فىلادىلفىيە

فىلادىلفىيە

 فىلادىلفىيە شەھىرى ئامېرىكىنىڭ  پىنسىلۋانىيە شىتاتىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان چوڭ شەھىرى. 1790-يىلىدىن 1800-يىلىغىچە ۋاشىنگىتون قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن بۇ شەھەر ئامېرىكىنىڭ پايتەختى بولغان. 

نامى فىلادىلفىيە
دۆلىتى ئامېرىكا
يەر مەيدانى 11988.6 كۇۋادىرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە نامى 费拉德尔菲亚
تەۋە رايون پىنسىلۋانىيە شىتاتى
نوپۇسى 1مىليون 553 مىڭ 165 (2013-يىلى)
ئىنگىلىزچە نامى Philadelphia،Philly

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فىلادىلفىيە

فىلادىلفىيە شەھىرى پىنسىلۋانىيە شىتاتىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان دراۋا دەرياسى بويىدىكى شەھەر. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ كونا ۋە تارىخىي قىممەتكە ئىگە شەھەرلىرىنىڭ بىرى. 1790-يىلىدىن 1800-يىلىغىچە ۋاشىنگىتون قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن بۇ شەھەر ئامېرىكىنىڭ پايتەختى بولغان. شۇ سەۋەپتىن زور تارىخىي قىممەتكە ئىگە. فىلادىلفىيە شەھىرى يەنە «دوستلۇق شەھىرى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پىنسىلۋانىيە شىتاتىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر بولۇپ، يېڭى جېرسېي شىتاتى بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق چىگرالىنىدۇ. نىيۇۋ يورك، لوس ئانژىلىس، چىكاگو، ھىيوستۇن قاتارلىق شەھەرلەردىن قالسىلا ئامېرىكىدىكى بەشىنچى چوڭ شەھەر. شەھەر نوپۇسى 1 مىليون 553 مىڭ 165 (2013-يىلى) گە يىتىدۇ. چوڭ شەھەر رايونىدىكى نوپۇس 7 مىليون 150 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئامېرىكىدىكى تۆتىنچى چوڭ شەھەر رايونى بولۇپ نىيۇۋ يورك، لوس ئانژىلىس، چىكاگونىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. فىلادىلفىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ناھايىتى ئەۋزەل بولۇپ، شەرقى شىمال 160 كىلومېتىر نېرىسىدا نيۇۋ يورك(2سائەتلىك يول)، غەربىي جەنۇپ 220 كىلومېتېر نېرىسىدا پايتەخت ۋاشىنگىتون (3سائەتلىك يول) بار. 

فىلادىلفىيە شەھىرى پىنسىلۋانىيە شىتاتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىساد شەھىرى بولۇپ، 2013-يىلىGDP سى 420 مىليارد 768 مىليونغا يېتىپ ئامېرىكا بويىچە 7-ئورۇنغا، شەرقى رايوندا نىيۇۋ يورك، ۋاشىنگىتوندىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. 

فىلادىلفىيە شەھەر رايونىپىنسىلۋانىيە ئۇنۋېرىستىتى (University of Pennsylvania)

دېرىكسىل ئۇنۋېرىستىتى (Drexel University)

تەمپېل ئۇنۋېرستىتى (Temple University)

سېن جوسىف ئۇنۋېرىستىتى (Saint Joseph's Univerisity)

فىلادىلفىيە ئاھالە ئىنىستىتۇتى (Community College of Philadelphia)

فىلادىلفىيە ئۇنۋېرىستىتى (Philadelphia University)

فىلادىلفىيە سەنئەت ئۇنۋېرىستىتى (The University of the Arts)

فىلادىلفىيە پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرىستىتى (University of the Sciences)

لا ساللې ئۇنۋېرىستىتى ((La Salle University)

پېرسى ئىنىستىتۇتى (Peirce College)

كاشتان تېغى ئىنىستىتۇتى (Chestnut Hill College)

مور سەنئەت ۋە لاھىيە ئىنىستىتۇتى (Moore College of Art and Design)

كۇرتىس مۇزىكا ئىنىستىتۇتى (Curtis Institute of Music)-دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى مۇزىكا ئىنىستىتۇتى

توماس جېفېرسون ئۇنۋېرىستىتى (Thomas Jefferson University)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#