ئىشخىلا بازىرى

ئىشخىلا بازىرى

ئىشخىلا بازىرى كۇچا ناھىيە بازىرىنىڭ ئىككى كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، پۈتۈن بازارنىڭ كۆلىمى 241.6 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر 1733.3 گېكتار.

ئۇيغۇرچە نامى ئىشخىلا بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 241.6 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 伊西哈拉镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيىسى
نوپۇسى 26 مىڭ ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىشخىلا بازىرىئىشخىلا بازىرى كۇچا ناھىيە بازىرىنىڭ ئىككى كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، پۈتۈن بازارنىڭ كۆلىمى 241.6 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەرنى 1733.3 گېكتار. ئىشخىلا بازىرى تەۋەسىدە 12 مەھەللە بار، نوپۇسى 5286 ئائىلە، 26 مىڭ ئادەم. بازارلىق پارتكومغا قاراشلىق بىر پارتىيە باش ياچېيكىسى، 29 پارتىيە ياچېيكىسى، 658 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار. «بەشتە ياخشى» مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى 11، «بەشتە ياخشى» مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىدىن سەككىز، ئاممىنىڭ رازى بولۇش ئاساسىي قاتلام پونكىت ئۈچ، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىي مەھەللە ئالتە، ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدەنىي مەھەللە ئۈچ، ناھىيە دەرىجىلىك «4-ماي» قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق ياچېيكىسى 10، ۋىلايەت دەرىجىلىك «4-ماي» قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق ياچېيكىسى 2، ناھىيە دەرىجىلىك «بەشتە ياخشى» ئاياللار ۋەكىلى ئالتە نەپەر.

ئىشخىلا بازىرىنىڭ يەر شەكلى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس، كۇچا دەرياسى ۋە پۈتۈن يېزا قۇرۇپ كەتكەن دەريا پۈتۈن يېزىنى ئۈچكە بۆلۈپ تۇرىدۇ. ئۈرۈمچى-قەشقەر تاشيولىنىڭ يېزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، مايتاغ-كۇچا تاشيولى يېزا تەۋەسىنىڭ شىمالىدىن تەڭرىتاغقا كىرىدۇ، قاتنىشى قولاي، ئالاقىلىشىش تېز، شەھەر ئايلانما يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلغان، ئۈچ كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا قۇلايلىق شارائىت يارىتىلغان.

2008-يىلى ئىشخىلا بازىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 180 مىليون يۈەن، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ٪20 ئاشقان؛ 1-كەسىپنىڭ 122 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە : تېرىقچىلىق ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 5516 تۈمەن يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪39 ئاشقان. باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كىرىمى 405 تۈمەن يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24 ئاشقان، چارۋىچىلىق ئومۇمىي كىرىمى 6330 تۈمەن يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشقان؛ 2-، 3-كەسىپ ئومۇمىي كىرىمى 5801 تۈمەن يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئاشقان؛ ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 4200 يۈەن بۇلۇپ، 2007-يىلىدىكىدىن 723 مىليون يۈەن ئاشقان. خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات شەرەپ بىلەن 2-خىلدىكى يېزا-بازار بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  

ئىشخىلا بازىرى2008-يىلى ئىشخىلا بازىرى شەھەرلىشىش مۇساپىسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پىلان تارماقلىرىنىڭ دوستلۇق يولى پىلانى 2-يول، ۋوگزال يولى شىمالىي يەنئەن قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدە سىم قويۇپ بېرىش ۋە ئۆلچەش، ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە پائال ماسلاشقان. ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ۋە تېرىلغۇ يەرنى ئېلىپ ئىشلىتىشكە چېتىلىدىغان يەر شۇنداقلا ئىشخىلا بازىرىدىكى يەتتە مەھەللىدە 210ئائىلە چېقىپ كۆچۈرۈلگەن.

ئىشخىلا بازىرى2008-يىلى ئىشخىلا بازىرى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن بازاردىكى «ئون ياخشى پۇقرا» 120 كىشى، «يۇلتۇز دەرىجىلىك مەدەنىي ئائىلە» 4682 گە، «ئون يۇلتۇزلۇق مەدەنىي ئائىلە» 2584 گە يىتىپ، «يۇلتۇز دەرىجىلىك مەدەنىي ئائىلە» سانىنىڭ %53 نى ئىگىلىگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#