ماركونى

ماركونى

رادىئونى كەشپ قىلغۇچى ماركونى 1874-يىلى ئىتالىيىنىڭ بولۇنىيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، ئائىلە ئەھۋالى ھاللىق سەۋىيىدە ئىدى، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى قولىدا تەربىيە كۆرگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ماركونى
باشقا نامى Guglielmo Marchese Marconi
تۇغۇلغان ۋاقتى 1874-يىلى
كەسپى كەشپىياتچى
خەنزۇچە ئىسمى 伽利尔摩·马可尼
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1937-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماركونىرادىئونى كەشپ قىلغۇچى ماركونى 1874-يىلى ئىتالىيىنىڭ بولۇنىيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، ئائىلە ئەھۋالى ھاللىق سەۋىيىدە ئىدى، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى قولىدا تەربىيە كۆرگەن. 1894-يىلى، ماركونى 20 يېشىدا ئۇندىن نەچچە يىل ئىلگىرى خېرتىز يازغان بىر پارچە دوكلاتنى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ دوكلادتا بىر خىل ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ نۇر سۈرئىتىدە ھاۋادا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى بېزىلغانىدى.

ماركوننىڭ كاللىسىدىن دەرھال، مۇبادا بۇ خىل ئېلېكتر ماگىنت دولقۇنى بىلەن ئۇچۇر يەتكۈزگىلى بولسا، ئۆتكۈزگۈچ سىم ئىشلەتمەيلا ناھايىتى يىراق ئارىلىققا ئۇچۇر يەتكۈزگىلى بولىدۇ دېگەن خىيال كەچتى. بۇ خىيال تېلېگراف ماشىنىسى ئورۇنلىيالمايدىغان ئالاقىلىشىش خىزمىتى، مەسىلەن، دېڭىز يۈزىدە كېتىپ بارغان پاراخوتقا ئۇچۇر يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلارغا مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بەردى. 

1896-يىلى بىر يىللىق خىزمەت ئارقىلىق، ماركونىنىڭ يېڭى كەشپىياتى ئەنگىلىيىدە پاتېنتقا ئېرىشتى. ئىككىنچى يىلى، ماركونى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەنگىلىيە بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتىدىغان رادىئو ئالاقىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. گەرچە ئۇنىڭ مۇھىم كەشپىياتى بولغان رادىئو 1900-يىلى پاتېنتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ قەتئىي بوشاشماي ئىشلەپ، كۆپ تۈرلۈك ناھايىتى مۇھىم بولغان، ئۆزگەرتىش كەشپىياتى جەھەتتە پاتېنتقا ئېرىشكەن. ئاخىر 1901-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەنگىلىيىدىن ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، نيوفاندلېند بىلەن بولغان رادىئو ئالاقىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 

1909-يىلى ماركونىنىڭ كەشپىياتىنىڭ مۇھىملىقى ناھايىتى قىزىقارلىق ھالدا ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئەينى ۋاقىتتا، «جۇمھۇرىيەت» ناملىق پاراخوت باشقا بىر پاراخوت بىلەن سوقۇشۇپ كېتىپ، چۆكۈپ كېتىشكە ئاز قالغان. ئەھۋال ئاستىدا، رادىئو ئارقىلىق قۇتقۇزۇش سىگنالى بېرىدۇ، دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان يەنە بىر پاراخوت بۇ سىگنالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، پەقەت ئالتە نەپەر ماتروسلار خېيىم-خەتەرگە ئۇچرايدۇ. مۇشۇ يىلى ماركونى مۇشۇ كەشپىياتى تۈپەيلىدىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئىككىنچى يىلى، ماركونى ئارىلىقى 2000 مىل كېلىدىغان ئەنگىلىيىدىن ئارگېنتىناغىچە بولغان رادىئو ئالاقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 

بۇ خەتلەرنىڭ ھەممىسى مورىز كودى بىلەن ماڭدۇرۇلغان. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، رادىئو ئارقىلىق ئاۋاز تارقىتىش 1915-يىلدىن كېيىنكى ئىش، بۇ ۋاقىتتا رادىئونىڭ ئىناۋىتى دەرھال پۈتۈن ئالەمگە تارالغانىدى. 

ماركونىنىڭ كەشپىياتى ۋە ئۇنىڭ پاتېنتقا ئېرىشتى ئېرىشىشى ئۇنى داۋاغا سېلىپ قويدى. بەزىلەر بۇ كەشپىياتنى بىز ئۇنىڭ ئالدىدا ئىشلىگەن دەپ چىقتى. بىراق، سوت ئاخىرى ماركونى بۇ كەشپىياتنى ھەممىدىن بۇرۇن ئىشلىگەن كىشى دەپ ھۆكۈم چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن ماركونىنىڭ تۆھپىسى ۋە ئۇنىڭ كەشپىيات ھوقۇقى ئاندىن رەسمىي ئېتراپ قىلىندى. ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، قىسقا دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىش توغرىسىدا مۇھىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. ئۇ 1937-يىلى رىمدا ۋاپات بولدى.

ماركونىماركونى پەقەت ئۆز كەشپىياتى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان، چۈنكى ئۇ كەشپ قىلغان رادىئو ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. تېلېۋىزور ماركونىنىڭ كەشپىياتى ئەمەس، بىراق رادىئونىڭ كەشپ قىلىنىشى تېلېۋىزورنىڭ كەشپ قىلىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالدى؛ بۇ مەنىدىن ئالغاندا، تېلېۋىزورنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىمۇ ماركونى بىر ئۈلۈش شەرەپكە ئىگە بولۇشى كېرەك. روشەنكى رادىئو ئالاقىسى ھازىرقى زاماندا ناھايىتى مۇھىم، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، ھەربىي ئىشلار، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىدا كەڭ قوللىنىلماقتا، ساقچىلار ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ. سىملىق تېلېگراف سىستېمىسى، رادىئو ئاخبارات سىستېمىسىدىن يېرىم ئەسىر دېگۈدەك بۇرۇن كەشپ قىلىنغان، ئىككىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئوخشاش، بىراق ئالدىنقىسى كېيىنكىسىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، كېينكىسى بولسا سېلىشتۇرغۇسىز، ئورۇنىنى ئالغۇسىز، چۈنكى رادىئو ئارقىلىق يەردە كېتىۋاتقان ماشىنا، دېڭىز كېتىۋاتقان پاراخوت، ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلان بىلەن بىۋاستە ئالاشقىلى بولىدۇ، ھەتتا ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەنمۇ ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا رادىئو تېلېفوندىن تېخىمۇ مۇھىم، چۈنكى تېلېفون بىلەن بەرگەن ئۇچۇرنى رادىئو بىلەن بەرگىلى بولىدۇ، بىراق، رادىئو بىلەن بەرگەن ئۇچۇرنى تېلېفون بىلەن بېرىش مۇمكىن ئەمەس. 

مەن رادىئونى تېلېفوندىن مۇھىم دەپ بىلگەچكە، ماركونىنى تېلېفوننىڭ كەشپىياتچىسى بېلىنىڭ ئالدىغا تىزدىم. مەن ماركونىنى ئېدىسوننىڭ كەينىگە تىزدىم. چۈنكى ئېدىسون ناھايىتى مەھسۇلاتلىق كەشپىياتچى، گەرچە بىز ئېدىسوننىڭ ھەر قانداق بىر كەشپىياتىنى رادىئو بىلەن تەڭ قىلمىساقمۇ، بىراق ئېدىسوننىڭ كەشپىياتى ماركونىنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ.

شۆبھىسزكى، ماكونىنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئۇنىڭ كەينىگە تىزىلغان سىياسىي شەخسلەرنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، شۇڭلاشقا بۇنداق تىزىلىش مېنىڭچە توغرا. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#