گو زىيى

گو زىيى

گو زىيى (697-781-يىللار) ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى مەشھۇر سەركەردە. خۇاجو ئايمىقىنىڭ جېڭشيەن(ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خۇاشيەن ناھىيەسى) دە تۇغۇلغان. گو زىيىنىڭ دادىسى گو جىڭجى ئىلگىرى سۇيجۇ ئايمىقى، ۋېيجۇ ئايمىقى قاتارلىق بەش ئايماقتا ئايماق بېگى بولغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى گو زىيى
باشقا نامى 郭令公、郭汾阳
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 781-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 郭子仪
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 697-يىلى
كەسپى ھەربىي ئالىم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گو زىيىمىلادىيە 765-يىلى، تاڭ سۇلالىسى گە ئاسىيلىق قىلغان سەركەردە بارغۇت خويۇن تۈبۈت، ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە تاڭ سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەنگە ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ ھەمدە: تاڭ پادىشاھى بىلەن گو زىيى ئۆلدى، چاڭئەننى ئالساق، چوقۇم بېيىپ كېتىمىز، دەپ جار سالىدۇ. گو زىيى بۇيرۇققا بىنائەن، 10 نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يۈرۈپ كېتىدۇ. تاڭ قوشۇنى ھازىرقى شەنشىنىڭ جىڭياڭ دېگەن يېرىگە كەلگەندە، دۈشمەننىڭ 100 نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇنى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىدۇ. گو زىيى بىر تەرەپتىن، ئىستىھكام قۇرۇپ مۇداپىئە قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇيغۇر قوشۇنىنىڭ سەردارىغا قوشۇن چېكىندۈرۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. گو زىيى ئىلگىرى ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىنى تىنچىتىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار قوشۇنىنى ياردەمگە چاقىرغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە ئىدى. لېكىن، ئۇيغۇرلار گو زىيىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەنلىكتىن، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ بارگاھىغا بارىدۇ. ئۇيغۇرلار گو زىيىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا بەس-بەستە تىزلىنىپ تۇرۇپ باش قويىدۇ ھەمدە تاڭ سۇلالىسىگە ئەل بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تۈبۈتلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كېچىلەپ قوشۇن چېكىندۈرىدۇ. تاڭ قوشۇنى ئۇلارنى نەچچە يۈز چاقىرىمغىچە قوغلاپ بارىدۇ. گو زىيى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزى يالغۇز كۆرۈشكىلى بېرىپ، ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى ۋە پەم-پاراسىتى بىلەن بۇ قېتىمقى توپىلاڭنى تىنچىتىدۇ. 

گو زىيى (697-781-يىللار) ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى مەشھۇر سەركەردە. خۇاجو ئايمىقىنىڭ جېڭشيەن (ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خۇاشيەن ناھىيەسى) دە تۇغۇلغان. گو زىيىنىڭ دادىسى گو جىڭجى ئىلگىرى سۇيجۇ ئايمىقى، ۋېيجۇ ئايمىقى قاتارلىق بەش ئايماقتا ئايماق بېگى بولغان. گو زىيى ئەلمى خەتمەكەردىلىك ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن باشلاپ ئەمەلدارلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان، 749-يىلى سول قانات باسقاقبەگ مەھكىمىسىدە چوڭ سانغۇن بولغان.

گو زىيى755-يىلى ئەن لۇشەن توپىلاڭ كۆتۈرگەندە، گو زىيى شىمال تەرەپ قورغىنىنىڭ ھېراۋۇللۇقىغا تەيىنلىنىپ، قوشۇننى باشلاپ خېبېيغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاسىي قوشۇننى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە ئەمدىلا تەختكە چىققان تاڭ سۇزۇڭنى قوغداش ئۈچۈن، قوشۇننى باشلاپ لىڭۋۇ (ھازىرقى نىڭشيا چېگرىسىدە) غا قايتىپ كەلگەن ھەمدە ئوردىنىڭ لەشكىرىي پىرقە دىۋانبېگى ۋە ئورۇنباسار باش ۋەزىرى بولغان. 757-يىلى، ئۇ ئەمىر ئورۇنباسارلىق نامى بىلەن، ئۇيغۇر قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ، ھەرقايسى قوشۇنلارغا باشچىلىق قىلىپ، ئاسىي قوشۇنلار ئىگىلىۋالغان چاڭئەن، لوياڭدىن ئىبارەت ئىككى پايتەختنى ۋە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەرقى، غەربى، جەنۇبىي قىسىملىرىدىكى ئايماق، ناھىيەلەرنى كەينى-كەينىدىن قايتۇرۇۋالغان. شۇ چاغدا، تاڭ سۇزۇڭ: گو زىيى تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم چوڭ خىزمەت كۆرسەتتى، دېگەن.

گو زىيىگو زىيى قول ئاستىدىكىلەرگە ناھايىتى كەڭ قورساق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ دۈشمەن ئالدىدا تەمكىن بولۇپ، خەتەرگە يولۇققاندا خېيىمخەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇراتتى. 762-يىلى گو زىيى جياڭجۇ ئايمىقىنى قوغداۋاتقاندا، فېنياڭنىڭ ئىنانچخانلىقىغا تەيىنلەنگەن. بىر يىلدىن كېيىن، تىبەتلەر چاڭئەننى بېسىۋالغان. تاڭ دەيزۇڭ گو زىيىنى ئۆلكە قوشۇنلىرىنىڭ ئورۇنباسار ئەمىر لەشكەرلىكىگە تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئۇ شيەنياڭغا يۈرۈش قىلىپ، چاڭئەننى ناھايىتى تېزلا قايتۇرۇۋالغان. كېيىن، ئاسىي سەركەردە بارغۇت خويۇن تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن بىرلىكتە چاڭئەنگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا، گو زىيى ئۆزى يالغۇز دۈشمەننىڭ بارگاھىغا بېرىپ، دۈشمەننى تەسلىم قىلغان. تاڭ دەيزۇڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، گو زىيىغا «ئۇلۇغ بوۋا» دېگەن نامنى بېرىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن. دەيزۇڭ گو زىيىغا باش دىۋانبېگىلىك مەنسىپىنى بەرگەندە، ئۇ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇۋېتىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ، بۇ مەنسەپتە ئولتۇرمىغان. گو زىيى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن 20 نەچچە يىل خىزمەت قىلىپ، 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#