چىرا بازىرى

چىرا بازىرى

چىرا بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي بازار بۇلۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ چېتىگە، بىر تەرىپى تاغلىق، ئۈچ تەرىپى قۇم، تۈزلەڭلىك رايونىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى چىرا بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
نوپۇسى 11566 ئادەم
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0903
خەنزۇچە ئاتىلىشى 策勒镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى
تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 16417 مو
ماشىنا كودى 新R

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىرا بازىرى چىرا ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي بازار بۇلۇپ، بازار ئۇمۇمىي ئاھالىسى 3001 ئائىلە، 11566 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمگەك كۈچى 3357 ئادەم؛ ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 16417 مو.

چىرا بازىرىچىرا بازىرى ۋاكالەت نومۇرى: 653225100. قاراشلىق ئىككى مەھەللە، 10 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: جامە مەھەللىسى، مەخمەل مەھەللىسى، تۇزاقچى كەنتى، سايئۆستەڭ كەنتى، چاقما كەنتى، ھوجدا كۆل كەنتى، كۆكمەت كەنتى، يار بويى كەنتى، ئەنئېرىق كەنتى، باش كۆكمەت كەنتى، دۆڭئېرىق كەنتى، توغرى كالى كەنتى قاتارلىقلار.  

چىرا بازىرى پارتكوم، ھۆكۈمەت ئىتتىپاقلىشىپ پۈتۈن بازاردىكى ھەر مىللەت خەلقى ئەمەلىيەتنى مەۋقە قىلشان ئالتە بىر «300 مىڭ» قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، رايون نىشانى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئاساس قىلىغان، ئىقتىسادىي ئورمان مېۋىلىرى، چارۋىچىلىق مەيدانى، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، 2-، 3-كەسىپلەر تەڭ تەرەققىي قىلغان.

چىرا بازىرىپۈتۈن بازاردىكى ھازىر باغۋەنچىلىك كۆلىمى (ھويلا-ئاراملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 19 مىڭ مو بۇلۇپ، ئانار، ئۆرۈك، ياڭاق، چىلان قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئورمان 1.7 مو (80 مىڭ تۈپ).

2004-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 29517 تۇياق (دانە)، چىقىم قىلىنغان تاۋار چارۋا 14800 تۇياققا يەتكەن. 

پاختا بىرلىك مەھسۇلاتى 110.45 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 717.925 توننىغا يەتكەن؛ 

ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش، يىتەكلەش 4480 ئادەم / قېتىم، 126.17 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان؛ مېۋە-چېۋە سوغۇق ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى، يېمەك-ئىچمەك، گىلەم پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى ساياھەت كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. 

ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2349.27 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، مالىيە كىرىمى 18.1994 مىڭ يۈەنگە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 957.3 يۈەنگە يەتكەن. 

چىرا بازىرى تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ چېتىگە، بىر تەرىپى تاغلىق، ئۈچ تەرىپى قۇم، تۈزلەڭلىك رايونىغا جايلاشقان، تۇپراق قاتلىمى قېلىن، قۇمساڭ ئەت تۇپراق، سۇ ئۆتكۈزۈشچانلىقى بىر قەدەر ياخشى؛ يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى ئىنتايىن مول، سۇ بايلىقىنىڭ ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.

چىرا بازىرىغا ناھىيەنىڭ بازار يوللىرىغا تايىندىغان بۇلۇپ، 315-دۆلەت تاشيولى تۇتاشتۇرۇلغان، ھەر قايسى كەنت قولايلىق قاتناش تورى شەكىللەنگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#