ۋېللىنگتون

ۋىللىنگىتون

يېڭى زېلاندىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئوكلاند پورتىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ پورت.

نامى ۋىللىنگىتون
دۆلىتى يېڭى زىللاندىيە
يەر مەيدانى 266.25كىۋادىرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئىللىق
خەنزۇچە نامى 惠灵顿
مەمۇرىي رايون شەكلى پايتەخت
نوپۇسى 45تۈمەن
قۇرۇلغان ۋاقتى 1840-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېڭى زېلاندىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئوكلاند پورتىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ پورت. 10 مىڭ توننىلىق پاراخوتلار پورت پرىستانىغا كېلەلەيدۇ. ئاھالىسى 340 مىڭدىن ئاشىدۇ(1984) . 1840-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا «برىتانىيە» دەپ ئاتالغان. 1865-يىلى دۆلەتنىڭ پايتەختى ئوكلاند شەھىرىدىن بۇ شەھەرگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىنى يېرىم ئاي شەكىلدىكى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. جەنۇبىدىكى كۇك بوغۇزىغا قاراپ ئېچىلىپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىنى يېرىم ئاي شەكىلدىكى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. جەنۇبىدىكى كۇك بوغۇزىغا قاراپ ئېچىلىپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ تەبىئىي پورتى نىكورشىن بۇ جايدىكى مۇھىم پورت ھېسابلىنىدۇ، ۋېللىنگتون يېڭى زېلاندىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جايدىكى گۆش مەھسۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ماشىنىسازلىق، خىمىيە، ئېلېكترون، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدىن گۆش، قوي يۇڭى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. نېفىت مەھسۇلاتى، ئاپتوموبىل، كۆمۈر قاتارلىقلار ئىمپورت قىلىنىدۇ، نېفىت مەھسۇلاتى، ئاپتوموبىل، كۆمۈر قاتارلىقلار ئىمپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە شىمالىي ئارالنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يوللىرى بار، قەرەللىك ھالدا ئاۋسترالىيە، ئا ق ش، كانادا، ياۋروپا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ھاۋا لىنىيىلىرى بار. شەھەردە ئاتاقلىق ۋىكتورىيە داشۆسى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلار، ئاتاقلىق مەيدانلار، دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ ھاۋاسى يىللىق، مەنزىرىسى گۈزەل.

1865-يىلى دۆلەتنىڭ پايتەختى ئوكلاند شەھىرىدىن بۇ شەھەرگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن.

1866-يىلى بۇشەھەر رەسمى بىر شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىلغان.

پورىرۇئا،پاراپارائۇم،ساخات،خوئاي كانى،ئوتاكىلار.كاپىدى ئارىلى،قاتارلىقلار.....

ۋېللىنگىتوننىڭ %9ئاھالىسى ماۋرىلار بۇلۇپ قالغان كۆپ قىسىمى ئەنگىلىيە ۋە ئېرلاندىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر .يېڭى زىللاندىيەدە 

ئېنگىلىز تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ،ماۋرىلار ماۋرى تىلىنى ئىشلىتىدۇ،نۇپۇسنىڭ كۆپ قىسىمى خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

火山شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىنى يېرىم ئاي شەكىلدىكى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. جەنۇبىدىكى كۇك بوغۇزىغا قاراپ ئېچىلىپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىنى يېرىم ئاي شەكىلدىكى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. جەنۇبىدىكى كۇك بوغۇزىغا قاراپ ئېچىلىپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ تەبىئىي پورتى نىكورشىن بۇ جايدىكى مۇھىم پورت ھېسابلىنىدۇ،ۋېللىنگىتوننىڭ  غەرىبى جەنۇبى قىسمىدا ئىنتايىن چىرايلىق بىر يەر بار ئۇ بولسىمۇ ۋىكتورىيە تېغىى ، تاغ چوققىسىدا ھازىرمۇ 1893-يىلىدىن 1906-يىلىغىچە زوڭلى بولغان سىتوننىڭ ئىشلەتكەن ئىشخانىسى بار . ۋېللىنگىتوندا يەنە نۇرغۇنلىغان يانار تاغ باغچىللىرى بار  ،باغچىنىڭ ئىچىدە ‹قايناق ئارشاڭ ›،‹قايناش ئازگىلى› بار ،بۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە تارىتتى .

ۋېللىگىتون مائارىپىۋېللىنگىتوننىڭ مائارىپى يېڭى زىللاندىيەنىڭ باشقا رايونلىرىغا ئوپمۇ -ئوخشاش بىر مائارىپ سېستىمىسىدا ،كۆپلىگەن ئاياللار 10يىللىق مائارىپنى مەجبۇرى تامالىغاندىن كىيىن ئاندىن خىزمەتكە قاتنىشىدۇ ياكى توي قىلىپ باللىق بۇلىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋېللىنگىتوننىڭ چوڭلار مائارىپىمۇ ئىنتايىن تەرەققى قىلغان .

   ۋېللىنگىتوندا مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئالېكساندر،تۇرنىبۇل قاتارلىق كۇتۇخانىلار بار ،ھەر 5000دىن ئارتۇق ئوقۇرمەنگە مۇلازىمەت قىلالايدۇ ،دۇنياغا داڭلىق ۋېكتورىيە ئۇنۋېرسىتېتىمۇ ۋېللىگىتوندا ،ئۇ ۋېللىنگىتوننىڭ تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرى ،بۇ يەرگە ھەر يىلدا بەش چوڭ قىتئەدىن ئوقۇغۇچىلار كىلىپ بىلىم ئاشۇرىدۇ .

ئالاقە[0]ۋېللىنگىتون 1987-يىلى جۇڭگونىڭ شىيامېن شەھىرى بىلەن دوسىتلۇق ئورناتقان ،1993-يىلى ياپونىيە بىلەن دوسىتلۇق ئورناتقان ،2006-يىلى 5-ئاينىڭ10-كۈنى جۇڭگۇنىڭ بېيجىڭ شەھىرى بىلەن دوسىتلۇق ئورناتقان،2011-يىلى7-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭگونىڭ تيەن جىن

شەھىرى بىلەن دوسىتلۇق ئورناتقان.

ياز پەسلىدە 13سىلىتسىيە گرادۇستىن 20سىلىتسىيە گىرادۇسقىچە،قىش پەسلىدە 6سىلىتسىيە گرادۇستىن 20سىلىتسىيە گىرادۇسقىچە،ئوتتۇرچە يىللىق يامغۇر يېغىش مىقدارى 1249مىللىمىتىر،ۋېللىنگىتوننىڭ يىللىق كۈن چۈشۈش ۋاقتى2025سائات.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ تورى قامۇسى 

http://baike.baidu.com/

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ تورى قامۇسى

http://baike.baidu.com/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#