ۋادىسى ئەڭ كەڭ دەريا

جەنۇبي ئامېرىكىدىكى ئامازون دەرياسى تىپىك ئېكۋاتور سۇ سېستىمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنى يۇقۇرى ئېقىندىكى مارانئون دەرياسىدىن باشلانغان دېسەك، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5500 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەگەر يۇقىرى ئېقىندىكى ئۇكايالى دەرياسىدىن باشلانغان دېسەك، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6480 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ دەريا ئافرىقىدىكى نىل دەرياسىدىن قالسا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

بىراق ئامازون دەرياسى ۋادىسىنىڭ كەڭلىكى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان تارماقلىرى قوشۇلۇپ زىچ دەريا تورىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇزۇنلۇقى 1500 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان 17 دىن ئارتۇق چوڭ دەريا بار. ئازومان دەرياسىنىڭ سۇ سېستىمىسى ئارقلىق پېرو، بولىۋىيە، ئىكۋاتور، كولومبىيە، بىرازىلىيە، سۇرىنام، ۋېنىسۇ ئېلانىڭ يەرلىرىنى سۇغارغىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئامازون دەرياسى
قىتئە تەۋەلىكى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى
خەنزۇچە نامى 亚马孙河

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

   ئامازون دەرياسىنىڭ ۋادا كۆلىمى 7 مىليون 50 مىڭ كۋادرات كىلومېتىربولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 40% نى تەشكىل قىلدۇ. ئۇ ئافرىقىدىكى كونگو دەرياسى(زاھىر دەرياسى) ۋادىسى كۆلىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە يېقىن كېلىدۇ. پۈتۈن سۇ سېستىمىسى بويىچە قاتناشقا بولىدىغان دەريا يولىنىڭ ئوزۇنلۇقى 25 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، باشقا دەريالارنى بۇنىڭ بىلەن ئەسلە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

ئامازون دەرياسىنىڭ ئاساسىي ئېقىنى ئېكۋاتور بىلەن جەنۇبىي كەڭلىك 5گىرادوس ئارلىقىدا بولۇپ، بۇ يەرلەردە يىل بويى تىمپىراتۇرا يۇقىرى، ھۆل يىغىن كۆپ بولىدۇ ھەمدە ئاند تاغلىرىدىكى قارلىق چوققىلاردىن ئېرىپ چۈشكەن سۇلار دەريالارغا قوشۇلىدۇ. ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىنىڭ ھۆل-يېغىن پەسلى گىرەلىشىپ، ئاساسىي ئېقىننىڭ سۇ مىقدارىنى ھەر ۋاقىت تولۇقلاپ تۇرىدۇ. ئامازون دەرياسى ئېغىزىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى تەخمىنەن سېكۇنتىغا 120.000 كۇب مېتىر بولۇپ، يانۋاردىن ئىيۇنغىچە بولغان كەلكۈن مەزگىلىدە ئەڭ زور ئېقىن مىقدارى سېكۇنتىغا 220.000 قا يېتىدۇ. ھەريىلى ئاتلانتىك ئوكيانغا قويۇلىدىغان سۇ مىقدارى 3800-4700 كۇب كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق دەريالارنىڭ ئوكيانلارغا قويۇلىدىغان ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ 11 دە بىر ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ. دەريا ئېغىزىغا 300 كىلومېتىردىن ئارتۇق نېرىدىكى ئاتلانتىك ئوكياندىن ئامازون دەرياسىنىڭ سېرىق لاي سۈيىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھەتتا بەزىلەر بۇ ئارىلىقتىكى ئوكيان يۈزىنى «تاتلىق سۇ دېڭىزى» دەپ ئاتىغان.

ئامازون دەرياسىنىڭ يۈزى خېلى كەڭ بولۇپ، ئوتتۇرا ئېقىندىكى مانائۇس ئەتراپى 5 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. تۆۋەن ئېقىنى 20 كىلومېتىرغا، دەريا ئېغىزى 80 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كەلكۈن پەسلىدە ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى ئىككى قىرغاقتىكى نەچچە ئون ھەتتا يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان تۈزلەڭلىك ۋە جىلغىلارنى بېسىپ، پايانسىز دېڭىزنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا ئامازون دەرياسى «دەريا دېڭىزى» دېگەن نامغا ئىگە. دەريا ئېغىزى رايونىدىكى يېقىن مەزگىللىك تۆۋەنگە چۆكۈش تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېڭىزغا قويۇلىدىغان لاي-قۇملارنى دەريا بويىدىكى دېڭىز ئېقىنى ئېقىتىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن دېلتا ھاسىل بولماي، بەلكى كەڭ كانايسىمان دېلىتىلىق پورت ھاسىل بولغان. بۇ دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئىچكىرىلەپ كىرىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن. ئاتلانتىك ئوكياننىڭ دولقۇنى دەرياغا قارشى ئۇرۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇققا 1400 كىلومېتىر كىرەلەيدۇ. زور دولقۇن كۆتۈرۈلگەندە بەش مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇ تېمى ھاسىل بولۇپ، ئېقىنغا قارشى شارقىراپ ئاقىدۇ، ئۇنىڭ شاۋقۇن ئاۋازىنى نەچچە كېلومېتىر نېرىدىن ئاڭلىغلى بولىدۇ. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، مەنزىرىسى چىرايلىق بولۇپ، يەرلىك ھىندىيانلار بۇنداق زور دولقۇننى «ئامازون قۇلى» دەپ ئاتايدۇ. ئامازون دەرياسى دېگەن نام ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. (جياڭ چڭيۈي) 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#