كەركىدان مۈڭگۈزى

كەركىدان مۈڭگۈزى

بۇ قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان چوڭ ھايۋان تۈرىدىن بىرى بولغان كەركىدان ئائىلىسىدىكى ھايۋانات بىر قانچە خىل كەركىداننىڭ مۈڭگۈزىدىن ئىبارەت.

دورا نامى كەركىدان مۈڭگۈزى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 犀牛角

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان چوڭ ھايۋان تۈرىدىن بىرى بولغان كەركىدان ئائىلىسىدىكى ھايۋانات بىر قانچە خىل كەركىداننىڭ مۈڭگۈزىدىن ئىبارەت. بۇ مۈڭگۈزلەر كونۇس شەكىللىك بولۇپ، تۈۋىدىن چىققانسېرى تەدرىجىي ئىنچىكىلەيدۇ، سىرتقى يۈزى قارا رەڭلىك، ئاستى تەرەپنىڭ ئەتراپىدا ھەرە چىشىسىمان چىشلىرى بولىدۇ، پۇرىقى خۇش پۇراق، تەمى ئاچچىق ئەمەس.

تەركىبىدە مۈڭگۈز ئاقسىلى، كىراتىن (Keratin) بار، ئۇنىڭدىن باشقا ئاقسىللارمۇ بار.

1. يۈرەك قان تومۇرىغا بولغان تەسىرى: كەركىدان مۈڭگۈزى قايناتمىسى نورمال ۋە ئاجىزراق چارپاقىغا بېرىلسە، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى قۇۋۋەتلەش تەسىرى كۆرۈلىدۇ.

2. قىزىتما قايتۇرۇش تەسىرى: كەركىدان مۈڭگۈزى ۋە كەڭ كەركىدان مۈڭگۈزلىرىنىڭ، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى ئارقىلىق قىزىتما ھاسىل قىلىنغان توشقانغا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ.

3. باشقا تەسىرى: كەركىدان مۈڭگۈزى ۋە كالا، قوي مۈڭگۈزلىرى توشقان ئۈچىيىنى قوزغىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

قان توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرۇش، مىزاجنى تەڭشەش.

بوۋاسىر، ئەزالار قاناش، ھەر خىل جاراھەت، قىيىن تۇغۇت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

1. كەركىدان مۈڭگۈزىنىڭ تۈتۈنى بىلەن بالىياتقۇنى ئىسلىسا، تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

2. ئاقاقىيا، رۇسۇت، ئەنجىباھار، خۇنسىياۋشەن 10 گىرامدىن، كەركىدان مۈڭگۈزىدىن 5 گىرام ئېلىپ تالقانلاپ ئىچسە، ئىچكى تاشقى ئەزالاردىكى قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

سىرتتىن ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ، ئىچىدىن 7~3 گىرامغىچە.

باش ئاغرىتىدۇ.

ئاق سەندەل.

بۇغا مۈڭگۈزى.

كۆپرەك ھىندىستان ۋە ئافرىقىدىن چىقىدۇ.

كەركىدان مۈڭگۈزى سۇپۇپى.

1. مۈڭگۈزنى ياپىلاقلاپ، قايناقسۇغا چىلاپ ھورلانغاندىن كىيىن يالپۇز جەۋھىرىدىن بىر ئاز سېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇلىدۇ.

2. مۈڭگۈزنى ئېزىپ پاراشوك ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ھەر خىل شەكىلدىكى مۇرەككەپ دورىلار تەركىبىگە قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#