نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى

نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى

نېرۋىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى غىدىقلىنىشى ۋە روھىي ھالەتنىڭ ھەددىدىن زىيادە قوزغىلىشى سەۋەبىدىن قۇلاق ئارقىسى، بويۇن ئارقىسى قاتارلىق جايلاردا دائىرىسى ئېنىق، چەكلىك دائىرىلىك ياپىلاق سەپكۈ كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇش، قاتتىق قىچىشىپ ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى نېرۋىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى غىدىقلىنىشى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار قورامىغا يەتكەنلەر
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى neurodermatitis
ئاساسلىق ئالامىتى قىچىشىش،سەپكۈ پەيدا بولۇش
خەنزۇچە نامى 神经性皮炎
تەۋە بۆلۈم تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
خەنزۇچە باشقا نامى 慢性单纯性苔藓
ئىنگلىزچە باشقا نامى lichen simplex chronicus

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، نېرۋىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى غىدىقلىنىشى ۋە روھىي ھالەتنىڭ ھەددىدىن زىيادە قوزغىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ئاساسىي بەلگىسى قىچىشىشتىن ئىبارەت. كۆپىنچە قۇلاق ئارقىسى، بويۇن ئارقىسى قاتارلىق جايلاردا دائىرىسى ئېنىق، چەكلىك دائىرىلىك ياپىلاق سەپكۈ كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇش، تىز ئاستى، چوڭ پاچاق ئىچكى قىسمى قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپلىگەن ياپىلاق ۋە قېلىن، شۇنداقلا پاراللېل ئورۇنلاشقان تېرە سەپكۈسى كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇش، قاشلىغاندا تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان قېلىن سەپكۈ پەيدا بولۇش، قاتتىق قىچىشىپ ئۇخلىيالماسلىق، كېسەللىك ۋاقتى ئۇزاققا سوزۇلۇپ، ئاسان قايتىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: چىلان، شاھتەررە، نېلۇپەر، گۈلى بىنەپشە 18 گىرامدىن، قىزىلگۈل 15 گىرام، گاۋزىبان، پىرسىياۋشان، بادرەنجى بۇيا، ئۈستقۇددۇس ئالتە گىرامدىن، سۇ ئىككى كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇغا ئالتە سائەت چىلاپ، ئاندىن سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە سۇس ئوتتا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىتەركىبى: پىلە مايىقى، بۇيا 200 گىرامدىن، كاۋاۋىچىن، پەنجىئەنگوشت، ئەمەن 40گىرامدىن، خەشخاش، شاھتەررە 30 گىرامدىن، سۇ ئۈچ كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: سۇغا دورىلارنى سېلىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 2 ~ 3 كۈندە بىر قېتىم بەدەن يۇيۇلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: ئەمەن 30 گىرام، مامرانچىنى 15 گىرام، چىلان غازىڭى، سامساق 10 گىرامدىن، ئاق بەزرۇلبەنجى 55 گىرام، %75 لىك ئىسپىرت 500 مىللىلىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چالا سوقۇپ، ئىسپىرتقا بىر ھەپتە چىلاپ، سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم سىرتىدىن سۈركىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#