لوندون خان جەمەتى تەتقىقات ئورنى

لوندون خان جەمەتى تەتقىقات ئورنى

خان جەمەتى تەتقىقات ئورنى ئۆزىنىڭ پەننى چۈشەندۈرۈشتىكى ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيىسى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ھەم نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىدىغان مەركەز.

ئۇيغۇرچە نامى لوندون خان جەمەتى تەتقىقات ئورنى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1799-يىلى
خەنزۇچە نامى 伦敦皇家研究所
نىشانى ۋاقتىدا ئۆگىنىپ، ئىلم-پەن يېڭىلىقلىرىنى بايقاش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لوندون خان جەمەتى تەتقىقات ئورنى1799-يىلى قۇرۇلغان لوندون خان جەمەتى تەتقىقات ئورنى ئەسلىدە تەبىئىي پەننى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە پەننىڭ تەتبىقلىنىشىنى تەتقىق قىلىدىغان ئورۇن ئىدى. بىراق، ئۇزاق ئۆتمەي، خان جەمەتى تەتقىقات ئورنىدىكى مەشھۇر دائىمىي پروفېسسور ھۇمفرى داۋىد ئۇنى ئەينى چاغدىكى بىلىم ساھەسىدىكى زاتلار پەندىكى يېڭى بايقاشلارنى ۋاقتىدا ئۆگىنىدىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سورۇنىغا ئايلاندۇرغان.

لوندون خان جەمەتى تەتقىقات ئورنىبۈگۈنكى خان جەمەتى تەتقىقات ئورنى ئۆزىنىڭ پەننى چۈشەندۈرۈشتىكى ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيىسى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ھەم نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىدىغان مەركەز. ئۇنىڭ «جۈمە نۇتۇق يىغىنى» باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان ئالىملار ۋە كەسىپ ئەھلى بولمىغانلار ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. نۇتۇق يىغىنىنىڭ مەزمۇنى ۋە باشقا قىزىقارلىق مەزمۇنلار ھەر يىلى «خان جەمەتى تەتقىقات ئورنى يىغىن خاتىرىسى» دە ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ ئېلان قىلىنىدۇ. خان جەمەتى تەتقىقات ئورنى ئۇيۇشتۇرغان «روژدېستۋو بايرىمى لېكسىيىسى» 1825-يىلى تەشكىللەنگەندىن تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.

لوندون خان جەمەتى تەتقىقات ئورنىخان جەمەتى تەتقىقات ئورنىنىڭ نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم پائالىيىتى شۇكى، پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى تۈركۈملەپ ئېكسكۇرسىيەقىلىش ھەم تەتقىقات ئورنىدىكى پەن تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، خىزمەتداشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىش، پەن جەھەتتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى مۇزاكىرە قىلىش، تەتقىقات ئورنىنىڭ خىزمەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلىشقا ئۇيۇشتۇرىدۇ. تەتقىقات ئورنى ھەر يىلى 6-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۈچ قارار ئىلىم-پەندىن ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛ 4-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە تەييارلىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 44 قېتىم بىرقەدەر تەپسىلىي بولغان لېكسىيە ۋە چۈشىنىشلىك تونۇشتۇرۇش نۇتقى تەشكىللەيدۇ.

پەنگە قىزىقىدىغانلىكى ئادەم خان جەمەتى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەزاسى بولالايدۇ، ئۇنىڭدا پەن سالاھىيىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە خاراكتېرلىك چەكلىمە يوق.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#