ئەڭ قىياسچان ماتېماتىك

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھاداي لامانۇرا
دۆلەت تەۋەلىكى ئەىنگلىيە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھىندىستان ماتېماتىكى لامانۇران (1887-1920-يىللار) ئاجايىپ ئادەم ئىدى. ئۇ ماتېماتىكا ساھەسىدە ئانچە كۆپ بىلىمى بولمىسىمۇ، شۇنىڭدەك كەسكىن ئىسپاتلاشنى ئۇقمىسىمۇ، لېكىن، كۆپىنچە، بىۋاسىتە سېزىمغا تايىنىپ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە نۇرغۇن خۇلاسىلەرنى چىقارغان، مەلۇم نەتىجىلەرنى قىياس قىلغان، شۇڭا ئۇمۇ شۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنيانى بىر مەھەل زىلزىلىگە كەلتۈرگەن. 

ئەنگلىيە نىڭ مەشھۇر ماتېماتىكى ھاداي لامانۇراننىڭ تالانتىغا ئاپىرىن ئوقۇغان. لامانۇراننىڭ ئائىلىسى ناھايىتى نامرات بولغاچقا، ئۇ ئانچە كۆپ تەربىيە كۆرمىگەن. ئۇ كۆڭلىدە ھېسابلاشقا ماھىر بولغانلىقتىن، 1904 يىلى(ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەندە) كۇباكىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي جەمئىيىتىگە ئەزا بولىدۇ. 1918-يىلى ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ، مادراس ئۇنۋېرسىتېتى ئۇنىڭغا پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىدۇ. ئۇ ئۇزاق مۇددەت يوقسۇللۇق ۋە ئاغرىق-سىلاق بىلەن ئۆتكەنلىكتىن، جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ، 1920-يىلى 33 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

لامانۇران تەخمىنەن 400 دىن ئارتۇق تېئورېمىنى قىياس قىلىدۇ. بۇلاردىن كۆپى توغرا، شۇنىڭدەك خاتالىرىمۇ بار. توغرا تېئورېمىلار، كۆپىنچە، ئۆلچەملىك ئىسپاتلانمىغان، پەقەت مۈجىمەل ئاساسىلا كۆرسىتىلگەن، لامانۇراننىڭ بارلىق نەتىجىلىرى بىۋاسىتە سېزىم بىلەن دەلىلنىڭ قوشۇلمىسىدىن ئىبارەت، ئۇلارنى كۈچلۈك لوگىكىلىق دەلىل ھېسابلىغىلى بولمايدۇ، ئەمما شۇنىسى كىشىنى قايىل قىلىدۇكى، بۇ نەتىجىلەرنىڭ كۆپى ھەقىقەتەن توغرا، لامانۇران ھەقىقەتەن ئەڭ قىياسچان ماتېماتىك، ماتېماتىكا تارىخشۇناسلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، ھىندىستاننىڭ قەدىمكى ماتېماتىكىلىرىنىڭ نۇرغۇن شانلىق نەتىجىلىرىمۇ، قەدىمكى يۇناننىڭكىدەك، كەسكىن ئىسپاتلانمىغان، «قىياسچانلىق» قەدىمكى ھىدىستان ماتېماتىكىسىنىڭ بىر خىل ئەنئەنىسى بولسا كېرەك. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#