبېشى تەسىس قىلىنىپ باشقۇرۇلغان، «قاشبەشيۈزى» دەپ ئاتالغان.(قاشتىكى بەش يۈز ئائىلىلىك دېگەن مەنىدە).

قاش يېزىسى1950-يىلى، خەلق ھاكىميىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كەينى-كەينىدىن تەۋەسىدە 14-رايون، 5-رايون، 6-رايۇن، «ئۆكتەبىر» خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان، رايونلۇق مەھكىمە ۋە گۇڭشې ئورگىنىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى سامىيۈزى بولغان، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھازىرقى سامىيۈزى، قاش.

1968-يىلى، گۇڭشې ئورگىنى ھازىرقى ئورنىغا كۆچۈرۈلگەن.

1978-يىلى، نامىنى قاش گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتكەن، كېيىنكى يىلى سامىيۈزى گۇڭشېسى تەسىس قىلىنغان.

1984-يىلى، گۇڭشې ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېزا قۇرۇلغان، نامى ھازىرقىغا ئۆزگەرتىلگەن.

قاش يېزىسىدېھقانچىلىقنى ئاساس، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، سانائەت، سودا، ترانسپورت قاتارلىقلارنى قوشۇمچە كەسىپ قىلغان، تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغان. يېزا ئىگىلىك رايۇنى قاش دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقى سۇغىرىش رايونىغا تەۋە، ئاساسلىقى بوز ئۆستىڭىگە تايانغان. ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4800 گېكتار، 27066.76 گېكتار تەبىئىي ئوتلاق بار، بۇنىڭ ئىچىدە 6133.3 گېكتار يازلىق يايلاق، ئەتىيازلىق-كۈزلۈك ئوتلاق 14133.33 گېكتار، قىشلىق ئوتلاق 6800 گېكتار.

مۇستەقىل بولغان سۇ سىستېمىسى بار، سۇ مەنبەسى مول، دېھقانچىلىققىمۇ، چارۋىچىلىققىمۇ قۇلايلىق. 1518.73 گېكتار سۈنئىي ئوتلاق بار، ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، قىچا، زىغىر، مايلىق ئاپتاپپەرەس، سېرىق پۇرچاق، قىزىلچا قاتارلىقلار بار.

قاش يېزىسىقارمىقىدا سەككىز كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، ئالتە تەبىئىي كەنىت، 28 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 24310 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 12507 ئادەم، ئاياللار 11803 ئادەم.

خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، جۇاڭزۇ، توگو، سالا قاتارلىق 11 مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 7930 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %32.60 نى، خۇيزۇلار 6222 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %25.60 نى، قازاقلار 4579 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %18.80 نى، خەنزۇلار 3444 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %14.20 نى ئىگەللىگەن، باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇس سانى 2135 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %8.80 نى ئىگەللىگەن، قالغانلىرى ئۆزبېك، قىرغىز، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر.

قاش يېزىسى تەۋەلىكىدە: تۇردى كەنتى، قاراباق كەنتى، شىچياۋ كەنتى، بەشدۆڭ كەنتى، جارسۇ كەنتى، چىپارتۈبەك كەنتى، سېپىل كەنتى، تۆتئون كەنتى قاتارلىق سەككىز مەمۇرىي كەنت بار.

قاش يېزىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 700 مېتىردىن 2000 مېتىرغىچە، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃8.5، ھۆل-يېغىن مىقدارى 340 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 164 كۈن.

قاش يېزىسىقاش يېزىسىدا 2006-يىلى، پۈتۈن يېزىدىكى ئورگان كادىرلىرى 69 نەپەرگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مەمۇرىي خادىم 27 نەپەر، كەسپىي خادىملار 42 نەپەر. يېزىلىق پارتكومنىڭ قارىمىقىدا 18 ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى، 330 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار.

بەش كەنتتە «تۆت يۇلتۇزلۇق» پارتىيە ياچېيكىسى بەرپا قىلىنغان. تەۋەسىدە 1 ئامبولاتورىيە بار، 27 نەپەر خىزمەتچى خادىمى بار. 6 مەكتەپ بار، بۇنىڭ ئىچىدە 1 ئوتتۇرا مەكتەپ، 5 باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 272 نەپەر. 1 مال دوختۇرلۇق پونكىتى بار، 8 نەپەر خىزمەتچى خادىم بار. 150 بىناكارلىق، تەمىنات ۋە سودا، ماگىزىن، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق مۇلازىمەت تور نۇقتىسى بار.

قاش يېزىسىنىڭ 2006-يىلى، يېزا بويىچە يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 13963 مىڭ يۈەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 2903 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، 2005-يىلىدىكىدىن %18.01 ئاشقان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق مەيدانى، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 11060 مىڭ يۈەن بولۇپ، 2005-يىلىدىكىدىن %3.60 ئازايغان، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 5837 مىڭ يۈەن، ئورمانچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 530 مىڭ يۈەن، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 4537 مىڭ يۈەن، بېلىقچىلىقنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليون 190 مىڭ يۈەن، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 314 مىڭ يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3444 يۈەنگە يىتىپ، 2005-يىلدىكىدىن 300 يۈەن ئاشقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#