جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋېكسىل قانۇنى

ۋېكسىل قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋېكسىل قانۇنى 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13- يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنى «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋېكسېل قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋېكسىل قانۇنى
تۈزىتىلگەن  ۋاقتى 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国票据法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 22-نومۇرلۇق پەرمانى 

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋېكسېل قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنىدا 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ماقۇللانغان، ھازىر ئېلان قىلدۇق، نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 

2004-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ۋېكسىل ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ۋېكسىل پائالىيىتى ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى ۋېكسىل پائالىيىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ۋېكسىل پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل چېكىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ۋېكسىل پائالىيىتىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش لازىم. جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

4-ماددا ۋېكسىل كەسكۈچى ۋېكسىل تەييارلاشتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت بويىچە ۋېكسىلغا ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى ھەمدە ئۇنىڭغا يېزىلغان تۈرلەر بويىچە ۋېكسىل جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

ۋېكسىل ئىگىسى ۋېكسىل ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋېكسىلغا ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى ھەمدە ۋېكسىلنى كۆرسىتىشى كېرەك.

ۋېكسىل ئىگىسى ۋېكسىل ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋېكسىلغا يېزىلغان تۈرلەر بويىچە ۋېكسىل جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ۋېكسىل ھوقۇقى ۋېكسىل ئىگىسىنىڭ ۋېكسىل قەرزدارىدىن ۋېكسىدلىكى پۇلنى چىقىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى، جۈملىدىن پۇل چىقىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ۋېكسىل جاۋابكارلىقى ۋېكسىل پائالىيىتىدىكى قەرزدارنىڭ ۋېكسىل ئىگىسىگە ۋېكسىلدىكى پۇلنى چىقىم قىلىپ بېرىشى مەجبۇرىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

5-ماددا ۋېكسىل ئالاقىدارلىرى ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچىسىگە ۋېكسىلغا ئىمزا قويۇش، تامغا بېسىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ ھەمدە ۋېكسىلغا ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى يوق تۇرۇپ، ۋاكالەتچى نامىدا ۋېكسىلغا ئىمزا قويغان، تامغا باسقانلار ۋېكسىل جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ۋاكالەتچىلەردىن ۋاكالەتچىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىرى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن قىسىمنىڭ ۋېكسىل جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

6-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەرنىڭ ۋېكسىلغا قويغان ئىمزاسى، باسقان تامغىسى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، لېكىن ئۇ باشقا ئىمزا، تامغىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

7-ماددا ۋېكسىلدىكى ئىمزا ۋە تامغا قويۇلغان ئىمزانى، بېسىلغان تامغىنى ياكى ئىمزا بىلەن تامغىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

قانۇنىي ئىگىلەر ۋە ۋېكسىل ئىشلەتكۈچى باشقا ئورۇنلارنىڭ ئىمزاسى، تامغىسى شۇ قانۇنىي ئىگىنىڭ ياكى ئورۇننىڭ تامغىسى بىلەن ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ھوقۇق بەرگەن ۋاكالەتچىسىنىڭ ئىمزاسى، تامغىسىنى كۆرسىتىدۇ.

ۋېكسىلدىكى ئىمزا ئالاقىدار شۇ كىشىنى ئۆز ئىسمى بولۇشى كېرەك.

8-ماددا ۋېكسىلدىكى پۇل سانى جۇڭگو يېزىقى ۋە رەقەم بىلەن يېزىلىپ، بىردەك بولۇشى شەرت، بىردەك بولمىسا، ۋېكسىل كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

9-ماددا ۋېكسىلغا يېزىلغان تۈرلەر بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

ۋېكسىلدىكى پۇل سانىنى، ۋاقتىنى، پۇل كىرىم قىلغۇچىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ، ئۆزگەرتىلگەن ۋېكسىل كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

ۋېكسىلغا يېزىلغان باشقا تۈرلەرنى ئەسلى يازغان كىشى ئۆزگەرتسە بولىدۇ، ئۆزگەرتكەندە ئەسلى يازغان كىشى تامغا بېسىپ ئىسپاتلىشى كېرەك.

10-ماددا ۋېكسىل كېسىش، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ۋە ئۇنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە سەمىمىي بولۇشى ئىناۋەتنى ساقلاش پرىنسىپىغا رىئايە قىلىش، ھەقىقىي سودا مۇناسىۋىتى ۋە ھەقدارلىق-قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى بولۇش كېرەك.

ۋېكسىلغا ئېرىشىشتە تەڭ قىممەتتە بەدەل تۆلەش، يەنى ۋېكسىلغا ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئېتىراپ قىلغان مۇناسىپ بەدەل تۆلەش كېرەك.

11-ماددا ۋېكسىلغا باج، ۋارىسلىق، ھەدىيە يولى بىلەن قانۇن بويىچە ھەقسىز ئېرىشكەنلەر تەڭ قىممەتتە بەدەل تۆلەش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ۋېكسىل ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچى ۋېكسىلغا ئىمزا قويغان، تامغا باسقان كىشىنى ياكى ۋېكسىل ئىگىسىدىن ئىلگىرىكى ئىمزا قويغان، تامغا باسقان باشقا ۋېكسىل قەرزدارىنى كۆرسىتىدۇ.

12-ماددا ۋېكسىلغا ئالدامچىلىق، ئوغرىلىق ياكى تەھدىت ۋاسىتىلىرى بىلەن ئېرىشىۋالغانلار ياكى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللار بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يامان غەرەز بىلەن ئېرىشىۋالغانلارنىڭ ۋېكسىل ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ۋېكسىل ئىلگىرىدىن ئېغىر سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ۋېكسىلغا ئىگە بولۇۋالغانلىرىنىڭمۇ ۋېكسىل ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

13-ماددا ۋېكسىل قەرزدارى ۋېكسىل كەسكۈچى بىلەن ياكى ۋېكسىل ئىگىسىدىن ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچى بىلەن تالىشىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ۋېكسىل ئىگىسى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ. لېكىن ۋېكسىل ئىگىلىرىدىن تالىشىدىغان ئىش بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ۋېكسىلغا ئېرىشىۋالغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ۋېكسىل قەرزدارى ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە ھەقدارلىق، قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى بار ۋېكسىل ئىگىلىرىدىن پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى بىلەن تالاشسا بولىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تالىشىش ۋېكسىل قەرزدارىنىڭ بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ۋېكسىل ھەقدارى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

14-ماددا ۋېكسىلغا يېزىلغان تۈرلەر راست بولۇشى كېرەك، ئۇنى ياساشقا، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ۋېكسىلدىكى ئىمزا، تامغىنى ۋە يېزىلغان باشقا تۈرلەرنى ياسىغان، ئۆزگەرتكەنلەر قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ۋېكسىلدىكى ياسالغان، ئۆزگەرتىلگەن تامغىلار باشقا راست ئىمزا، تامغىلارنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

ۋېكسىلغا يېزىلغان باشقا تۈرلەر ئۆزگەرتىلگەن بولسا، ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇن ئىمزا قويغۇچى، تامغا باسقۇچى ئۆزگەرتىلگەندىن بۇرۇن يېزىلغان تۈرلەرگە جاۋابكار بولىدۇ؛ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئىمزا قويغۇچى، تامغا باسقۇچى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى يېزىلغان تۈرلەرگە جاۋابكار بولىدۇ؛ ۋېكسىل ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇن ياكى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئىمزا، تامغا ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولمىغاندا، ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇنقى ئىمزا، تامغا دەپ قارىلىدۇ.

15-ماددا ۋېكسىل يېتىپ كەتسە يىتتۈرۈپ قويغۇچى پۇل چىقىم قىلغۇچىغا يېتىپ كەتكەنلىكتىن پۇل چىقىم قىلىشنى توختىتىش ھەققىدە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ، لېكىن پۇل چىقىم قىلغۇچى يېزىلمىغان ياكى پۇل چىقىم قىلغۇچىنى ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن پۇل چىقىم قىلغۇچىنى بېكىتىش مۇمكىن بولمىغان ۋېكسىل بۇنىڭ سىرتىدا. يىتتۈرۈپ قويغانلىقتىن پۇل چىقىم قىلىشنى توختىتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان پۇل چىقىم قىلغۇچى چىقىم قىلىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىش كېرەك.

ۋېكسىلنى يىتتۈرۈپ قويغۇچى يىتتۈرۈپ قويغانلىقتىن چىقىم قىلىشنى توختىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە، شۇنداقلا ۋېكسىلنى يىتتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېلان چىقىرىپ خەۋەر قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى دەۋا قىلسا بولىدۇ.

16-ماددا ۋېكسىل ئىگىسى ۋېكسىل قەرزدارى ئالدىدا يۈرگۈزىدىغان ۋېكسىل ھوقۇقىنى ياكى ۋېكسىلنى ئامان ساقلاش ھوقۇقىنى ۋېكسىل ئالاقىدارلىرىنىڭ تىجارەت سورۇنىدا ۋە تىجارەت ۋاقتىدا يۈرگۈزۈشى كېرەك، ۋېكسىل ئالاقىدارلىرىنىڭ تىجارەت سورۇنىدا ۋە تىجارەت ۋاقتىدا يۈرگۈزۈشى كېرەك، ۋېكسىل ئالاقىدارلىرىنىڭ تىجارەت ئورنى بولمىسا، ئۇلار تۇرۇشلۇق جايدا يۈرگۈزۈشى كېرەك.

17-ماددا ۋېكسىل ھوقۇقى تۆۋەندىكى قەرەل ئىچىدە يۈرگۈزۈلمىسە، ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ:

(1) ۋېكسىل ئىگىسىنىڭ ۋېكسىل كەسكۈچى ۋە چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ئالدىدىكى ھوقۇقىنىڭ قەرەلى ۋېكسىلنىڭ قەرەلى توشقان كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل بولىدۇ. ۋېكسىلنى كۆرۈپ چىقىم قىلىنىدىغان پېرېۋوت چېكى، خاس چەكنىڭ قەرەلى ئۇ كېسىلگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل بولىدۇ:

(2) ۋېكسىل ئىگىسىنىڭ ۋېكسىل كەسكۈچى ئالدىدىكى ھوقۇقىنىڭ قەرەلى ۋېكسىل كېسىلگەن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي بولىدۇ؛

(3) ۋېكسىل ئىگىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنىڭ قەرەلى چىقىمنى ئېتىراپ قىلىش رەت قىلىنغان ياكى پۇل چىقىم قىلىش رەت قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي بولىدۇ؛

(4) ۋېكسىل ئىگىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىدىن قايتا سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنىڭ قەرەلى قەرزنى تۆلەپ بولغان كۈن ياكى دەۋا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي بولىدۇ.

ۋېكسىل كېسىلىدىغان كۈن، قەرەلى توشىدىغان كۈننى ۋېكسىل ئالاقىدار قانۇن بويىچە بېكىتىدۇ.

18-ماددا ۋېكسىل ئىگىلىرىدىن ۋېكسىل ھوقۇقىنى ۋاقىت چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ ياكى تۈرلەرنى كەم يېزىپ قويۇپ، ۋېكسىل ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغانلىرى ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىۋېرىدۇ، ئۇلار ۋېكسىل كەسكۈچى ياكى چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچىدىن ئۆزىنىڭ چىقىم قىلىپ بېرىلمىگەن ۋېكسىل پۇلىغا تەڭ پايدىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

2-باب پېرېۋوت چېكى

1-پاراگراف

19-ماددا پېرېۋوت چېكى-چەك كەسكۈچى كېسىپ بېرىدىغان، چەكنى كۆرگەندە ياكى كۆرسىتىلگەن ۋاقىتتا بېكىتىلگەن پۇلنى پۇل كىرىم قىلغۇچىغا ياكى چەك ئىگىسىگە شەرتسىز چىقىم قىلىپ بېرىشىنى پۇل چىقىم قىلغۇچىغا ھاۋالە قىلىدىغان ۋېكسىل.

پېرېۋوت چېكى بانكا پېرېۋوت چېكى ۋە سودا پېرېۋوت چېكى دەپ ئايرىلىدۇ.

20-ماددا چەك كېسىش چەك كەسكۈچى كېسىدىغان ھەمدە ئۇنى پۇل كىرىم قىلغۇچىغا بېرىدىغان ۋېكسىل ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

21-ماددا پېرېۋوت چېكى كەسكۈچى بىلەن پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ پۇل چىقىم قىلىشنى ھەقىقىي ھاۋالە قىلىش مۇناسىۋىتى بولۇشى ھەمدە پېرېۋوت چېكىدىكى پۇلنى چىقىم قىلىدىغان ئىشەنچىلىك مەبلەغ مەنبەسى بولۇشى كېرەك.

تەڭ قىممەتتە بومىغان پېرېۋوت چېكى كېسىش ئارقىلىق بانكىنىڭ ياكى ۋېكسىلگە ئالاقىدار باشقا كىشىلەرنىڭ مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

22-ماددا پېرېۋت چېكىگە تۆۋەندىكى تۈرلەر يېزىلىشى شەرت:

(1) «پېرېۋوت چېكى» دېگەن سۆز؛

(2) شەرتسىز چىقىم قىلىش ھاۋالىسى؛

(3) بېكىتىلگەن پۇل سانى؛

(4) پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ نامى؛

(5) پۇل كىرىم قىلغۇچىنىڭ نامى؛

(6)چەك كېسىلگەن ۋاقتى؛

(7) چەك كەسكۈچىنىڭ ئىمزاسى، تامغىسى.

پېرېۋوت چېكىگە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۈرلەرنىڭ بىرى يېزىلمىسا، پېرېۋوت چېكى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

23-ماددا پېرېۋوت چېكىگە پۇل چىقىم قىلىدىغان ۋاقىت، چىقىم قىلىدىغان جاي، چەك كېسىلگەن جاي قاتارلىق تۈرلەر ئېنىق، توغرا يېزىلىشى كېرەك. پېرېۋوت چېكىگە پۇل چىقىم قىلىدىغان ۋاقىت يېزىلمىغان بولسا، چەكنى كۆرگەندە پۇل چىقىم قىلىنىدۇ.

پېرېۋوت چېكىگە پۇل چىقىم قىلىدىغان ۋاقىت، پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي، چەك كېسىلگەن جاي قاتارلىق تۈرلەر ئېنىق، توغرا يېزىلىشى كېرەك. پېرېۋوت چېكىگە پۇل چىقىم قىلىدىغان ۋاقىت يېزىلمىغان بولسا، چەكنى كۆرگەندە پۇل چىقىم قىلىنىدۇ.

پېرېۋوت چېكىگە پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي يېزىلمىغان بولسا، پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ تىجارەت ئورنى تۇرۇشلۇق جاي ياكى دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايى چەك كېسىلگەن جاي بولىدۇ.

24-ماددا پېرېۋوت چېكىگە بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۈرلەردىن سىرت چەك كېسىشكە دائىر باشقا تۈرلەر يېزىلسا بولىدۇ. لېكى، يېزىلغان بۇ تۈرلەر پېرېۋوت چېكىدىكى تۈرلەردە كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

25-ماددا پۇل چىقىم قىلىدىغان ۋاقىت تۆۋەندىكى شەكىللەرنىڭ بىرى بويىچە يېزىلسا بولىدۇ:

(1) چەكنى كۆرۈپ پۇل چىقىم قىلىش؛

(2) كۈننى بېكىتىپ پۇل چىقىم قىلىش؛

(3) چەك كېسىلگەندىن كېيىن قەرەل بېكىتىپ پۇل چىقىم قىلىش؛

(4) چەكنى كۆرگەندىن كېيىن قەرەل بېكىتىپ پۇل چىقىم قىلىش. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن پۇل چىقىم قىلىش ۋاقتى پېرېۋوت چېكىنىڭ قەرەلى توشقان كۈن بولىدۇ.

26-ماددا چەك كەسكۈچى پېرېۋوت چېكى كەسكەندىن كېيىن، شۇ پېرېۋوت چېكىنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. پېرېۋوت چېكىنىڭ چىقىمى ئېتىراپ قىلىنمىغاندا ياكى ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىپ بېرىلمىگەندە، چەك كەسكۈچى چەك ئىگىسىگە بۇ قانۇننىڭ 70-، 71-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن پۇلنى ۋە خىراجەتنى تۆلەپ بېرىشى لازىم.

2-پاراگراف چەك كەينىگە ئىمزا قويۇش

27-ماددا چەك ئىگىسى پېرېۋوت چېكى ھوقۇقىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى مۇئەييەن پېرېۋوت چېكى ھوقۇقىنى باشقىلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە بەرسە بولىدۇ.

چەك كەسكۈچى پېرېۋوت چېكىگە «ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ» دەپ يېزىپ قويغان بولسا، پېرېۋوت چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

چەك ئىگىسى بىرىنچى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە چەكنىڭ كەينىگە ئىمزا قويۇشى ھەمدە پېرېۋوت چېكىنى تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

چەك كەينىگە ئىمزا قويۇش ۋېكسىل كەينىگە ياكى چاپلانما تالونغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر يېزىلىدىغان ھەم ئىمزا قويۇلىدىغان، تامغا بېسىلىدىغان ۋېكسىل ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. 

28-ماددا چەك كەينىگە ئىمزا قويغۇچى يازىدىغان تۈرلەر ۋېكسىل دوكۇمېنتىغا پاتمىسا، باشقا چاپلانما تالوننى قوشۇپ، ۋېكسىل دوكۇمېنتىغا چاپلاپ قويسا بولىدۇ.

چاپلانما تالونغا تۈرلەرنى تۇنجى يازغۇچى پېرېۋوت چېكى بىلەن تالون چاپلانغان جايغا ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى كېرەك.

29-ماددا چەك كەينىگە ئىمزا قويۇشتا، چەك كەينىگە ئىمزا قويغۇچى ئىمزا قويۇپ، تامغا باسىدۇ ھەمدە ئىمزا قويۇلغان ۋاقىتنى يېزىپ قويىدۇ.

چەك كەينىگە ئىمزا قويغان ۋاقىت يېزىلمىسا، پېرېۋوت چېكىنىڭ قەرەلى توشۇشتىن بۇرۇن قويۇلغان ئىمزا دەپ قارىلىدۇ.

30-ماددا پېرېۋوت چېكى كەينىگە ئىمزا قويۇپ ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە ياكى كەينىگە ئىمزا قويۇپ، مۇئەييەن پېرېۋوت چېكى ھوقۇقى باشقىلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە بېرىلگەندە، چەك كەينىگە ئىمزا قويدۇرغۇچىنىڭ نامى يېزىلىشى شەرت.

31-ماددا چەك كەينىگە ئىمزا قويۇپ ئۆتۈنگەن پېرېۋوت چېكىدە ئىمزا ئۇلىنىپ كېلشى كېرەك. چەك ئىگىسى ئۇلىنىپ كەلگەن ئىمزا بويىچە پېرېۋوت چېكى ھوقۇقىنى ئىسپاتلايدۇ؛ پېرېۋوت چېكى كەينىگە ئىمزا قوۇش يولى بىلەن ئۆتۈنۈشتىن ئەمەس، بەلكى باشقا قانۇنىي شەكىل بىلەن ئېرىشكەنلەر قانۇن بويىچە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ، پېرېۋوت چېكى ھوقۇقىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان چەك كەينىگە قويۇلغان ئىمزانىڭ ئۇلىنىشى ۋېكسىلنى ئۆتۈنۈپ بېرىش جەريانىدا پېرېۋوت چېكىنىڭ كەينىگە ئىمزا قويغۇچى بىلەن ئىمزا قويدۇرغۇچىنىڭ ئىمزاسىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە ئۇلىنىپ كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

32-ماددا پېرېۋوت چېكىنى كەينىگە ئىمزا قويۇپ ئۆتۈنۈشتە، كېيىنكى ئىمزا قويغۇچى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى بىۋاسىتە ئىمزا قويۇلسا، شەرت پېرېۋوت چېكىدىكى تۈردە كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

پېرېۋوت چېكىدىكى پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىدىكى ئىمزا ياكى پېرېۋوت چېكىدىكى پۇلنى ئىككىدىن ئارتۇق كىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىدىكى ئىمزا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

34-ماددا چەك كەينىگە ئىمزا قويغۇچى پېرېۋوت چېكىگە «ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ» دېگەن خەتنى يازغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىمزا قويغۇچى يەنە ئىمزا قويۇپ ئۆتۈنۈۋەتسە، ئەسلى ئىمزا قويغۇچى كېيىنكى ئىمزا قويغۇچى ئالدىدا كاپالەتلىك قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

35-ماددا چەك كەينىگە قويۇلغان ئىمزادا «پۇل كىرىم قىلىش ھاۋالە قىلىندى» دەپ يېزىلغان بولسا، ئىمزا قويدۇرغۇچى ھاۋالە قىلىنغان پېرېۋوت چېكى ھوقۇقىنى چەك كەينىگە ئىمزا قويغۇچىغا ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق. لېكىن ئىمزا قويدۇرغۇچىنىڭ پېرېۋوت چېكى ھوقۇقىنى قايتا ئىمزا قويۇشقا بولىدۇ؛ گۆرۈگە قويغاندا چەك كەينىگە «گۆرۈگە قويۇلدى» دەپ يېزىپ ئىمزا قويۇش كېرەك. چەك كەينىگە ئىمزا قويدۇرغۇچى گۆرۈگگ ئېلىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ئېرىشكەندە، پېرېۋوت چېكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ.

36-ماددا چىقىمى ئېتىراپ قىلىنمىغان، پۇل چىقىم قىلىش رەت قىلىنغان ياكى كۆرسىتىلگەن پۇل چىقىم قىلىش قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن پېرېۋوت چەكلىرىنى كەينىگە ئىمزا قويۇش يولى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؛ كەينىگە ئىمزا قويۇپ ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن پېرۋوت چېكىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئىمزا قويغۇچى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

37-ماددا چەك كەينىگە ئىمزا قويغۇچى پېرېۋوت چېكىنى ئېمزا قويۇپ ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىدىن كېيىنكى ئىمزا قويغۇچىنىڭ قولىدىكى پېرېۋوت چېكى چىقىمنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىنىشى جەھەتتە كاپالەت قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. پېرېۋوت چېكىنىڭ چىقىمى ئېتىراپ قىلىنمىغاندا ياكى ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىپ بېرىلمىگەندە، چەك كەينىگە ئىمزا قويغۇچى چەك ئىگىسىگە بۇ قانۇننىڭ 70 -، 71-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن پۇل ۋە خىراجەتنى تۆلەپ بېرىشى لازىم.

3-پاراگراف چىقىمنى ئېتىراپ قىلىش

38-ماددا چىقىمنى ئېتىراپ قىلىش پېرېۋوت چېكىگە پۇل چىقىم قىلغۇچى قەرەلى توشقان كۈنى چەكتىكى پۇلنى چىقىم قىلىشقا ۋەدە بېرىدىغان ۋېكسىل ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

39-ماددا پۇل چىقىم قىلىش كۈنى بېكىتىلگەن ياكى چەك كېسىلگەندىن كېيىن قەرەلى توشىدىغان كۈندىن ئىلگىرى پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشنى سەمىگە سېلىشى لازىم.

چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشنى سەمىگە سلېىش چەك ئىگىسىنىڭ پۇل چىقىم قىلغۇچىغا پېرېۋوت چېكىنى كۆرسىتىش ھەمدە ئۇنىڭدىن پۇل چىقىم قىلىشقا ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

40-ماددا چەكنى كۆرگەندىن كېيىن قەرەل بېكىتىپ پۇل چىقىم بېرىلىدىغان پېرېۋوت چېكىنىڭ ئىگىسى چەك كېسىلگەن كۈنىدىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە، پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشىنى سەمىگە سېلىشى لازىم.

پېرېۋوت چېكى ئىگىلىرىدىن چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشنى قەرەلىدە سەمىگە سالمىغانلار ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ.

چەكنى كۆرۈپ چىقىم قىلىدىغان پېرېۋوت چېكىنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش سەمىگە سېلىنغاندا، شۇ چەكنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشى ياكى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىشى لازىم.

پۇل چىقىم قىلغۇچى چەك ئىگىسى چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشنى سەمىگە سالغان پېرېۋوت چېكىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، چەك ئىگىسىدىن تاپشۇرۋالغان پېرېۋوت چېكىنىڭ قايتۇرما تالونىغا ئىمزا قويۇشى لازىم. قايتۇرما تالونىغا پېرېۋوت چېكىنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش سەمىگە سېلىنغان ۋاقىتنى ئېنىق يېزىش ھەمدە ئىمزا قويۇش، تامغا بېسىش كېرەك.

42-ماددا پۇل چىقىم قىلغۇچىلاردىن پېرېۋوت چېكىنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلغانلار پېرېۋوت چېكىگە «چىقىم ئېتىراپ قىلىندى» دېگەن سۆزنى ۋە چىقىم ئېتىراپ قىلىنغان ۋاقىتنى يېزىپ قويۇشى ھەمدە ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى لازىم؛ چەكنى كۆگەندىن كېيىن قەرەل بېكىتىپ پۇل چىقىم قىلىنىدىغان پېرېۋوت چېكىگە چىقىمنى ئېتىراپ قىلغاندا پۇل چىقىم قىلىنغان ۋاقىتنى يېزىش كېرەك.

چىقىمنى ئېتىراپ قىلىش ۋاقتى يېزىلمىغان پېرېۋوت چېكىدە ئالدىنقى ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قەرەلنىڭ ئاخىرقى كۈنى چىقىم ئېتىراپ قىلىنىدىغان ۋاقىت بولىدۇ.

43-ماددا پۇل چىقىم پېرېۋوت چېكىنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىشتا شەرت قويسا بولمايدۇ؛ چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشتا شەرت قويۇلسا، چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغانلىق بولىدۇ.

44-ماددا پۇل چىقىم قىلغۇچى پېرېۋوت چېكىنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، قەرەل توشقاندا پۇل چىقىم قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

4-پاراگراف كاپالەتلىك قىلىش

45-ماددا پېرېۋوت چېكى پائالىيىتىدىكى قەرزدارلىق ئىشلىرىدا كاپالەت بەرگۈچى كاپالەتلىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.

كاپالەتچىلىكنى پېرېۋوت چېكى قەرزدارىدىن باشقا كىشى ئۈستىگە ئالىدۇ.

46-ماددا كاپالەت بەرگۈچى پېرېۋوت چېكىگە چاپلانما تالونغا تۆۋەندىكى تۈرلەرنى يېزىشى شەرت:

(1)«كاپالەتلىك قىلىمەن» دېگەن سۆز؛

(2) كاپالەت بەرگۈچىنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛

(3) كاپالەت ئالغۇچىنىڭ نامى؛

(4) كاپالەت قىلغان ۋاقتى؛

(5) كاپالەت بەرگۈچىنىڭ ئىمزاسى، تامغىسى.

47-ماددا كاپالەت بەرگۈچى پېرېۋوت چېكىگە ياكى چاپلانما تالونغا ئالدىنقى ماددىنىڭ (3)تارماقچىسىدىكى تۈرنى يازمىغاندا پېرېۋت چېكىنىڭ چىقىمى ئېتىراپ قىلىنغان بولسا، چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى كاپالەت ئالغۇچى بولىدۇ؛ پېرېۋوت چېكىنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسا، چەك كەسكۈچى كاپالەت ئالغۇچى بولىدۇ.

كاپالەت بەرگۈچى پېرېۋوت چېكىگە ياكى چاپلانما تالونغا ئالدىنقى ماددىنىڭ (4) تارماقچىسىدىكى تۈرنى يازمىغان بولسا، چەك كېسىلگەن ۋاقىت كاپالەتلىك قىلغان ۋاقىت بولىدۇ.

48-ماددا كاپالەتلىك قىلىشتا شەرت قويۇشقا بولمايدۇ؛ شەرت قويۇلسا، پېرېۋوت چېكىگە كاپالەتلىك قىلىش جاۋابكارلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

49-ماددا كاپالەت بەرگۈچى پېرېۋوت چېكىگە قانۇنلۇق ئېرىشكەن چەك ئىگىسى بەھرىمەن بولىدىغان پېرېۋوت چېكى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن كاپالەت ئالغۇچىنىڭ قەرزدارلىق ئىشلىرىدىن پېرېۋوت چېكىگە يېزىلىدىغان تۈرلەر كەم بولۇپ قالغانلىقتىن كۈچكە ئىگە بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا 

50-ماددا پېرېۋوت چېكىگە كاپالەتلىك قىلىنغاندا، كاپالەت بەرگۈچى بىلەن كاپالەت ئالغۇچى چەك ئىگىسى ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. پېرېۋوت چېكىنىڭ قەرەلى توشقاندىن كېيىن پۇل بېرىلمىسە، چەك ئىگىسى كاپالەت بەرگۈچىدىن پۇل چىقىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، كاپالەت بەرگۈچى پۇلنى تولۇق چىقىم قىلىپ بېرىشى كېرەك.

51-ماددا كاپالەت بەرگۈچى ئىككىدىن ئارتۇق بولسا، ئۇلار چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

52-ماددا كاپالەت بەرگۈچى پېرېۋوت چېكى قەرزىنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن چەك ئىگىسىنىڭ كاپالەت ئالغۇچى ۋە ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ.

5-پاراگراف پۇل چىقىم قىلىش

53-ماددا چەك ئىگىسى پۇل چىقىم قىلىشنى تۆۋەندىكى قەرەل بويىچە سەمىگە سېلىشى لازىم:

(1) چەكنى كۆرۈپ چىقىم قىلىدىغان پېرېۋوت چېكىگە پۇل چىقىم قىلىش چەك كېسىلگەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ سەمىگە سېلىنىدۇ؛

(2) كۈن بېكىتىلىپ چىقىم قىلىنىدىغان، چەك كېسىلگەندىن كېيىن قەرەل بېكىتىلىپ چىقىم قىلىنىدىغان ياكى چەكنى كۆرگەندىن كېيىن قەرەل بېكىتىلىپ چىقىم قىلىنىدىغان پېرېۋوت چېكىگە قەرەل توشقان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە پۇل چىقىم قىلىش چىقىمىنى ئېتىراپ قىلغۇچىنىڭ سەمىگە سېلىنىدۇ.

چەك ئىگىسى چىقىم قىلىشنى قىلىشنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قەرەل بويىچە سەمىگە سالمىسا، ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، چەك ئىگىسىگە پۇل چىقىم قىلىش جاۋابكارلىقىنى چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ياكى پۇل چىقىم قىلغۇچى داۋاملىق ئۈستىگە ئالىدۇ.

ھاۋالە بويىچە كىرىم قىلغۇچى بانكا ياكى ۋېكسىل ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق پۇل چىقىم قىلىشنى چىقىم قىلغۇچىنىڭ سەمىگە سېلىش چەك ئىگخسىنىڭ پۇل چىقىم قىلىشنى سەمىگە سېلىشى ھېسابلىنىدۇ. 

54-ماددا چەك ئىگىسى پۇل چىقىم قىلىشنى ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سەمىگە سالسا، چىقىم قىلغۇچى پۇلنى شۇ كۈنى تولۇق چىقىم قىلىپ بېرىشى شەرت.

55-ماددا چەك ئىگىسى پۇل چىقىم قىلىشنى ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سەمىگە سالسا، چىقىم قىلغۇچى پۇلنى شۇ كۈنى تولۇق چىقىم قىلىپ بېرىشى شەرت.

55-ماددا چەك ئىگىلىرىدىن پۇلغا ئېرىشكەنلىرى پېرېۋوت چېكىگە ئىمزا قويۇشى ھەمدە پېرېۋوت چېكىنى پۇل چىقىم قىلغۇچىغا بېرىشى لازىم. چەك ئىگىسى پۇل كىرىم قىلىشنى بانكىغا ھاۋالە قىلغاندا، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى بانكا پېرېۋوت چېكىدىكى ۋاكالىتەن كىرىم قىلغان پۇلنى چەك ئىگىسىنىڭ ھېسابىغا مېمورىئال كىرىم قىلسا، تاپشۇرۇۋالغان ھېسابلىنىدۇ. 

56-ماددا چەك ئىگىسى ھاۋالە قىلغان كىرىم قىلغۇچى بانكىنىڭ جاۋابكارلىقى پېرېۋوت چېكىدىكى پۇلنى پېرېۋوت چېكىگە يېزىلغان تۈرلەر بويىچە چەك ئىگىسىنىڭ ھېسابىغا ئاغدۇرۇپ بېرىش بىلەن چەكلىنىدۇ.

پۇل چىقىم قىلغۇچى ھاۋالە قىلغان پۇل چىقىم قىلغۇچى بانكىنىڭ جاۋابكارلىقى پېرېۋوت چېكىدىكى پۇلنى پېرېۋوت چېكىگە يېزىلغان تۈرلەر بويىچە پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ ھېسابىدىن چىقىم قىلىپ بېرىش بىلەن چەكلىنىدۇ.

57-ماددا چىقىم قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن چىقىم قىلغۇچى پۇل چىقىم قىلغاندا، پېرېۋوت چېكىنىڭ كەينىگە قويغان ئىمزانىڭ ئۇلىنىشىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە پۇل چىقىم قىلىشنى سەمىگە سالغۇچىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيەت ئىسپاتى ياكى كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈشى لازىم.

چىقىم قىلغۇچىلار ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن چىقىم قىلغۇچىلاردىن پۇلنى يامان غەرەز ياكى ئېغىر سەۋەنلىك بىلەن چىقىم قىلىۋەتكەنلەر جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

58-ماددا پۇل چىقىم قىلغۇچىلاردىن كۈن بېكىتىلىپ چىقىم قىلىنىدىغان، چەك كېسىلگەندىن كېيىن قەرەل بېكىتلىپ چىقىم قىلىنىدىغان ياكى چەكنى كۆرگەندىن كېيىن قەرەل بېكىتىلىپ چىقىم قىلىنىدىغان پېرېۋوت چېكىگە قەرەل توشىدىغان كۈندىن بۇرۇن پۇلنى چىقىم قىلىۋەتكەنلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

59-ماددا پېرېۋوت چېكىدىكى پۇل چەت ئەل پۇلى بولسا، ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىنىدىغان كۈنىدىكى بازار پېرېۋوت چېكىگە چىقىم قىلىنىدىغان پۇل تۈرىنى ئايرىم پۈتۈشۈۋالغانلىرى پۈتۈشكىنى بويىچە ئىش كۆرسە بولىدۇ.

60-ماددا چىقىم قىلغۇچى پۇلنى قانۇن بويىچە تولۇق چىقىم قىلغاندىن كېيىن پېرېۋوت چېكى قەرزدارلىقىدىن خالاس بولىدۇ.

6-پاراگراف سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى

61-ماددا قەرەلى توشقان پېرېۋوت چېكىگە پۇل چىقىم قىلىپ بېرىش رەت قىلىنسا، چەك ئىگىسى چەك كەينىگە ئىمزا قويغۇچى، چەك كەسكۈچى ۋە پېرېۋوت چېكىنىڭ باشقا قەرزدارلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ.

پېرېۋوت چېكىنىڭ قەرەلى توشقىچە تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، چەك ئىگىسى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسىمۇ بولىدۇ:

(1) پېرېۋوت چېكىنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش رەت قىلىنسا؛

(2) چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ياكى پۇل چىقىم قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن، قېچىپ كەتكەن بولسا؛

(3) چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ياكى پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ ۋەپران بولغانلىقى قانۇن بويىچە جاكارلانسا ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن كەسپىي پائالىيىتى توختىتىۋېتىلسە.

62-ماددا چەك ئىگىسى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ياكى چىقىم قىلىشنىڭ رەت قىلىنغانلىقىغا دائىر ئىسپاتلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

چەك ئىگىسىنىڭ چىقىمنى ئېتىراپ قىلىش ياكى چىقىم قىلىشنى سەمىگە سالغانلىقى رەت قىلىنسا، چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ياكى چىقىم قىلغۇچى رەت قىلىش ئىسپاتى ياكى چەك قايتۇرۇش سەۋەبنامىسىنى بېرىشى شەرت. رەت قىلىش ئىسپاتى ياكى چەك قايتۇرۇش سەۋەبنامىسىنى بەرمىگەنلەر كېلىپ چىققان ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

63-ماددا چەك ئىگىلىرىدىن چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ياكى چىقىم قىلغۇچى ئۆلۈپ كېتىش، قېچىپ كېتىش سەۋەبى ياكى باشقا سەۋەب بىلەن رەت قىلىش ئىسپاتىنى ئالالمىغانلار باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى قانۇن بويىچە ئالسا بولىدۇ.

64-ماددا چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ياكى چىقىم قىلغۇچىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جاكارلىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار ئەدلىيە ھۆججەتلىرى رەت قىلىش ئىسپاتى كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ياكى پۇل چىقىم قىلغۇچى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن كەسپىي پائالىيىتى توختىتىۋېتىلگەن بولسا، ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ جازا قارارى رەت قىلىش ئىسپاتى كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

65-ماددا چەك ئىگىلىرىدىن رەت قىلىش ئىسپاتى، چەك قايتۇرۇش سەۋەبنامىسىنى كۆرسەتمىگەنلەر ياكى قانۇنلۇق باشقا ئىسپاتلارنى بەلگىلىگەن قەرەلدە يەتكۈزۈپ بەرمىگەنلەر ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ. لېكىن چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ياكى چىقىم قىلغۇچى چەك ئىگىسى ئالدىدا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

66-ماددا چەك ئىگىسى چىقىمى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىش ياكى چىقىم قىلىشقا ئالاقىدار ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە رەت قىلىش سەۋەبىنى ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم؛ ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. چەك ئىگىسى پېرېۋوت چېكى قەرزدارلىرىغا تەڭلا يازما ئۇقتۇرۇش قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قەرەل بويىچە ئۇقتۇرۇش قىلىنمىسىمۇ چەك ئىگىسى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈۋېرىدۇ. ئۇقتۇرۇش قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ قويغانلىقتىن، ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچى ياكى چەك كەسكۈچى زىيانغا ئۇچرىسا، بەلگىلەنگەن قەرەلدە ئۇقتۇرۇش قىلمىغان پېرېۋوت چېكى ئالاقىدارى شۇ زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن تۆلەيدىغان پۇل سانى پېرېۋوت چېكىدىكى پۇل سانى بىلەن چەكلىنىدۇ.

ئۇقتۇرۇشنى بەلگىلەنگەن قەرەلىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادرېسى ياكى پۈتۈشكەن ئادرېسى بويىچە پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلسە، ئۇ ئۇقتۇرۇش قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

67-ماددا ئالدىنقى ماددىنىڭ 1-تارمىقى بويىچە تەييارلىنىدىغان يازما ئۇقتۇرۇشقا پېرېۋوت چېكىدىكى ئاساسلىق تۈرلەر ئېنىق يېزىلىشى ھەمدە بۇ پېرېۋوت چېكىنىڭ قايتۇرۇۋېتىلگەن چەك ئىكەنلىكى ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى لازىم.

68-ماددا پېرېۋوت چېكى كەسكۈچى، چەك كەينىگە ئىمزا قويغۇچى، چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە كاپالەتچى چەك ئىگىسى ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. چەك ئىگىسى پېرېۋوت چېكى قەرزدارلىرىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك رىتىگە قارىماي، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق بىرىدىن، بىرنەچچىسى ياكى ھەممىسىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ.

چەك ئىگىسى پېرېۋوت چېكى قەرزدارلىرىنىڭ بىرى ياكى بىرنەچچىسىدىن سۈرۈشتۈرۈپ بولغان بولسىمۇ، باشقا پېرېۋوت چېكى قەرزدارلىرىدىنمۇ سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىۋېرىدۇ. سۈرۈشتۈرۈلگۈچىلەر قەرزنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن چەك ئىگىسى بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

69-ماددا چەك ئىگىسى چەك كەسكۈچى بولسا، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى بولمايدۇ. چەك ئىگىسى چەك كەينىگە ئىمزا قويغۇچى بولسا، ئۆزىدىن كېيىن ئىمزا قويغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى بولمايدۇ.

70-ماددا چەك ئىگىسى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، سۈرۈشتۈرۈلگۈچىدىن تۆۋەندىكى پۇل ۋە خىراجەتنى چىقىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ:

(1) چىقىم قىلىش رەت قىلىنغان پېرېۋوت چېكىدىكى پۇل؛

(2) پېرېۋوت چېكىدىكى پۇلنىڭ قەرەلى توشقان كۈن ياكى چىقىم قىلىش سەمىگە سېلىنغان كۈندىن باشلاپ تۆلەپ بولغان كۈنىگە قەدەر جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلانغان ئۆسۈم؛ 

(3) رەت قىلىش ئىسپاتى ۋە ئۇقتۇرۇش قىلىشقا كەتكەن خىراجەت.

سۈرۈشتۈرۈلگۈچى قەرزنى تۆلەپ بولغاندا، چەك ئىگىسى پېرېۋوت چېكىنى ۋە رەت قىلىش ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى ھەمدە ئالغان ئۆسۈم ۋە خىراجەتكە ھۆججەت بېرىشى لازىم.

71-ماددا سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قەرزنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، باشقا پېرېۋوت چېكى قەرزدارلىرىدىن قايتا سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇلاردىن تۆۋەندىكى پۇل ۋە خىراجەتنى چىقىم قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ:

(1) تۆلەپ بولغان بارلىق پۇل؛

(2) ئالدىنقى تارماقچىدىكى پۇلنىڭ تۆلەپ بولۇنغان كۈندىن باشلاپ قايتا سۈرۈشتۈرۈپ تۆلىتىۋېلىنغان كۈنگە قەدەر جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلانغان ئۆسۈم؛

(3) ئۇقتۇرۇش قىلىش خىراجىتى.

قايتا سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن سۈرۈشتۈرگۈچى تۆلىتىۋېلىشتا پېرېۋوت چېكى ۋە رەت قىلىش ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى ھەمدە ئالغان ئۆسۈم ۋە خىراجەتكە ھۆججەت بېرىشى لازىم.

72-ماددا سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئالدىنقى ئىككى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قەرزنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن جاۋابكارلىقتىن خالاس بولىدۇ.

3-باب خاس چەك

73-ماددا خاس چەك-چەك كەسكۈچى كېسىپ بېرىدىغان، چەكنى كۆرگەندە بېكىتىلگەن پۇلنى پۇل كىرىم قىلغۇچىغا ياكى چەك ئىگىسىگە شەرتسىز چىقىم قىلىشقا ۋەدە بېرىدىغان ۋېكسىل.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان خاس چەك بانكا خاس چېكىنى كۆرسىتىدۇ.

74-ماددا خاس چەك چەك كەسكۈچى خاس چەكتىكى پۇلنى چىقىم قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشەنچىلىك مەبلەغ مەنبەسىگە ئىگە بولۇشى ھەمدە چىقىم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. 

75-ماددا خاس چەك كەسكۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بېكىتىدۇ. كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلەيدۇ.

76-ماددا خاس چەككە تۆۋەندىكى تۈرلەر يېزىلىشى شەرت:

(1) «خاس چەك» دېگەن سۆز؛

(2) بېكىتىلگەن پۇل سانى؛

(4) پۇل كىرىم قىلغۇچىنىڭ نامى؛

(5) چەك كېسىلگەن ۋاقىت؛

(6) چەك كەسكۈچىنىڭ ئىمزاسى، تامغىسى.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۈرلەرنىڭ بىرى يېزىلمىغان خاس چەك كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

77-ماددا خاس چەككە پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي، چەك كېسىلگەن جاي قاتارلىق تۈرلەر ئېنىق، توغرا يېزىلىشى كېرەك.

خاس چەككە پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي يېزىلمىغان بولسا، چەك كەسكۈچىنىڭ تىجارەت ئورنى پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي بولىدۇ.

خاس چەككە چەك كەسكەن جاي يېزىلمىغان بولسا، چەك كەسكۈچىنىڭ تىجارەت ئورنى چەك كەسكەن جاي بولىدۇ.

78-ماددا چەك ئىگىسى خاس چەك كەسكۈچىنىڭ سەمىگە سېلىپ چەكنى كۆرسەتكەندە، خاس چەك كەسكۈچى پۇل چىقىم قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى شەرت.

79-ماددا پۇل چىقىم قىلىش قەرەلى خاس چەك كېسىلگەن كۈندىن باشلاپ ئۇزاق بولغاندا ئىككى ئايدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

80-ماددا خاس چەك ئىگىسى چەكنى بەلگىلەنگەن قەرەلىدە سەمىگە سېلىپ كۆرسەتمىسە، چەك كەسكۈچىدىن باشقا ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ.

81-ماددا خاس چەك كەينىگە ئىمزا قويۇش، كاپالەتلىك قىلىش، پۇل چىقىم قىلىش ھەرىكىتىگە ۋە سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە، مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىدىن باشقا، بۇ قانۇننىڭ 2-بابىدىكى پېرېۋوت چېكىگە ئالاقىدار بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

خاس چەك كېسىش ھەرىكىتىگە، مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىدىن باشقا، بۇ قانۇننىڭ 24-ماددىسىدىكى پېرېۋوت چېكىگە ئالاقىدار بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

4-باب پۇل چېكى

82-ماددا پۇل چېكى-چەك كەسكۈچى كېسىپ بېرىدىغان، پۇل چېكى ئامانەت كەسپىنى بېجىرىدىغان بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا چەكنى كۆرگەندە چەكتىكى پۇلنى پۇل كىرىم قىلغۇچىغا ياكى چەك ئىگىسىگە شەرتسىز چىقىم قىلىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىدىغان ۋېكسىل.

83-ماددا پۇل چېكى ئامانىتى ھېسابىنى ئېچىشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆز نامىنى قوللىنىشى ھەمدە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان قانۇنلۇق گۇۋاھنامىسىنى تاشپۇرۇشى شەرت. 

پۇل چېكى ئامانىتى ھېسابىنى ئېچىشتا ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئىمزا ۋە تامغا نۇسخىسىنى قالدۇرۇشى كېرەك.

84-ماددا پۇل چېكىگە نەق پۇل ئېلىشقا بولىدۇ، ئۇنى مېمورىئال قىلىشقىمۇ بولىدۇ، مېمورىئال قىلغاندا چەككە ئەسكەرتىلىدۇ.

پۇل چېكىنىڭ مەخسۇس نەق پۇل ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىرىغا نەق پۇل چېكى ئايرىم تەييارلىنىدۇ. نەق پۇل چېكى نەق پۇل ئېلىشقىلا ئىشلىتىلىدۇ.

پۇل چېكىنىڭ مەخسۇس مېمۇرىئال قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىرىغا مېمورىئال چەك ئايرىم تەييارلىنىدۇ، مېمورىئال چەك مېمورىئال قىلىشقىلا ئىشلىتىلىدۇ، نەق پۇل ئېلىشقا بولمايدۇ.

85-ماددا پۇل چېكىگە تۆۋەندىكى تۈرلەر يېزىلىشى شەرت:

(1) «پۇل چېكى» دېگەن سۆز؛

(2) شەرتسىز چىقىم قىلىپ بېرىش ھاۋالىسى؛

(3) بېكىتىلگەن پۇل سانى؛

(4) پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ نامى؛

(5) چەك كېسىلگەن ۋاقىت؛

(6)چەك كەسكۈچىنىڭ ئىمزاسى، تامغىسى.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۈرلەرنىڭ بىرى يېزىلمىغان پۇل چېكى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

86-ماددا پۇل چېكىدىكى پۇل سانى چەك كەسكۈچىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن تولۇقلاپ يېزىلسا بولىدۇ، پۇل سانى تولۇقلاپ يېزىلمىغان پۇل چېكىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

87-ماددا پۇل چېكىگە پۇل كىرىم قىلغۇچىنىڭ نامى يېزىلمىغان بولسا، چەك كەسكۈچىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن تولۇقلاپ يېزىلسا بولىدۇ.

پۇل چېكىگە پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي يېزىلمىغان بولسا، پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ تىجارەت ئورنى پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي بولىدۇ.

پۇل چېكىگە چەك كېسىلگەن جاي يېزىلمىغان بولسا، چەك كەسكۈچىنىڭ تىجارەت ئورنى، تۇرۇشلۇق جايى ياكى دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايى چەك كېسىلگەن جاي بولىدۇ.

چەك كەسكۈچى پۇل چېكىگە ئۆزىنى پۇل كىرىم قىلغۇچى، دەپ يازسا بولىدۇ.

88-ماددا پۇل چېكى كەسكۈچى كەسكەن چەكتىكى پۇل سانى پۇل چىقىم قىلغاندا پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ قولىدا بار ئامانەت پۇل سانىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

چەك كەسكۈچى كەسكەن پۇل چېكىدىن پۇل سانى پۇل چىقىم قىلغاندا پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ قولىدا بار ئامانەت پۇل سانىدىن ئېشىپ كەتسە قۇرۇق چەك ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇق چەك كېسىش مەنئى قىلىنىدۇ.

89-ماددا پۇل چېكى كەسكۈچى ئۆزى ئالدىن قالدۇرغان ئىمزا ياكى تامغا نۇسخىسىغا ئۇيغۇن بولمىغان چەكنى كەسسە بولمايدۇ. 

90-ماددا چەك كەسكۈچى كەسكەن پۇل چېكىدىكى پۇل سانى بويىچە چەك ئىگىسىگە پۇل چىقىم قىلىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى شەرت.

چەك كەسكۈچىنىڭ پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ قولىدىكى ئامانەت پۇلى چەكتىكى پۇلنى چىقىم قىلىشقا يەتسە، پۇل چىقىم قىلغۇچى شۇ كۈنىلا تولۇق چىقىم قىلىپ بېرىشى لازىم.

91-ماددا پۇل چېكىگە چەكنى كۆرگەندە پۇل بېرىلىدۇ، چىقىم قىلىش ۋاقتىنى يېزىپ قويۇشقا بولمايدۇ، چىقىم قىلىش ۋاقتى يېزىپ قويۇلسا، كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

92-ماددا پۇل چېكى ئىگىسى چەك كېسىلگەن كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە پۇل چىقىم قىلىشنى سەمىگە سېلىشى لازىم، باشقا جايدا ئىشلىتىلىدىغان پۇل چېكىگە پۇل چىقىم قىلىشنى سەمىگە سلىش قەرەلىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

پۇل چىقىم قىلىشنى سەمىگە سلېىش قەرەلى ئېشىپ كەتسە، پۇل چىقىم قىلغۇچى چىقىم قىلمىسا بولىدۇ؛ پۇل چىقىم قىلغۇچى چىقىم قىلمىغانلىرىدا چەك كەسكۈچى چەك ئىگىسى ئالدىدا يەنىلا ۋېكسىل جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

93-ماددا پۇل چىقىم قىلغۇچىلاردىن چەكتىكى پۇلنى قانۇن بويىچە چىقىم قىلىپ بەرگەنلىرى چەك كەسكۈچى ئالدىدا ھاۋالە بويىچە پۇل چىقىم قىلىش جاۋابكارلىقىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدۇ، چەك ئىگىسى ئالدىدا پۇل چىقىم قىلىش جاۋابكارلىقىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئەمما يامان غەرەز ياكى ئېغىر سەۋەنلىك بىلەن پۇل چىقىم قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

94-ماددا پۇل چېكى كەينىگە ئىمزا قويۇش، پۇل چىقىم قىلىش ھەرىكىتىگە ۋە سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە مۇسۇ بابتىكى بەلگىلىمىدىن باشقا، بۇ قانۇننىڭ 2-بابىدىكى پېرېۋوت چېكىگە ئائىت بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

پۇل چېكى كېسىش ھەرىكىتىگە مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىدىن باشقا، بۇ قانۇننىڭ 24-، 26-ماددىسىدىكى پېرېۋوت چېكىگە ئائىت بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

5-باب چەت ئەلگە چېتىشلىق ۋېكسىلغا قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشى

95-ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق ۋېكسىلغا قانۇن مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە تەتبىقلىنىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان چەت ئەلگە چېتىشلىق ۋېكسىل چەك كېسىش، كەينىگە ئىمزا قويۇش، چىقىمنى ئېتىراپ قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، پۇل چىقىم قىلىش ھەرىكەتلىرىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىمۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى سىرتىدىمۇ كۆرۈلگەن ۋېكسىلنى كۆرسىتىدۇ.

96-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىدە بۇ قانۇندىكىگە ئوخشىمايدىغان بەلگىلىمە بولسا، خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. ئەمما جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ پىكرىدە قالغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا.

بۇ قانۇندا ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىدە بەلگىلىمە بولمىغانلىرى خەلقئارا ئادەت بويىچە بولسا بولىدۇ.

97-ماددا ۋېكسىل قەرزدارىنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

ۋېكسىل قەرزدارىنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنى بويىچە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن دەپ قارالسىمۇ، ھەرىكەت كۆرۈلگەن جاينىڭ قانۇنى بويىچە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى تولۇق دەپ قارالسا، ھەرىكەت كۆرۈلگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

98-ماددا پېرېۋوت چېكى، خاس چەك كېسىلگەندە يېزىلىدىغان تۈرلەرگە چەك كېسىلگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

پۇل چېكى كېسىلگەندە يېزىلىدىغان تۈرلەرگە چەك كېسىلگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. ئالاقىدار كىشىلەر كېڭىشىپ، پۇل چىقىم قىلىدىغان جاينىڭ قانۇنىنى تەتبىقلىسىمۇ بولىدۇ.

99-ماددا ۋېكسىلنىڭ كەينىگە ئىمزا قويۇش، چىقىمنى ئېتىراپ قىلىش، پۇل چىقىم قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ھەرىكىتىگە ھەرىكەت كۆرۈلگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

100-ماددا ۋېكسىلنىڭ سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش قەرەلىگە چەك كېسىلگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

101-ماددا ۋېكسىلنىڭ سەمىگە سېلىش قەرەلى، رەت قىلىش ئىسپاتى بېرىش ئۇسۇلى، رەت قىلىش ئىسپاتى بېرىش قەرەلىگە پۇل چىقىم قىلىدىغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

102-ماددا ۋېكسىل يىتتۈرۈپ قويۇلغاندا، يىتتۈرۈپ قويغۇچىنىڭ ۋېكسىل ھوقۇقىنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىگە پۇل چىقىم قىلغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

103-ماددا تۆۋەندىكى ۋېكسىل ئالدامچىلىرىقلىرىنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جىنايى جاۋابكارلىق قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

(1) ۋېكسىلنى ياسىسا، ئۆزگەرتسە؛

(2) ياسالغان، ئۆزگەرتىلگەن ۋېكسىلنى قەستەن ئىشلەتسە؛

(3) قۇرۇق چەك كېسىپ ياكى ئالدىن قالدۇرۇلغان ئىمزا، تامغا نۇسخىسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان چەكنى قەستەن كېسىپ، ياكى ئالدىن قالدۇرۇلغان ئىمزا، تامغا نۇسخىسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان چەكنى قەستەن كېسىپ، مۈلۈكنى ئالداپ ئېلىۋالسا؛

(4) ئىشەنچىلىك مەبلەغ مەنبەسى بولمىغان پېرېۋوت چېكى، خاس چەكنى كېسىپ، مەبلەغنى ئالداپ ئېلىۋالسا؛

(5) پېرېۋوت چېكى، خاس چەك كەسكۈچى ئۇنى كەسكەندە ساختا تۈرلەرنى يېزىپ، مۈلۈكنى ئالداپ ئېلىۋالسا؛

(6) باشقىلارنىڭ ۋېكسىلنى كۆز بوياپ ئىشلىتىپ ياكى قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ياكى ئىناۋەتسىز قىلىنغان ۋېكسىلنى قەستەن ئىشلىتىپ، مۈلۈكنى ئالداپ ئېلىۋالسا؛

(7) پۇل چىقىم قىلغۇچى چەك كەسكۈچى، چەك ئىگىسى بىلەن يامان غەرەزدە تىل بىركتۈرۈپ، ئالدىنقى ئالتە تارماقچىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا.

104-ماددا ئالدىنقى ماددىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايەتكە توشمايدىغانلارغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.

105-ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن ۋېكسىل كەسپىدە بىپەرۋالىق قىلىپ، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ۋېكسىلنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلغان، ۋېكسىلغا پۇل چىقىم قىلىپ بەرگەن ياكى كاپالەتلىك قىلغانلارغا چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىر زىيان پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

پۇل مۇئامىلە ئاپپارتى خادىملىرى ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ئالاقىدار كىشىلەرگە زىيان سالسا، شۇ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ياكى بىۋاسىتە جاۋابكارلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

106-ماددا ۋېكسىلغا پۇل چىقىم قىلغۇچىلاردىن ۋېكسىلنى كۆرۈپ پۇل چىقىم قىلىپ بېرىدىغان ۋېكسىلنى ياكى قەرەلى توشقان ۋېكسىلنى قەستەن باستۇرۇپ قويۇپ، پۇل چىقىم قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلەرگە پۇل مۇئامىلىسىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەمۇرىي جەرىمانە قويىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكارغا چارە كۆرىدۇ.

ۋېكسىلغا پۇل چىقىم قىلغۇچىلاردىن ۋېكسىلنى قەستەن باستۇرۇپ قويۇپ، پۇلچىقىم قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ، چەك ئىگىسىگە زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

107-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان قىلمىشلاردىن سىرت، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

108-ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قەرەللەرنى ھېسابلاشتا «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»دىكى سۈرۈكنى ھېسابلاشقا دائىر بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

قەرەل ئاي بويىچە ھېسابلىنىدىغان بولسا، قەرەل توشقان ئاينىڭ قەرەل قىلغان كۈنى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ قەرەل قىلىنغان كۈن بولمىسا، ئاي ئاخىرىدىكى كۈن قەرەل توشقان كۈن بولىدۇ.

109-ماددا پېرېۋوت چېكى، خاس چەك، پۇل چېكىنىڭ نۇسخىسى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك.

ۋېكسىلنىڭ نۇسخىسىنى ۋە ئۇنى بېسىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلەيدۇ.

110-ماددا ۋېكسىل باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كىيىن يولغا قويىدۇ.

111-ماددا بۇ قانۇن 1996-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/247323.htm

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#