ئاياللار تاشقى جىنسىي ئەزالىرى

ئاياللار تاشقى جىنسىي ئەزالىرى

ئاياللار تاشقى جىنسىي ئەزالىرى-جىنسىي ئەزالارنىڭ بەدەن سىرتقى يۈزىدىكى ئوچۇق تۇرغان قىسمى بولۇپ، ئۇلار دوۋسۇن دۆڭچىسى، چوڭ جىنسىي لەۋ، كىچىك جىنسىي لەۋ، دىلچىق، جىنسىي يول دالانچىسى، قىزلىق پەردە، دالانچە چوڭ بېزى، چات ئارلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاياللار تاشقى جىنسىي ئەزاسى 1. ئالدىنقى بىرىكمە؛ 2. دىلچىقنى ئورىغۇچى تېرە؛ 3. دالانچە؛ 4. كىچىك جىنسىي لەۋ؛ 5. چوڭ جىنسىي لەۋ؛ 6. قىزلىق پەردە تارتۇغى؛ 7. چات ئارىلىغى؛ 8. مۇھەببەت دۆڭچىسى؛ 9. دىلچىق؛ 01. دىلچىق بېشى؛

11. سۈيدۈك يولى تۆشۈكى؛ 12. جىنسىي يول تۆشۈكى؛ 13. قېيىقسىمان چوڭقۇرلۇق؛ 14. سوڭ

دوۋسۇن دۆڭچىسى

دوۋسۇن سۆڭەك بىرىكمىسىنىڭ ئالدىدىكى تومپىيىپ تۇرغان قىسىمدىن ئىبارەت، ئۇ تېرە، ياغ توقۇلمىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تۆۋەنكى قىسمى چوڭ-كىچىك جىنسىي لەۋلەرگە تۇتىشىدۇ، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن موي چىقىدۇ، بۇ ئورۇندىكى موينىڭ ئاز-كۆپلىكى تۇخۇمدان خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

چوڭ جىنسىي لەۋ

دوۋسۇن دۆڭى ئاستى، ئىككى يوتىنىڭ ئىچكى تەرىپىدىكى تومپىيىپ تۇرغان بىر جۈپ تېرە قورۇقچىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئوڭ-سول تەرەپتە بىردىن بولىدۇ، ئىككىسى ئۆز-ئارا بىرىكىپ، جىنسىي لەۋ ئالدىنقى بىرىكمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئارقا تەرىپى چات ئارلىقىغا يېتىپ بارىدۇ. ئارقا ئىككى تەرىپى بىرىكىپ، جىنسىي لەۋ ئارقا بىرىكمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. سىرتقى تەرىپى تېرە بىلەن ئوخشاش بولۇپ، مويلار ئۆسكەن بولىدۇ. چوڭ جىنسىي لەۋنىڭ تېرە ئاستىدا ياغ توقۇلمىسى، ئېلاستىك تالا تاختىسى ۋە ۋىنا چېگىشى كۆپ بولۇپ، ئەگەر يارىلانسا، ئوڭاي قاناپ قانلىق ئىششىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گۆدەك قىزلاردا ۋە بالاغەتكە يېتىش دەۋرىدە ئىككى تەرەپتىكى جىنسىي لەۋ تەبىئىي جۈپلىشىدۇ، تۇغۇتتىن كېيىن، ئىككى تەرەپتىكى چوڭ جىنسىي لەۋ ئايرىلىدۇ. ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن قورىلىدۇ، مويلارمۇ شالاڭلىشىدۇ.

كىچىك جىنسىي لەۋ

چوڭ جىنسىي لەۋنىڭ ئىچكى تەرىپىگە جايلاشقان تاجىسىمان تېرە قورۇقچىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، شىللىق پەردىگە ناھايىتى ئوخشاپ كېتىدۇ، ئوڭ-سول تەرەپتە بىردىن بولۇپ، جىنسىي يول دالانچىسىنى ئوراپ تۇرىدۇ. يۇقارقى تەرىپى ئىككى تېرە قانىتىغا بۆلىنىدۇ، ئوڭ-سول قانىتى ئۆز-ئارا بىرىكىپ، دىلچىقنىڭ بېشىنى ئوراپ تۇرىدۇ. كىچىك جىنسىي لەۋنىڭ ئارقا ئۇچى بىلەن چوڭ جىنسىي لەۋنىڭ ئارقا ئۇچى ئوتتۇرا سىزىقتا بىرلىشىپ كۆندىلەڭ قاتلاق ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئادەتتە جىنسىي لەۋ ئىلىنچىقى ياكى بېغىشى دېيىلىدۇ. كىچىك جىنسىي لەۋنىڭ ئىچىدە تېرە ئاستى ماي بەزلىرى بىر قەدەر كۆپ، تەر بېزى ئازراق بولىدۇ، نېرۋا ئۇچلىرى مول، شۇڭا سەزگۈر كېلىدۇ.

 دىلچىق

ئۇ كىچىك جىنسىي لەۋنىڭ ئالدى ئۇچىغا جايلاشقان بۇلۇتسىمان تەنچە توقۇلمىسى بولۇپ، دىلچىق پۇتى، دىلچىق تېنى، دىلچىق بېشىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ. دىلچىق ئىككى پۇتى دوۋسۇن سۆڭەك بىرىكمىسىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنىڭ ئالدى تەرىپىدە بىرىكىپ، دىلچىق تېنىنى ھاسىل قىلىدۇ. دىلچىق تېنى ئالدىن تۆۋەن تەرەپكە چوجچىيىپ چىقىپ، دىلچىق بېشىنى ھاسىل قىلىدۇ. پەقەت دىلچىقنىڭ بېشىلا سىرتقا چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى پۇرچاق چوڭلۇقىدا بولۇپ، قان-تومۇر ۋە نېرۋا ئۇچلىرىغا باي، شۇڭا ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ. 

جىنسىي يول دالانچىسى

ئىككى كىچىك جىنسىي لەۋلەر ھالقىسىمان ئوراپ تۇرغان رايوندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنقى تەرىپى دىلچىق بىلەن، ئىككى تەرىپى كىچىك جىنسىي لەۋلەر بىلەن، ئارقا تەرىپى جىنسىي لەۋ ئىلىنچىقى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. دالانچىنىڭ ئالدىنقى يېرىم قىسمىدا سۈيدۈك يول ئېغىزى، كېيىنكى يېرىم قىسمىدا جىنسىي يول ئېغىزى بار.

 قىزلىق پەردە

جىنسىي يول ئېغىزىدىكى نېپىز بىر قەۋەت ششىللىق پەردە بولۇپ، ئىچكى ۋە تاشقى تەرىپى كۆپ قەۋەتلىك قاسراقسىمان يۈزەكى تېرە بىلەن قاپلانغان. قىزلىق پەردە قەۋىتىدە قوشقۇچى توقۇلما ۋە كۆپلىگەن ئۇششاق قان-تومۇرلار بولغاچقا، قىزلىق پەردە يىرتىلىش بىلەن تەڭ قاناش يۈز بېرىدۇ. قىزلىق پەردە نېرۋا تالالىرىغا باي. قىزلىق پەردىنىڭ ئېغىزى كۆپىنچە يېرىم ئايسىمان ياكى يۇمىلاق شەكىلدە بولىدۇ، ئەمما ئەلگەكسىمان ۋە باشقا شەكىللەردە بولىشىمۇ مۇمكىن، قىزلىق پەردىنىڭ قېلىن-نېپىزلىكى ۋە ئەۋرىشىملىكى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە كۆپىنچە بىرىنچى قېتىملىق جىنسىي ئالاقىدا يىرتىلىدۇ. تۇغۇت ۋاقتىدا قىزلىق پەردە ھامىلىنىڭ ئالدىن كەلگەن قىسىمىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدىغانلىقى ئۈچۈن سوزىلىدۇ ياكى زەخمىلىنىدۇ، يىرتىلغان قىزلىق پەردە بىر قانچىلىغان شورىغۇچسىمان ئۆسۈكچىلەر قالىدۇ. بۇ قىزلىق پەردە تاتۇقى دەپ ئاتىلىدۇ.

 دالانچا چوڭ بېزى

چوڭ جىنسىي لەۋنىڭ چوڭقۇر قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوڭ-سول تەرەپتە بىردىن بولىدۇ. سېرىق پۇرچاق چوڭلىقىدا كېلىدۇ. بەز كانىلى ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە بولۇپ، ئېغىزى كىچىك جىنسىي لەۋ بىلەن قىزلىق پەردە ئوتتۇرىسىدىكى ئېرىقچە ئىچىگە ئېچىلىدۇ. جىنسىي ئالاقە ۋاقتىدا سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، سىلىقلاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ، دالانچا چوڭ بېزىنى ئادەتتە ساق ۋاقتىدا تۇتۇپ بىلگىلى بولمايدۇ.

چات ئارلىقى

جىنسىي يول ئارقا بىرىكمىسى بىلەن مەقئەت ئوتتۇرىسىدىكى يۇمشاق توقۇلمىنى كۆزدە تۇتىدۇ، تۇغۇت ۋاقتىدا ئارلىق ئۇزۇراپ نېپىزلىشىدۇ. تۇغۇت ۋاقتىدا بۇ ئورۇن ئاسان يىرتىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا مۇھاپىزەت قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1156

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#