لودز

لودز  پولشىنىڭ ۋارشاۋا شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، لودز ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، پولشا بويىچە ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزىنىڭ بىرى. 

نامى لودز
دۆلىتى پولشا
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
كىلىماتى چوڭ قۇرۇقلۇق كىلماتى
باشقا نامى مەركىزىي شەھەر
خەنزۇچە نامى 罗兹
ئۆلكىسى لودز ئۆلكىسى
تەۋە رايون پولشا ئوتتۇرا قىسمى
چەتئەلچە نامى Lodz

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لودزلودز  پولشىنىڭ ۋارشاۋا شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، لودز ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، پولشا بويىچە ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزىنىڭ بىرى. بۇ شەھەر، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋىسۋا دەرياسى بىلەن ئۇدىرا دەريا تارماقلىرىنىڭ سۇ بۆلگۈچ رايونىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 800 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) . لودز 15-ئەسىردىن باشلاپ قۇرۇلغان. 1820-يىلدىن كېيىن توقۇمىچىلىق سانائەتلىرى راۋانجلىنىشقا باشلىغان.

 ھازىر پولشا بويىچىلا ئەمەس ياۋروپا بويىچىمۇ ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يۇڭ توقۇمىچىلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئىلمە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن دۆلەتنىڭ شۇ خىل مەھسۇلاتلار ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 1/4 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ستانوك، ئېلېكتر سانائەت ئۈسكۈنىلىرى، خىمىيىۋى تالا، قۇرۇلۇش بىناكارلىق، كاۋچۇك، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. لودز پولشىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىنو لېنتىسى ئىشلەپچىقىرىش، كىتاب نەشىر قىلىش مەركىزى. شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇنلىغان «توقۇمىچىلىق شەھەرلىرى» بىرلىشىپ چوڭ بىر شەھەرنى تەشكىل قىلىدۇ. شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تۇتاشقان تۆمۈر يول، تاشيوللار بار. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#