زاۋا بازىرى

زاۋا بازىرى

زاۋا بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى دىكى قاراقاش ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

زاۋا بازىرى
زاۋا بازىرى
ئۇيغۇرچە نامى زاۋا بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 560 كۋادرات كىلومېتىر
پىنيىنچە يېزىلىشى zhā wǎ xiāng
خەنزۇچە ئاتىلىشى 扎瓦乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى
نوپۇسى 60000 ئادەم
ماشىنا كودى 新R

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زاۋا بازىرىزاۋا بازىرى قاراقاش ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شىمالدا ئۇرچى يېزىسى، كۇيا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتە ئاقساراي يېزىسى، جەنۇبتا سايباغ يېزىسى، غەربتە گۇما ناھىيەسى دىكى پىيالما يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 560 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 52504 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.16 مو. تەۋەسىدە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى «شاخلىق فېئودال قورۇق خارابىسى» بار.

چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا ناھىيە قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى كەينىدە زاۋامىڭ بولغان، خوتەن نىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا بولغان، ئەينى چاغدا زاۋادا ئۆتەڭ ۋە ھەربىي رابات تەسىس قىلىنغان، خوتەنگە كىرىشتىكى دەرۋازا بولغان.

1937-يىلدىن 1944-يىلىغىچە، قاراقاش ناھىيەلىك 6-رايون ۋە 8-رايوننىڭ بىر قىسمى بولغان. 

1948-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە، قاتناش يېزىسى، خەلقنى بېيىتىش يېزىسى، خەلق قارا يېزىسى، تەرەققىيات يىزىسى بولغان.

1948-يىلىدىن كېيىن بىرلەشتۈرۈلۈپ، قاتناش يېزىسى قىلىنغان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ  4-رايونى قىلىنغان، قاراشلىقىدا ياربېشى، كۇمرىپ، مىلا، باشكىچە، ۋۇتاڭ، باش ئۆرچى، ئۆرچى، چايتىلەك قاتارلىق سەككىز يېزا بولغان، 3-رايون ۋە 4-رايوننى بىرلەشتۈرۈپ، ئالغا خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان.

1962-يىلى يەنە 3-رايونغا ئايرىپ، يەنە ئالغا گۇڭشې تەسىسى قىلغان.

1978-يىلى ئالغا خەلق گۇڭشېسى زاۋا ئالغا خەلق گۇڭشېسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

2012-يىلى ئۆزگەرتىپ زاۋا بازىرى قىلىنغان.

زاۋا بازىرى2006-يىلى، قاراشلىقىدا زاۋا كەنتى، قوقان كەنتى، ياربېشى كەنتى، شاخلىق كەنتى، ئېگىز ئېرىق كەنتى، لەڭگەر كەنتى، شەيدان كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، توغراقمازار كەنتى، ساينۇغۇچ كەنتى، كۆتەرمە كەنتى، شورلۇقئېرىق كەنتى، كۆتەكئېرىق كەنتى، ئاراغول كەنتى، باشاقچى كەنتى، كۆلئېرىق كەنتى، بۇغدايئېرىق كەنتى، تېرەكئايلا كەنتى، ئۆتەڭ كەنتى، ئۈجمەئايلا كەنتى، يېڭىئۆستەڭ كەنتى، مازارئايلا كەنتى، جايتېرەك كەنتى، تۆگە توغراق كەنتى، چوكان جىلغا كەنتى، باش ئۇرچى كەنتى، خېنى كەنتى، ئاياغ مازار كەنتى، خۇمدان كەنتى، توغرا يار كەنتى، توپچا كەنتى، ھۆرنىسا كەنتى، بارامسۈيى كەنتى، قاشبويى كەنتى قاتارلىق 34 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 17 بازارغا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇن، 161 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

11191 ئائىلىلىك ( يېزا نوپۇسى 10930 ئائىلە، شەھەر نوپۇسى 261 ئائىلە)، ئومۇمىي نوپۇسى 47048 (ئاياللار 23212 ئادەم)، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر لار 47029 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %96.96 نى، خەنزۇ لار 17 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.04 نى ئىگەللىگەن.

2006-يىلى، بازار بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 9160.77 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 6273.85 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %68.49 نى ئىگەللىگەن، 2-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1283.65 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %14.01 نى ئىگەللىگەن، 3-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1603.26 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 17.50% نى ئىگەللىگەن. 2006-يىلى، پوچتا كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 46 مىڭ يۈەنگە، تېلېگراف كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 79 مىڭ يۈەنگە، يېزىلاردىكى مۇقىم تېلېفون ئابونېنتى 845 كە يەتكەن.

2006-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 1297.20 يۈەنگە يەتكەن. يېزا بويىچە ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 59700 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 412.93 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 24652 توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 30700 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 386 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 11850 توننا، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 28 مىڭ مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلات 439 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 12292 توننا، شال تېرىلغۇ كۆلىمى 1000 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 510 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 510 توننا ، پاختا تېرىلغۇ كۆلىمى 4000 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 121.50 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 486 توننا (ساپ پاختا) غا يەتكەن. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان مال-چارۋا 107200 تۇياق بولغان. ئەتىرگۈل تېرىقچىلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئۆزگىچە كەسىپلەر بار .

ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىمى 563 كە يەتكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 2، ئوقۇغۇچىسى 2701 ئادەم، ئوقۇتقۇچىلار 162 ئادەم، باشلانغۇچ مەكتەپ 16، ئوقۇغۇچىسى 6861 ئادەم، ئوقۇتقۇچىلار 273 كە يەتكەن. 2006-يىلى مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا سالغان مەبلەغ 199.13 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

تەۋەلىكىدىكى مەكتەپلەر:

شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ؛

شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى 2-ئوتتۇرا مەكتەپ؛

قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ؛

قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى خۇمدان كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ؛

قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى 2-ئوتتۇرا مەكتىپى؛

قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى يابېشى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى؛ 

قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازارلىق خىنى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى؛

قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازارلىق ئۆتەڭ كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى؛

قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازارلىق كۆتەك ئېرىق كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ؛ 

قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازارلىق كۆتەيما كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى؛

قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى قوقەن باشلانغۇچ مەكتەپ.

يىل ئاخىرىدا رادىيونىڭ قاپلاش نىسبىتى %100 كە، تېلېۋىزىيىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %98 كە، سىملىق تېلېۋىزىيە ئابۇنېنتى 135 گە يەتكەن. 53 كۇتۇپخانا بار بولۇپ، ھەر خىل كىتابلارنى 52000 گە، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى 28 گە. ئامبولاتورىيە 1، تىببىي خادىملار 20 نەپەر، كېسەل كارىۋىتى 50 كە يەتكەن. 

2006-يىلى، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا 493 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 76224 كۋادرات مېتىر قۇرۇلۇش كۆلىمى تاماملانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#