مونتېنېگرو

مونتېنېگرو جۇمھۇرىيىتى

مونتېنېگرو جۇمھۇرىيىتى  (Republic of Montenegro) قىسقارتىلىپ  مونتېنېگرو دىيىلىدۇ.  مونتېنېگرو زىمىنى ئاساسەن قاراتاغ تاغلىق يېرى يېرىم ئېگىزلىكلىرى، دەريا ۋە دېڭىز بويلىرىدىكى تار تۈزلەڭلىكلەردىن شەكىللەنگەن.

ئۇيغۇرچە نامى مونتېنېگرو جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى مونتېنېگرو 黑山
ۋاقىت رايونى UTC+1 (شەرقى1- ۋاقىت رايونى)
دۆلەت تىلى مونتېنېگرو تىلى
نوپۇسى 622 مىڭ (2015-يىلى)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黑山共和国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
پايتەختى پودگورىسا
سىياسى تۈزۈلمىسى پارلامېنت تۈزۈمىدىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
نوپۇس زىچلىقى 45 ئادەم/ كىۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مونتېنېگرو جۇمھۇرىيىتىمونتېنېگرو جۇمھۇرىيىتى  (Republic of Montenegro) قىسقارتىلىپ  مونتېنېگرو دىيىلىدۇ.  مونتېنېگرو زىمىنى ئاساسەن قاراتاغ تاغلىق يېرى يېرىم ئىگىزلىكلىرى، دەريا ۋە دېڭىز بويلىرىدىكى تار تۈزلەڭلىكلەردىن شەكىللەنگەن. زېمىنى 13 مىڭ 812 كۋادرات كىلومېتىر. مونتېنېگرونىڭ 2015-يىلىدىكى نوپۇسى 622 مىڭ، ئاھالىنىڭ %43 نى  مونتېنېگرولار،  %32 نى سېربلار، %1.5 نى سىگانلار، %8 نى بوسنىيىلىكلەر(ئاساسەن سانجاك رايونىغا ئولتۇراقلاشقان) ،%5 نى ئالبانلار، %12 نى سىگان قاتارلىق مىللەتلەر  ئىگەللەيدۇ . سېرب تىلى دۆلەت تىلى. ئالبانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىككى ئۆلكىدە ئالبان تىلى ھۆكۈمەت تىلى. مونتېنېگرو ئاھالىسىنىڭ %70 ى پروۋىسلاۋىيە دىنىغا، %25 ئىسلام دىنىغا، %1 ى پروتېستانت دىنىغا، %1 كاتولىك دىنىغا  ئىشىنىدۇ.

پايتەختى: پودگورىسا، ئاھالىسى 250 مىڭ.  

مونتېنېگرو جۇمھۇرىيىتىمونتېنېگرو  ئەسلىدە ئىلىرىيىلىكلەر(ئالبانلار) نىڭ ئانا ماكانى بولۇپ مىلادى 8-ئەسىردە شەرقى ياۋروپادىن كەلگەن سىلاۋيانلار بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ۋە شەرقى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىپتىدائى دىنلاردىن خىرىستان دىنى پراۋوسلاۋىيە مەزھىپىگە ئۆتكەن. مىلادى 10-ئەسىردە چاسلاۋ كىلونىمىروۋىچ (Caslav Klonimirovic)-نىڭ يېتەكچىلىكىدە  مۇستەقىل سېربلار پادىشاھلىقى قۇرۇلغان،  تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ بالقاننى بويسۇندۇرۇشىغا ئەگىشىپ 1389-يىلى كوسوۋو ئۇرۇشىدا ئوسمان ئىمپىرىيەسى  سېرب نىمەنىيە  پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ سېربىيەنىڭ باشقا رايونلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەمما، ئوسمان سۇلتانلىقى بىلەن سېربىيەنىڭ تاغلىق رايونىدىكى ئېپىسكوپلارنىڭ دىنى ھاكىمىيىتى تۈزگەن مەڭگۈلۈك تېنچلىق شەرتنامىسىگە ئاساسەن مونتېنېگرو(مەنىسى قارا تاغ) بەش ئەسىرگە يەتكەن ۋاقىتتا مۇستەقىل ھاكىمىيەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغان. نەتىجىدە ئەسلىدە سېربلار بىلەن بىر مىللەت بولغان مونتېنېگرولار تىل ۋە ئۆرپ ئادەتتە سېربلاردىن پەرقلىنىدىغان يېڭى بىر مىللەتكە ئايلانغان.   1852-يىلى مونتېنېگرودىكى دىنى ھاكىمىيەت پادىشاھلىققا ئۆزگەرگەن. 

ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ شاھزادىسى سېرب مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مونتېنېگروغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشى، رۇسىيەنىڭ سېربىيەگە بولۇشۇپ ئۇرۇش ئېلان قىلىشى بىلەن ياۋروپادا زەنجىرسىمان ئۇرۇش كۆتۈرۈلۈپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن مونتېنېگرو زىمىنى دەسلەپتە ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1918-يىلى ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيىسى ئۇرۇشتا يېڭىلگەندىن كېيىن مونتېنېگرو مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ شۇ چاغدا مودا بولغان پان سىلاۋيانىزىم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن مۇستەقىل دۆلەت سېربىيە يېڭىدىن قولغا كەلتۈرگەن ۋويۋودىنا، كوسوۋو،  بوسنىيە ۋە يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان كرودىيە، سىلوۋېنىيەلەر بىلەن بىرلىشىپ يۇگۇسلاۋىيە (جەنۇبى سىلاۋيان مەنىسىدە) بىرلەشمە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 

2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۇگۇسلاۋىيە گېرمانىيە، ۋېنگرىيە، ئىتالىيەنىڭ ئۈچ تەرەپتىن قىلغان ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ۋويۋودىنا ۋېنگىرىيەگە، كوسوۋو ئالبانىيەگە قوشۇۋېلىنغان، پادىشاھلىقنىڭ قالدى زىمىنى گېرمانىيە يۆلەپ تۇرغۇزغان قورچاق كىرودىيەنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كىرودىيە مىللى قەھرىمانى تىتونىڭ ئىچكى جەھەتتىن گېرمانىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇپ رۇسىيە فىدراتسىيە ئىتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىشى ، رۇسىيە فىدراتسىيە ئىتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن مۇستەقىل يۇگۇسلاۋىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتىپاقى قۇرۇلۇپ مونتېنېگرو يۇگۇسلاۋىيە ئىتىپاقىدىكى ئالتە ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنىڭ بىرى بولغان . 

1980-يىلى تىتو ئۆلگەندىن  كېيىن مىللى مەسىلىلەر گەۋدىلىنىشكە باشلىدى، 1990-يىلى رۇسىيە فىدراتسىيە ئىتىپاقى پارچىلىنىپ يۇگۇسلاۋىيەگە سىرتتىن بېرىلىدىغان ھەربى ۋە دىپلوماتىيە ئۈمىدى ئۈزۈلگەندىن كېيىن يۇگۇسلاۋىيە ئىتىپاقىدىكى سىلوۋونىيە، كىرودىيە قاتارلىق بىر قەدەر باي دۆلەتلەر مۇستەقىللىق جاكارلاپ يۇگۇسلاۋىيە ئىتىپاقىدا پەقەت سېربىيە ۋە مونتېنېگرولا قالدى. بوسنىيە ۋە ماكىدونىيەنىڭ مۇستەقىللىقى سېربىيەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي ، ياۋروپا ئىتىپاقى، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قول تىقىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى. 1995-يىلىغا كەلگەندە يۇگۇسلاۋىيە دىگەن تارىخى نام يوقاپ سېربىيە بىلەن مونتېنېگرو بىرلەشمە جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەردى. 2006-يىلى مونتېنېگرو مۇستەقىللىق جاكارلاپ ياۋروپادىكى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ كېيىن مۇستەقىل بولغان دۆلەت سۈپىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان.

مونتېنېگرو جۇمھۇرىيىتى مونتېنېگرو زىمىنى ئاساسەن قاراتاغ تاغلىق يېرى يېرىم ئىگىزلىكلىرى، دەريا ۋە دېڭىز بويلىرىدىكى تار تۈزلەڭلىكلەردىن شەكىللەنگەن، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، %65 ئورمانلىق. %15 تېرىلغۇ يەر. تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، كان  بايلىقى مول . مونتېنېگرودا ئاھالىنىڭ %16 دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

پۇلى:  ياۋروپا دوللىرى . مونتېنېگرو گەرچە ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ رەسمى ئەزاسى بولمىسىمۇ ئەمما 2005-يىلىدىن بۇيان ياۋرو ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. 

مونتېنېگرو جۇمھۇرىيىتىمونتېنېگرو مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇن يۇگۇسلاۋىيەدىكى سانائىتى تەرەققى قىلمىغان يېزا-ئىگىلىك جۇمھۇرىيىتى ھىساپلىناتتى، يۇگۇسلاۋىيە پارچىلانغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇرۇش ۋە دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىمبارگوسى تۈپەيلى سېربىيە بىلەن بىرلەشكەن مونتېنېگرو ئىقتىسادى ئۈزۈل كېسىل ۋەيران بولغان ئىدى. 2006-يىلىدىن كېيىن مونتېنېگرونىڭ مۇستەقىل بولۇشى، ياۋروپا مەبلىغىنىڭ ئېقىپ كىرىشى بىلەن دۆلەت ئىقتىسادى تەرتىپكە چۈشۈپ گۈللىنىشكە يۈزلەندى. 

مونتېنېگرونىڭ 2006- يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %8.6 بولدى. 2007-يىلى مونتېنېگرونىڭ دۇنيا پۇل پوندى تەشكىلاتىغا ۋە دۇنيا بانكىسىغا ئەزا بولۇشىغا ئەگىشىپ چەتئەل مەبلىغى زور مىقداردا ئېقىپ كىردى ۋە كانچىلىق، ساياھەتچىلىك تارماقلىرى ئۇچقاندەك گۈللەندى. 2008 -يىلى مونتېنېگرونىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 4 مىليارد 515 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 9 مىڭ 700 دوللار توغرا كەلگەن. 

2008-يىلى مونتېنېگرونىڭ  ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %2 ، سانائەت %30 ، مۇلازىمەت %68 نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2007-يىلى مۇقىم تېلېفون ئابونتى 353 مىڭ 300 ، يانفون ئابونتى 821 مىڭ 800، ئىنتېرنېت ئابونتى 280 مىڭ بولغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#