غالچەك دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. غالچەك (ئۆسۈملۈك)
  2. غالچەك ()
ئۆسۈملۈك
غالچەك

غالچەك (Lythrum salicaria L) غالچەك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غالچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، جۇڭگو، ئاسىيا قىتئەسى، ياۋروپا، ئالجىرىيە، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى غالچەك
تارقالغان رايونلار جۇڭگو، ئاسىيا قىتئەسى، ياۋروپا، ئافرىقىنىڭ ئالجىرىيە
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى قىزىل مىرتا چاتقىلى تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى غالچەك ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 千屈菜
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى غالچەك ئائىلىسى
تۈرى غالچەك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غالچەكغالچەك غالچەك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غالچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 - 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، يۇقىرى قىسمى تۆت قىرلىق، تۆۋەن قىسمى تۈۋرۈكسىمان بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، سېپى يوق دېيەرلىك، شەكلى تېمىنەسىمان، ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلانغان، تۈۋى تەدرىجىي تارايغان؛ گۈلى يەككە ھالدا شاخ ئۇچىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىدىن ئۆسكەن، رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن بولۇپ، توپلىشىپ باشاقسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ غوزا مېۋىسى سوقىچاقراق يۇمىلاق بولۇپ، پۈتۈنلەي گۈل كاسسىسىغا ئورۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇرۇقى كۆپ ۋە ئۇششاق بولىدۇ.

غالچەكغالچەك دەريا قىرغىقى، كـۆل بويى، جىلغا ئېرىق بويى ۋە نەم ئوتلاقلاردا ئۆسىدۇ. كۈچلۈك نۇرنى ياقتۇرىدۇ، سوغۇققا چىدامچانلىقى كۈچلۈك، سۇ-نەمخۇمار، يوپۇرماق شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تاختا يوپۇرماقلىق ۋە گۈللۈك يوپۇرماقلىق دەپ ئايرىلىدۇ. تەركىبىدە چىرىندى ماددىلار مول بولغان تۇپراقتا ئۆسۈشى تېخىمۇ ياخشى. 

جۇڭگونىڭ پۈتۈن جايلىرىدىن چىقىدۇ ۋە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ ئاسىيا قىتئەسى، ياۋروپا، ئافرىقىنىڭ ئالجىرىيە، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#