چوڭ ئاق ئاكۇلا
ئىلمىي نامى چوڭ ئاق ئاكۇلا بۇلۇپ يەنە ئادەمخور ئاكۇلا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەڭ چوڭ گۆشخور بېلىقلارنىڭ بىر تۈرى، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6.5 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 3200 كىلوگرام كېلىدۇ، قۇيرۇق يارما دەرىجىىسى كەڭرەك، چىشى چوڭ ھەمدە ھەرە چىشىسىمان گىرۋىكى بار، ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك، چىشنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 سانتىمېتىر، چوڭ تىپتىكى ھۇجۇم خاراكتېرلىك لەھەڭ ياكى ئالىي دەرىجىلىك ئىستېمالچى دېيىشكىمۇ بۇلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇرامىغا يەتكەن ئاق ئاكۇلا تېنىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 4 ~ 5.9 مېتىرغىچە بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 2000 كىلوگرام، مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ ئاق ئاكۇلانىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.2 مېتىرغا يېتىدۇ، ئېغىرلىقى 3200 كىلوگرام، چىشى ئاكۇلا ئەركەك ئاكۇلاغا قارىغاندا بىر ئاز چوڭدەك كۆرىندۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرى قاپقارا، ياۋۇز چىشى ۋە قوش ئېڭىكى بار، ئادەم يەيدىغان پامپۇس بېلىقى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، ئادەتتە تېنى كۈل رەڭ، ھاۋا رەڭ ياكى ئاچ قوڭۇر رەڭلىك بۇلۇپ، قورسىقى سۇس ئاق رەڭلىك، تەن شەكلى چوڭ بولغانلىرىنىڭ رەڭگى بىر قەدەر سۇس. قۇيرۇق يارما دەرىجىىسى كەڭرەك بولۇپ، چىشى چوڭ ھەمدە ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك ھەرە چىشىسىمان گىرۋىكى بار.
ئاڭلاش سەزگۈسى
چوڭ ئاق ئاكۇلانىڭ ئىچكى قۇلىقى مېڭىسىنىڭ ئىككى تەرپىگە جايلاشقان، ئىچكى قۇلاق ئىچىدىكى قوبۇللىغۇچ ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تەۋرىنىشنى قوبۇل قىلدۇ، ئارىلىقى 1 ~ 2 كىلومېتىرغىچە بولغان ئارلىقتىكى ئاۋازنى قۇبۇل قىلالايدۇ. تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاق ئاكۇلانىڭ ئاڭلاش سېزىمى سىستېمىسى 10 ھېرتىستىن تەخمىنەن 800 ھېرتىسقىچە بولغان ئاۋازلارنى ھېس قىلالايدۇ، ئاكۇلانىڭ ۋە ئادەمنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن ئاكۇلا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قۇلىقى ئاڭلىيالمايدىغان ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدۇ.
چىشى
چوڭ ئاق ئاكۇلانىڭ 26 تال ئۆتكۈر چىشلىرى بۇلۇپ ئۈستۈنكى تاڭلىيغا قاتار تىزىلغان، چىشنىڭ ئارقا تەرىپىدە تەتۈر ئىلمىكى بار، ئوۋنى چىشلەپ تۇتۇشى ناھايىتى تەس. چوڭ ئاق ئاكۇلانىڭ ئالدىدىكى بىر دانە چىشى داۋاملىق چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئارقىدىكى زاپاس چىشنى يۆتكەپ ئالدىغا تولۇقلايدۇ. تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم چىشىنى ئالماشتۇرىدۇ.
ئۆزگىچىلىكى
چوڭ ئاق ئاكۇلا ئاز ساندىكى يېرىم تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلارغا تەۋە، ئۇنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ، ئۇ ئىنتايىن سوغۇق دېڭىز سۈيىدە ھايات كەچۈرىدۇ، گەرچە كۆپ ساندىكى دېڭىز بويى رايونلىرىدا ئاق ئاكۇلانى كۆرۈش بەك تەس بولسىمۇ، لېكىن بېلىقچىلىق كېمىسى ۋە سۇ ئاستى كېمىسىدىكلەر داۋاملىق ئۇنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ.
ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى
چوڭ ئاق ئاكۇلا ئىنتايىن سەزگۈر بولغان پۇراش سېزىمىغا ئىگە، بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قان پۇرىقىنى پۇرىيالايدۇ. ئۇ يەنە جانلىقلار مۇسكۇلى تارايغاندا پەيدا بولغان مىكرو توك ئېقىمىنى ھېس قىلالايدۇ، ئوۋنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى ۋە ھەرىكەت ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاق ئاكۇلا ئوۋ ئوۋلاشقا بەك ئۇستا. ئوۋنى ئۈنۈملۈك تۇتۇش ئۈچۈن، ئاق ئاكۇلا ئادەتتە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇ ئالدى بىلەن سۇنىڭ تېگىدە يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ، ئاق ئاكۇلانىڭ دۈمبە قىسمىنىڭ رەڭگى قېنىق بولغاچقا، يۇشۇرۇنۇپ ياتقىنى بىلىنىپ قالمايدۇ. دېڭىز يىلپىزى سۇ يۈزىگە خاتىرجەم چىققاندا ئاق ئاكۇلا مەۋجۇت بولۇپ ئولجىنى تۇتىدۇ، ئوۋغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئادەتتە ھۇجۇم قىلغاندا، بىرىنجى بولۇپ ئولجىنى ئېغىر يارىلاندۇرىدۇ، ئوۋ قان كۆپ چىقىپ كېتىپ قازا قىلغاندىن كېيىن باشقا ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇ ئولجىنى ئېلىپ تېز سۈرئەتتە قاچىدۇ.
ھۇجۇمى
چوڭ ئاق ئاكۇلا باشقا لەھەڭ تۈرىدىكىلەرگە قارىغاندا كىشىلەرگە تېخىمۇ زىيانلىق دەپ قارالغان، ئادەملەرنىڭ سۇ ئۈزۈش، سۇغا شۇڭغۇش، دولقۇن يېرىش قاتارلىق ئىشلىرىغا توسالغۇ بولغان، ھەتتا كىچىك تىپتىكى كېملەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان دەپ يامان ئاتاققا قالغان. ئۇ ئىنسانلارغا ئەجەللىك ھۇجۇم پەيدا قىلغان، بولۇپمۇ دولقۇن كېزىش تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە غەۋۋاسلار ئاكۇلانىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچىرىغان. چوڭ ئاق ئا
كۇلا يەنە ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن نام چىقارغان، ئۇ دائىم سۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، غاجاپ چىشلەپ ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ئەت، ئۇستىخان، ياغاچ پارچىسى، ھەتتا قەلەم، ئەينەك بوتۇلكا قاتارلىقلارنى يۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭ ئاشقازىنى ئىچىدە بىر قەۋەت تام بار بولغاچقا، يۇتۇۋالغان نەرسە ئۇنى يارا قىلىپ قويمايدۇ.چوڭ ئاق ئاكۇلا دائىم سۇ چوڭقۇرلۇقى 3 ~ 300 مېتىرغىچە بولغان جايلارغا چىقىۋالىدۇ ياكى بەزىدە 700 مېتىردىن 1000 مېتىرغىچە بولغان جايغا چىقىۋالىدۇ.
ئاق ئاكۇلا تۇغۇپ كۆپىيىدۇ، بوغازلىق مەزگىلى تەخمىنەن 12 ئاي ئەتراپىدا بۇلىدۇ، ھەر ئۇۋىدا 2 دىن 10 غىچە بالىسى بار، يېڭى تۇغۇلغان كىچىك ئاكۇلانىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر كېلىدۇ. ئەركەك ئاكۇلا 10 ياشلىق، چىشى ئاكۇلا 12 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغانداجىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاق ئاكۇلانىڭ ئۆمرى ئىنتايىن ئۇزۇن بۇلۇپ، 70 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرىدۇ، بىراق ئىنسانلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
تارقالغان دۆلەتلەر
ئالجىرىيە، ئاۋسترالىيە، باھاما، باربادوس، بوسنىيە، خېرتسېگوۋىنا، برازىلىيە، چىلى، كرودىيە، سىپرۇس، مىسىر، فرانسىيە، ئەنگلىيە، گرېتسىيە، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، كېنىيە، لىۋان، لىۋىيە، ماداغاسقار، ماۋرىتانىيە، ماۋرىتىئۇس، خېيشەن، ماراكەش، موزامبىك، نامىبىيە، زېللاندىيە، فىلىپپىن، سېيشېل، سلوۋېنىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ئىسپانىيە، سرىلانكا، ئەرەب سۈرىيە جۇمھۇرىيىتى، تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى، تۇنىس، تۈركىيە، ئامېرىكا، كالىفورنىيە، ئورېگون شىتاتى قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان.
تارقالغان سۇ رايونى
ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىي قىسمى، ئوتتۇرا قىسمى، شەرقىي قىسمى، غەربىي جەنۇب قىسمى، شەرقىي جەنۇب قىسمىلىرىغا تارقالغان؛ ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي قىسمى، شەرقى قىسمى، ئوتتۇرا دېڭىز ۋە قارا دېڭىز رايونلىرىغا تارقالغان؛ تىنچ ئوكياننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، شەرقى شىمال، ئوتتۇرا شەرق، جۇڭگو ۋە ياۋروپا، غەربىي جەنۇب قىسمىلىرىغا تارقالغان.
ۋاشىنگىتون ئەھدىنامىسى CITES غا كىرگۈزۈلگەن. 2009-يىلى «دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» نىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قىزىل تۈرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.