سۇپتاي يېزىسى
سۇپتاي يېزىسى شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، نىلقا ناھىيەسى قارمىقىدا.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۇپتاي يېزىسى شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، نىلقا ناھىيەسى قارمىقىدا. ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە 45 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا. بۇ يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 340 مىڭ 350 مو، ئاساسلىق ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، قىرغىز، شىبە قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، شەرقتە قاراسۇ يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب، شىمال، غەرب ئۈچ تەرىپى بىردەك غۇلجا ناھىيەسى بىلەن تۇتاشقان.
1949-يىلى، پۈتۈن مەملىكەت ئازاد بولغاندىن كېيىن، سۇپتاي قارا سۇ يېزىسىدىكى بىر كەنتى بولغان.
1956-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، سۇپتاي كەنتى قاراسۇ يېزىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، سۇپتاي يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن، قارمىقىدا 3 كەنت بولغان.
1956-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە، سۇپتايدا جەمئىي بەش كوپىراتىپ قۇرۇلغان، يەنى ھايات ھەمكارلىق كوپىراتىپى (كىچىك سۇپتاي)، جياڭئانۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپى (ساپال سۇپتاي)، بەخت ھەمكارلىق كوپىراتىپى (بورسۇن)، بۇرلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى (لىدىل)، جياڭئانۇر كوپىراتىپى (بوربوسۇن).
1958-يىلى 10-ئايدا، «شەرق شامىلى» خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان، قاراسۇدا سۇپتاي، مازار، گاھلېن، غولمەھەللە قاتارلىق 4 باشقۇرۇش رايونى تەسىس قىلىنغان. ئەڭ دەسلەپتە گۇڭشې باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى مازار بولغان.
1959-يىلى، سۇپتاي ئۆزگەرتىلگەن.
1963-يىلى، قاراسۇ رايونى شەرق شامىلى گۇڭشېسىدىن ئايرىلىپ چىققان، سۈنئىي ھەمراھ خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان، شەرق شامىلى گۇڭشېسىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى سۇپتاي بولغان، ئۇنىڭ قارىمىقىدا 8 ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ئەترىتى بولغان.
1966-يىلنىڭ بېشىدا، مازار غۇلجا ناھىيەسى شەرق شامىلى گۇڭشېسىغا ئايرىپ بېرىلگەن.
1981-يىلى، «شەرق شامىلى» گۇڭشېسى سۇپتاي گۇڭشې بولغان، گۇڭشې بويىچە يەتتە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق چوڭ ئەترىتى، 12 كىچىك ئەترەت، 97 چارۋىچىلىق نۇقتىسى بولغان.
1984-يىلى 11-ئايدا، تۈزۈلمە ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرغاندا يەنە سۇپتاي خەلق گۇڭشېسىنى سۇپتاي يېزىسىغا ئۆزگەرتكەن، ئۇنىڭ قارىمىقىدا 6 كەنت بولغان.
قارىمىقىدىكى كەنتلەر: بوبۇسۇن كەنتى، كىچىك سۇپتاي كەنتى، تاۋ سۇپتاي كەنتى، يۇقىرىقى مەھەللە كەنتى قاتارلىقلار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.